ب د ت ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ كىشىنى «تولىمۇ تەشۋىشكە سالىدىغان» لىقىنى بىلدۈرگەن

10-دېكابىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى توپلىغان ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ كىشىنى «تولىمۇ تەشۋىشكە سالىدىغان» لىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۆزلىرىنىڭمۇ بۇ ھەقتە بىر دوكلات تەييارلاۋاتقانلىقىنى، دوكلاتنىڭ پات يېقىندا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى 9-دېكابىر لوندوندا ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە خىتاي باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى رۇبېرت كولۋىللې جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇر سوتى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك كىشىنى تولىمۇ تەشۋىشكە سالىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىدى.»

ئۇ يەنە ئۆزلىرىنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بەزى مەلۇماتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى ئېيتقان ۋە مۇنداق دېگەن: «بىزمۇ ئەلۋەتتە ھەر خىل ئورۇنلاردا ئوخشاش شەكىلدىكى خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە ناچار مۇئامىلىگە ئۇچراش ئەندىزىلىرى، مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئەمگەك قىلمىشلىرى ھەمدە ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ئېنىقلىدۇق.»

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتىنى كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئېلان قىلىدىكەن.

2018-يىلى سېنتەبىردىن بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىچېلل باچېلېت خىتاينى زىيارەت قىلىش شەرتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن.

ھالبۇكى، خىتاي ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى توسالغۇسىز زىيارەت قىلىش تەلىپىنى ئىزچىل ھالدا رەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.