ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى مۇنبىرى يىغىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىدىكى ئاساسلىق يىللىق يىغىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۆۋەت مەزكۇر مۇنبەرنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دۆلەتلەردە ئايرىمىچىلىققا ئۇچراۋاتقان، زۇلۇم كۆرۈۋاتقان مىللەتلەر ۋەكىللىرى، ھۆكۈمەتلەر ۋەكىللىرى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، ئاكادېمىك-تەتقىقاتچىلاردىن بولۇپ 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى جۈملىدىن ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى ئاڭلاتقان. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى يىغىندا زۇبەيرە خانىمنىڭ سۆزلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قاتتىق ھەرىكەت قىلغان. يىغىن تەرتىپى بويىچە زۇبەيرە خانىمغا سۆز نۆۋىتى كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىن زالىدىكى ۋەكىللىرى ئۇنىڭ سۆزىنى تەكرار-تەكرار بۇزۇشقا ۋە ھەتتا ئۇنى سۆزلەتمەسلىككە ئۇرۇنغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى سۆز ئېلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق ئورگىنى ئىكەنلىكىنى، ھەرگىزمۇ مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى يىغىنىدا بۇ بۆلگۈنچى ئورگانغا سۆز ھەققى بېرىلمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكانىڭ ۋەكىلى دەرھال سۆز ئېلىپ «ئامېرىكا ھۆكۈمەتسىز مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ ب د ت نىڭ ھەرقانداق مۇنبىرىدە سۆز قىلىشىنى قوللايدۇ، ئۇلارنىڭ ب د ت مۇنبەرلىرىدە سۆزلىشىنى چەكلەش توغرا ئەمەس» دېدى. ئامېرىكا ۋەكىلىنىڭ سۆزى زالدىكىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئەمما سۈرىيەنىڭ ۋەكىلى ئۇ يەردە خىتاينىڭ سۆزىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
يىغىن رىياسەتچىسى بولسا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلى زەبەيرە شەمسىدىن خانىمنىڭ يىغىندىكى سۆزلىگۈچىلەر تىزىملىكىدە يەر ئالغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ سۆزلەش ھوقۇقى بارلىقىنى ئەسكەرتكەندىن كېيىن ئۇنى سۆزگە تەكلىپ قىلغان.
زۇبەيرە خانىم سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا قاتتىق زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان بىر مىللەتلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدە خىتاي ئىلگىرى سۈرگەندەك ئاز سانلىق مىللەت ئەمەسلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىنى شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتايدىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ» ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتىشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىدا تۇرۇپ خىتاينىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللارنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2016-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇننى يولغا قويۇپ 2-3 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا قامىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئادىل سوت تەرتىپىگە ۋە ئەرز قىلىش ھوقۇقى يوقلىغىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە يەنە، خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ مەسىلىدە يېتەرلىك ھەرىكەت قوللانمىدى، دەپ ئەيىبلىگەن.

ئۇ يۇقىرىدىكى سۆزلەرنى قىلىۋاتقاندا خىتاي توختىماي سۆز ئېلىپ ئۇنى توسۇشقا ئۇرۇنغان. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكا ۋەكىلىنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، سۈرىيە ۋە ئىران ۋەكىللىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىمنىڭ بىزگە دېيىشىچە، ئۇنىڭ بۇ يىغىندا سۆزلەيدىغان 7 مىنۇتلۇق سۆزىنىڭ تېكىستى يىغىندىن بۇرۇن يىغىن كومىتېتىغا ئەۋەتىلىپ تەستىقتىن ئۆتكەن ۋە ئۆزىگە شۇ يەردە سۆزلەش ھوقۇقى بېرىلگەن بولغاچقا ئۇ سۆزىنىڭ مۇھىم قىسىملىرىنى ئۇ يەردە تاماملاشقا مۇۋەپپەق بولغان.
1-دېكابىر كۈنى باشلانغان بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى مۇنبىرىنىڭ 15-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ بىر كۈن ئاۋۋالقى تەييارلىق يىغىنىدىمۇ يۇقىرىقىدەك ئەھۋال يۈز بەرگەن بولۇپ، زۇبەيرە خانىم يىغىن ئەھلىگە ئۈرۈمچىدە 24-نويابىر كۈنى يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنى ئاڭلاتقان ئىكەن. ئۇ بۇ ئاپەتتە خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى چېكىدىن ئاشقان يۇقۇم قامال تەدبىرى ۋە ئادەم قۇتقۇزۇشقا سەل قارىشى سەۋەبىدىن نۇرغۇن جاننىڭ بىھۇدە يەرگە ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلغان. شۇ چاغدىمۇ نەق مەيداندىكى خىتاي ۋەكىللىرى زۇبەيرە خانىمغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى «ئوت ئاپىتىنى سىياسىيلاشتۇردى» دەپ ئەيىبلىگەن.
زۇبەيرە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقانداق بىر سورۇندا، ھەرقانداق بىر پۇرسەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنىڭ چىقىشى، ئۆزلىرىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قاتتىق تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكەن.
مەزكۇر يىغىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى خىتابنامىسىنى ئېلان قىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىق خاتىرە مەزگىلىگە توغرا كەلگەن. يىغىندا مەزكۇر خىتابنامىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەش، مەزكۇر خىتابنامىگە قول قويغان ھۆكۈمەتلەرگە مەجبۇرىيىتىنى ئەسكەرتىش ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئاز سانلىق مىللەت دەپ ئاتىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ئاڭلاش مەقسەت قىلىنغان ئىكەن.
ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنبىرىنىڭ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ 15-قېتىملىق يىغىنى يەنە بىر قېتىم مۇستەقىل تەنقىدىي ئاۋازلارنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغان خىتاي، ئىران، سۈرىيە قاتارلىق مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر بىلەن پىكىر ئەركىنلىكىگە، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان ئامېرىكا قاتارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە شەخسلەر ئارىسىدىكى كەسكىن بىر جەڭ مەيدانىغا ئايلانغان.