كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ كېلەر قېتىملىق ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئورۇن ئېلىشىغا قارشى چىقماقتا

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020.10.09
bdt-xitay-bayriqi-yettesu.jpg «#VoteNoChinaا» يەنى «خىتايغا بىلەت تاشلىماسلىق» پائالىيىتى ئۈچۈن لايىھىلەنگەن سىزما رەسىمى. 2020-يىلى ئۆكتەبىر.
Yettesu

7-ئۆكتەبىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 18 دۆلەتتىكى 68 ئۇيغۇر تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ھالدا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە دائىمىي ئەزالىق سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن. باياناتتا يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا قايتا سايلىنىشىغا قارشى ئاۋاز بېرىشكە چاقىرىق قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە 13-ئۆكتەبىر ب د ت نىڭ ئومۇمىي مەجلىسى ئېچىلىدىغان بولۇپ، 2021-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۈچ يىل ۋەزىپە ئۆتەيدىغان 15 يېڭى كېڭەش ئەزاسىنى سايلاپ چىقىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى گۇرۇپپىسىدىكى تۆت ئورۇن ئۈچۈن پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، نېپال، ئۆزبېكىستان ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر رىقابەتلىشىدىكەن.

باياناتتا ب د ت ئېلان قىلغان «كومىتېتقا سايلانغان ئەزالار كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداشتىكى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە چىڭ تۇرىدۇ ھەمدە كېڭەش بىلەن تولۇق ھەمكارلىشىدۇ،» دېگەن بەلگىلىمىسى ئەسكەرتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ خىتايغا كېرىپ، لاگېرلارنى تەكشۈرۈش تەلىپىنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى 20 يىلدىن بىرى ئاز دېگەندە 17 قېتىم ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى ياكى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ رەسمىي زىيارىتى توغرىسىدىكى تەلەپلىرىگە ۋە ئەسكەرتىشلەرگە جاۋاب بەرمىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەگەر خىتاي بۇ كېڭەشكە قايتا كىرسە، بۇ ئورگاننى ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشتا قالقان قىلىپ ئىشلىتىدۇ. خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولۇشى بىر تارىخىي خاتالىق.»

8-ئۆكتەبىر كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا ئورۇن بەرمەسلىكى كېرەك» سەرلەۋھىلىك بىر ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالىدە: «يىغىن ئەزالىرى خىتاي قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەتلەرگە بېلەت تاشلىماسلىقى كېرەك،» دېيىلگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2017-يىلىمۇ خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولۇشىغا قارشى بايانات بەرگەن بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون خانىم كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىلمۇ دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ شۇنچە كۆپ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى يۈرگۈزۈشىگە قارىماي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا نامزات بولۇشى چوڭ مەسىلە. مەزكۇر كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولۇش خىتايغا نىسبەتەن نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. باشقا ئەزالارنى ئەتراپىغا توپلاپ، ب د ت دا ئۆزىنى قوغدىيالايدۇ.»

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئېلان قىلغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ب د ت دىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى لۇئىس چاربونناۋ ئەپەندى: «ئىزچىل كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىپ كېلىۋاتقانلار كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى ئورۇنلار بىلەن مۇكاپاتلانماسلىقى كېرەك. خىتاي ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئۆز دۆلىتى ئىچىدە كەڭ كۆلەمدە كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلار قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ،» دېگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى پىتىر ئېرۋىن ئەپەندى خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولۇش سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئەزالىق ئۆلچەملىرىگە چۈشمەيدىغانلىقنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ب د ت ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغان مۇھىم ئورگان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بىزنىڭ كۆزىتىشىمىزچە، خىتاي ب د ت نىڭ ئۆلچەملىرىگە چۈشمەيلا قالماستىن، بەلكى ئۆزى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت. خىتاي يەنە كىشىلىك ھوقۇقنى تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرىنىڭ تەكشۈرۈشنى رەت قىلغان دۆلەت. شۇڭا خىتايغا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتى بېرىلمەسلىكى كېرەك.»

سوفىي رىچاردسون خانىم بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى قوشۇمچە قىلدى: «ئەگەر ب د ت خىتاي كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا قايتا سايلانسا، بۇ ھۆكۈمەت قوللىغان سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يەنە كېلىپ جازاسىز قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك جىنايەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ يۈز بېرىشىگە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى يانتاياق بولۇپ بەرگەن بولىدۇ.»

چاربونناۋ ئەپەندى «تاللاش پۇرسىتى بولمىغاندا، دۆلەتلەر لاياقەتسىز نامزاتلارغا بېلەت تاشلاشنى رەت قىلىشى كېرەك» لىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ كۆز-قاراشنى قوللاپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىغانلىق، قاتىلغا قورال تۇتقۇزغانلىق بىلەن باراۋەردۇر.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.