24-فېۋرالدىن باشلاپ جەنۋەدىكى ب د ت باش شىتابىدا 58-قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 2025-يىللىق يىغىنى باشلانغان ئىدى. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئېچىلىش سۆزىنى سۆزلىگەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك نۇتقىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى تىلغا ئالمىغان. بۇ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، سىياسىي پائالىيەتچىلەر ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
ب د ت نىڭ ئورگان تور بېتىدە بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى كېڭەشتە ئوتتۇرىغا قۇيۇلىدىغان نۇقتىلىق كۈنتەرتىپلەر «قىيىن-قىستاق، دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى، ئەدلىيە دىيالوگى، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مېيىپلەر ھوقۇقى، ئۈچىنچى دۇنيا دۆلەتلىرىنى قەرز ئارقىلىق كونترول قىلىش، ئاشلىق مەسىلىسى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش، خۇسۇسىي مەخپىيەتلىك، بالىلارغا زوراۋانلىق قىلىش ۋە بالىلارنى ئورۇشقا سېلىش، بالىلارنى سېتىش ۋە جىنسىي زوراۋانلىق، مۇھىت، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى» قاتارلىق تېمىلاردىن تەشكىل تاپقان. ھالبۇكى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالمىغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، تايلاندتىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى مىسال قىلىپ، ب د ت ئۆزىنىڭ خىزمەت رولىنى جارى قىلدۇرالمىدى، ب د ت نىڭ خىتاي ۋە تايلاندتىن ھېساب سوراش مەجبۇرىيىتى بار، دېگەن كۆزقاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
بۇ نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلغان خىتاي ۋەكىلى، «كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قوغداش، كىشىلىك ھوقۇقنى سىياسىيلاشتۇرماسلىق، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش تۇتۇش» دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن خىتايغا ئوخشاش دىكتاتور دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ياكى ئۇنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشتۇر، دەپ قارالماقتىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىممۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمەت ئورگىنى» نىڭ بۇ باياناتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمەت ئورگىنى» ئۆزىنىڭ ئورگان تور بېتىدە ئېلان قىلغان مەخسۇس باياناتىدا، ب د ت نى ئۆزىنىڭ فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇشقا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە، قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى توختىتىشقا، شۇنداقلا خىتايدىن ھېساب سوراشقا چاقىرىق قىلغان.
بۇ باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ب د ت مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەۋسىيەلىرىنى نەزەرگە ئېلىپ، خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى باھانە قىلىپ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىغا يول قويماسلىقى كېرەك. يەنى خىتاينىڭ مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىغا قارىتىۋاتقان دەپسەندىچىلىكلىرىنى توسۇش كېرەك. . .»

نۆۋەتتە فىرانسىيە پايتەختى پارىژدىكى ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئابدۇۋەلى ئايۇپ، ب د ت نى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە «قوش ئۆلچەم قوللاندى» دەپ تەنقىد قىلدى.
«خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمىتى تەشكىلاتى» نىڭ باياناتىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن «ب د ت 2018-يىلىدىن باشلاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى خاتىرىلەۋاتىدۇ. بىز بۇ يەردە يەنە ‹بېيجىڭ خىتابنامىسى›نىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقان دەقىقىلەردە، ‹ئاياللارغا قارىتىلغان كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتى› خىتايدىكى ئايال پائالىيەتچىلەرگە پاراكەندىچىلىك سېلىش، ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا چەك قويۇش، ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئاياللىرىغا قارىتا مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىشقا ئائىت يېڭى ھۆججەتلەرنى خاتىرىلىدى. خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك خاتىرىلىرى بۇ قېتىمقى كېڭەشتە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، دۆلەتلەر ب د ت ئالىي كومىسسارلىقى ئېلان قىلغان ‹شىنجاڭ دوكلاتى›نىڭ روھىغا ئاساسەن، خىتايدىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىشى ۋە يولغا قويۇلۇشىنى باھالىشى كېرەك».