ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى باچېلېتنىڭ خىتاي زىيارىتى رەسمىي باشلاندى

0:00 / 0:00

23-ماي كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ خىتاي زىيارىتى رەسمىي باشلانغان. 28-مايغىچە داۋاملىشىدىغان بۇ بىر ھەپتىلىك زىيارەت داۋامىدا مىشېل باچېلېت باشچىلىقىدىكى ب د ت زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىمۇ زىيارەت قىلىدىغانلىقى مەلۇم.

«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ 23-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مىشېل باچېلېت 23-ماي كۈنى دىپلوماتلار بىلەن ئۆتكۈزگەن ئېكران يىغىنىدا، ئۆزىنىڭ بۇ بىر ھەپتىلىك ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتىنىڭ «تەكشۈرۈش» بولمايدىغانلىقى، بەلكى خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىنمۇ 23-ماي كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، باچېلېتنىڭ خىتاي زىيارىتىگە ئاخبارات ساھەسىنىڭ قاتناشتۇرۇلمايدىغانلىقى، بۇ زىيارەتنىڭ «ئىككى تەرەپنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن يېپىق ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق زىيارەت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئالى كومىسسارىنىڭ 2005-يىلىدىن بۇيانقى خىتاينى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، جۈملىدىن ئامېرىكادىكى «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارنىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتىدە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لەرنى تەكشۈرۈشنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ خىتاي ئىشلىرى مەسئۇلى سوفى رىچاردسون (Sophie Richardson) خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە باشقا نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە تەتقىقاتچىلار، خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ھەققىدە پەرەزلىرىمىزنى ئەمەس، بەلكى نۇرغۇنلىغان ئىشەنچلىك ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئەگەر خىتايدىن باشقا دۆلەت بولغان بولسا، ئالىبۇرۇن نەچچە قېتىم تەكشۈرۈلۈپ بولغان بولاتتى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى باچېلېتنىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتىنىڭ يۇقىرى چەكلىمىلىك زىيارەت بولىدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتىدۇ. لېكىن ئالىي كومىسسار خىتاينىڭ ‹جىنايى جاۋابكارلىقى› نى سۈرۈشتە قىلىشتا چىڭ تۇرسا، يەنىلا تەكشۈرۈشكە پۇرسەت بولۇشى مۇمكىن ئىدى. بىز يىللاردىن بىرى خىتايدىن ئىبارەت بۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىپ كەلدۇق. ئۇ بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىدىن خەۋەردار، ئۇ ئاشۇ مەسىلىنىڭ مەركىزىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ھازىرقى گەپ ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىلەن يۈزلەشكەندە، بۇنىڭغا قارىتا قانداق ھەرىكەت قېلىشىدا. بۇ ئۇنىڭ خىزمىتى ۋە ئۇنىڭ مەجبۇرىيىتى، خالاس.»

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى (Amnesty International) 23-ماي كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لەرنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشى ئۈچۈن بۇ ھالقىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئاگنېس كاللامارد (Agnes Callamard) باياناتتا مۇنداق دېگەن: «مىشېل باچېلېتنىڭ شىنجاڭغا قىلغان زىيارىتى بۇ رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ھەل قىلىشتىكى ھالقىلىق پۇرسەت، بۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقەتنى يوشۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر مەيدان جەڭدۇر. ھالبۇكى، ئالتە كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ زىيارەتتە ئۇ پەقەت شىنجاڭدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ يۈزىنى سىيپاپ ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن. ئەمما ھېچ بولمىغاندا، باچېلېتنىڭ زىيارىتى چوقۇم خىتاينىڭ رايوندىكى باستۇرۇشلىرىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈشى كېرەك، يەنى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلار باستۇرۇشنىڭ نىشانى بولۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ چەت ئەلدىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلار ئۈچۈن قانداق ئۇسۇلدا ئادالەت تەلەپ قىلىشنى بىلەلمەي ئازابلىنىۋاتىدۇ.»

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ب د ت نىڭ مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن باشقا كىشىلىك ھوقۇق نازارەتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشىنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى نېد پرايس (Ned Price) ئالدىنقى ھەپتىلەردە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي زىيارىتىدىن «چوڭقۇر ئەندىشە» قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئېدۋارد ماركېي(Edward Markey) بىلەن مىت رومنېي(Mitt Romney)، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتىنىڭ «توسالغۇسىز ۋە نازارەتسىز» ئىلىپ بېرىلىشى توغرىلىق چاقىرىق قىلغان ئىدى.

ئۇلار بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن تۆت يىلدەك سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ئاخىرى شىنجاڭبنى زىيارەت قىلىشقا بارىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى قارشى ئالىمىز. ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى ئېنىقلاش جەريانىدا نازارەتسىز، چەكلىمىسىز زىيارەت قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ زىيارىتى جەريانىدا زىيارەت قىلىش ھوقۇقى چەكلەنگەن ياكى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنغان ئەھۋاللارنى چوقۇم خاتىرىلىشى ۋە خەلقئاراغا ئاشكارىلىشى كېرەك».

ئالدىنقى قېتىملىق پروگراممىلىرىمىزدا بىز بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى» نى ئىنكار قىلىدىغان بىر قاتار ئىجتىمائىي تاراتقۇ تەشۋىقاتلىرى، شۇنداقلا خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خىتايغا بېرىپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە نەق مەيداندىن خەۋەر ئىشلەشتە ئۇچرىغان توسالغۇلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مىشېل باچېلېت خانىمنىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مىشېل باچېلېت خانىمنىڭ بۇ زىيارەت جەريانىدا خىتاينىڭ بىر ئەمەلدارى بولۇپ قالماسلىقىنى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئالى كومىسسارلىق ۋەزىپىسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

سوفى رىچاردسون خانىم ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «بۇ زىيارەت پەقەتلا مىشېل باچېلېتنىڭ ياكى ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ ئىشەنچىلىكلىك دەرىجىسىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەيدۇ، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى، پۈتكۈل ب د ت كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسىنىڭ زادى قانداق يۈرىتىلىدىغانلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا ئۇنىڭ زادى قانچىلىك فۇنكىتسىيگە ئىگە بىر ئورگان ئىكەنلىكىدەك ھەقىقىي يۈزىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. ئەمما بىز يەنىلا ئۇنىڭ بۇ ھەپتە ئاخىرىدا نېمە دەيدىغانلىقىغا قارايمىز.»

«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ب د ت نىڭ بىر ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن مۇستەقىل كۆرۈشىدىغانلىقنى دەلىللىگەن. خەۋەرگە قارىغاندا، باچېلېت يەنە ئۇيغۇر رايونى ھەققىدە كېچىكتۈرۈلگەن دوكلات ۋە بۇ زىيارەت ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا دوكلات تەييارلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما ھەر ئىككىسىنىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتىنى ئېيتمىغان.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ 20-ماي كۈنىدىكى باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىشېل باچېلېت 23-مايدىن 28-مايغىچە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى جەريانىدا، گۇاڭجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەيدىكەن. ئۇيغۇر رايونىنىڭ قەشقەر ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنى زىيارەت قىلىدىكەن ۋە شەنبە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، بۇ قېتىملىق زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىكەن.