ئون بەش غەرب دۆلىتى ب د ت دا خىتايدىن غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان

0:00 / 0:00

ب د ت 3-كومىتېتىنىڭ يەنى ئىجتىمائىي، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە مەدەنىيەت كومىتېتىنىڭ 22-ئۆكتەبىر نيۇ-يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى غەرب دۆلەتلىرى بىلەن خىتاي ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنى ھەم مۇسۇلمان ئەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوللىغۇچىلىرى ئارىسىدا يەنە ئىختىلاپ قوزغىغان.

يىغىندا، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا، كانادا، دانىيە، فىنلاندىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق ئەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 غەرب دۆلىتى ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدىن ئالاقىدار ب د ت ئورگانلىرىنىڭ، جۈملىدىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى بارلىق تەۋسىيەلىرىگە ئەمەل قىلىشىنى، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشى، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلارنىڭ تەقدىرى ۋە قەيەردە ئىكەنلىكىگە دەرھال چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. يىغىندا، 15 غەرب دۆلىتى ئىمزا قويغان ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ھەققىدىكى ئورتاق خىتابنامە، ئاۋسترالىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جېيمىس لارسېن( James Larsen) تەرىپىدىن ئوقۇپ ئۆتۈلگەن.

جېيمىس لارسېن مۇنداق دېگەن: «ئىككى يىل ئاۋۋال، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى دوكلاتى، شىنجاڭدا كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىنغانلىقىنى باھالاپ چىققان، ئۇيغۇر ۋە شىنجاڭدىكى كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خالىغانچە ۋە كەمسىتىش خاراكتېرلىك تۇتقۇن قىلىشنىڭ كۆلىمى‹خەلقئارا جىنايەت، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بېكىتكەن.»

ئورتاق باياناتتا، ب د ت نىڭ باشقا ئورگانلىرى، جۈملىدىن ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش، مېيىپلەر ھوقۇقى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى كومىتېتى، ئاياللار ھوقۇقى كومىتېتى ھەم خالىغانچە تۇتقۇنغا خاتىمە بېرىش كومىتېتلىرىنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش تەۋسىيەلەرنى بەرگەنلىكى، شىنجاڭ ھەققىدە جىددىي ھەرىكەت قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ ھەقلىق ئەندىشىلەرنى ھەل قىلىش پۇرسىتى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ دوكلاتىنى «قانۇنسىز ھەم ئىناۋەتسىز» دەپ ئېلان قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

يىغىندا جېيمىز لارسېن يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بىز خىتاينى ئۆزىنىڭ ئۈستىگە ئالغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيىتىگە ئەمەل قىلىشقا، ب د ت نىڭ بارلىق تەۋسىيەلىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىشقا، جۈملىدىن كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ باھالاش دوكلاتى، ئالاقىدار ب د ت ئاپپاراتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزملىرىنىڭ تەۋسىيەلىرىنى ئىجرا قىلىشقا چاقىرىمىز. بۇ شىنجاڭ ۋە تىبەتتىكى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشنى، غايىب بولغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تەقدىرى ۋە قەيەردە ئىكەنلىكىگە چۈشەنچە بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.»

لېكىن يىغىندا خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى فۇ سوڭ ب د ت نىڭ «ئاتالمىش شىنجاڭ دوكلاتى يالغانچىلىق ۋە ئالدامچىلىققا تولغان» دەپ كۆرسىتىپ، 15 دۆلەتنىڭ چاقىرىقىنى رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي يەنە پاكىستاننىڭ باشچىلىقىدا ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكاسىدىكى خىتاينى قوللايدىغان 80 دۆلەتنىڭ ئورتاق باياناتىنى ئېلان قىلىپ، «شىنجاڭنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى» ئىكەنلىكى ۋە «كىشىلىك ھوقۇقنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلۇشى» غا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. يىغىندا يەنە خىتاي خىتاي بېلورۇسىيە، كامبودژا، بۇكىنافاسو، كامېرون، كۇبا، شىمالىي كورېيە، مىسىر، ئېفىيوپىيە، لائوس، ئىران قاتارلىق 28 دۆلەتنىڭ ئورتاق باياناتىنى ئېلان قىلىپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئېمبارگوسى «نىشاندىكى دۆلەتلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى» دەپ ئەيىبلىگەن. باياناتتا «شىنجاڭ» نامى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي كارخانىلىرىغا ۋە ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزگەنلىكى مەلۇم.

يىغىندا خىتاي ۋەكىلى فۇ سوڭ: «بۇ، ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى، ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىشى، مۇستەقىل ۋە ئۆز ئالدىغا تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرىدىغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە جازالىشىدەك ھەقىقىي مۇددىئاسىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى» دېگەن.

خىتاي ۋەكىلى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ئەيىبلەشلەرنى «يالغانغا» چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما 3-كومىتېتنىڭ شۇ كۈنكى 2-باسقۇچلۇق يىغىنىدا چېخىيە ۋەكىلى، خىتايدىن خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، «خىتايدا، بولۇپمۇ شىنجاڭ بىلەن تىبەتتە خالىغانچە تۇتقۇن، مەجبۇرىي ئەمگەك، تەن جازاسى، جىنسىي زوراۋانلىق داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلۇشى، ئادۋوكات گاۋ جىشىڭنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە ئىز-دېرەكسىز يوقىلىشى، مۇستەقىل ئاۋازلارنىڭ يوق قىلىنىشىنىڭ تىپىك مىسالى» ئىكەن. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاينى خوڭكوڭدا دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنى بىكار قىلىشقا، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى، دېموكراتىيەپەرۋەر پائالىيەتچىلەرنى، مۇستەقىل ژۇرنالىستلارنى، جۈملىدىن جى مىلەي ۋە شۆ خەنتوڭنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز.»

ھالبۇكى، مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ئىشەنچلىك دەلىللەرگە جىددىي مۇئامىلە قىلمىغۇچە، ئۇنىڭ بۇ دەلىللەرنى رەت قىلىشى ھېچقاچان ئىشەنچلىك بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ سابىق دىرېكتورى، ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى «دېموكراتىيە، تەرەققىيات ۋە قانۇن رولى مەركىزى» نىڭ زىيارەتچى تەتقىقاتچىسى سوفىيە رىچاردسون(Sophie Richardson) مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي دائىرىلىرى ھۆكۈمەتلەر، تەتقىقاتچىلار، ژۇرنالىستلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىشەنچلىك پاكىتلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىغۇچە، ئۇلارنىڭ بۇ پاكىتلارنى يالغان، دەپ ئىنكار قىلىشى ھېچقاچان ئىشەنچلىك بولمايدۇ.»

سوفىيە رىچاردسوننىڭ 23-ئۆكتەبىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىشىچە، يۇقىرى 15 دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق باياناتى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ يالغۇز جەنۋەدىلا ئەمەس، نيۇ-يوركتىمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىشى ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. لېكىن سوفىيە رىچاردسون، بۇ بايانات يۇقىرىقى دۆلەتلەرنىڭ ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلەش نۇقتىسىدىن مۇھىم بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ خىتايغا تەھدىت سېلىش كۈچى يوقلۇقىنى، بۇنىڭ بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئەمىلى تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

سوفىيە رىچاردسون مۇنداق دەيدۇ: «بۇ بايانات ئەندىشىلەرنى ئىپادىلەش نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى قورقۇتۇش كۈچى يوق. شۇڭا، ھۆكۈمەتلەر قانداق قىلغاندا ئىشەنچلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكىنى بولىدۇ، دېگەنگە مەركەزلىشىشى زۆرۈر. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە كەڭ-كۆلەملىك جازالاشنى داۋاملاشتۇرسا، ئۇنىڭ تۆلەيدىغان بەدىلىنى ئويلىشىپ ئىش قىلىشى كېرەك.»