بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى رۇس تىللىق مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىقارلىق تېمىسىغا ئايلانماقتا
2022.02.11

خىتاي ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئەينى مەقسىتى ۋە ماھىيىتى ھەققىدە دۇنيا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەر خىل مەزمۇندىكى ماقالىلەرنى ئېلان قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇلار جۈملىسىدىن رۇس تىلىدىكى مەتبۇئاتلاردىمۇ بۇ ھەقتە ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇلاردا مەزكۇر ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ۋە ئاقلاش ئۈچۈن يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى، مۇسابىقىلەر داۋامىدا بەزى ئادالەتسىزلىكلەرنىڭ ئورۇن ئېلىۋاتقانلىقى، ھەتتا بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز تەنھەرىكەتچىلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
«ئازادلىق» رادىيوسى ئېلان قىلغان رۇسلان مېدېلبېكنىڭ «ئولىمپىك مەشئىلى ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىسىنىڭ قولىدا. خىتاي قانداق قىلىپ مۇسابىقىلەرنى سىياسىيلاشتۈرۈۋاتىدۇ» ناملىق ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دىلنىگار ئىلھامجان ئىسىملىك ئۇيغۇر قىزىغا ئولىمپىك مەشئىلىنى يېقىش ھۆرمىتىنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئاياللار ئارىسىدا چاڭغۇ تېيىلىش بويىچە 30 كىلومېتىرلىق مۇسابىقىدە پەقەت 43-بولۇپ كەلگەن ۋە مۇكاپاتلىق ئورۇندىن ئايرىلىپ قالغان. ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە ھوقۇق قوغدىغۇچى تەشكىلاتلار دىلنىگار ئىلھامجاننىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىنىڭ ئېچىلىشىغا قاتناشتۇرۇلۇشىنى «خىتاينىڭ قەستەن ھەرىكىتى» دەپ ئاتىغان.
ماقالىدا شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى توختىتىش بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى بېننېت فرىماننىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزۈشتىكى ھەرىكەتلىرىنى «خىتاينىڭ ئۇياتسىز ھاقارىتى»، كانادانىڭ سايمون فرېيزېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا تەتقىقاتلار بۆلۈمىنىڭ دوتسېنتى داررېن بايلېرنىڭ بۇنى «ئىنتايىن ياخشى ئويلاپ تېپىلغان تاللاش» دەپ ئاتىغانلىقى ئېيتىلغان. ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى جىنايەتلىرىدىن ھېچقاچان باش تارتمايدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە دۇنيانىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىدىن ئۇنىڭ كارى يوقلىغىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ماقالىدا بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىگە قارشى تۈركىيەدە، كانادادا ۋە چېخىيەدە نامايىشلارنىڭ ئۆتۈپ، ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىنى «قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى» دەپ ئاتاپ، ئۇنى بايقۇت قىلىشقا ھەمدە ئاھالىنى بۇ مۇسابىقىلەرنى تاماشا قىلماسلىققا چاقىرغانلىقى ئېيتىلغان.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستانلىق سىياسەتشۇناس ئابدۇرەھىم ھاپىزوف ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى ساھىبخانىلىق قىلغان بۇ ئولىمپىكنى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ناتسىست ئولىمپىك مۇسابىقىسى بىلەن سېلىشتۇردى. ئۇ 1936-يىلدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دېموكراتىك دۆلەتلەر بايقۇت قىلغان بولسا، ھازىرمۇ شۇنىڭ تەكرارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ۋەتىنىمىز ئۇيغۇرىستاندا ئۈچ مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەكىللىرى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا، تۈرمىلەردە يېتىۋاتسا، قىرغىنچىلىق بولۇۋاتسا، ھەر بىر نورمال ئىنساننىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا دېموكراتىك جامائەتچىلىكى خىتاينىڭ ئالدامچىلىق سىياسىتىنى ياخشى چۈشەنمەكتە ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارا مەيداندا يۇقىرى كۆتۈرمەكتە. ئەپسۇسكى، قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدە بولۇۋاتقان سەلبىي ئىشلار مەركىزىي ئاسىيا مەتبۇئاتلىرىدا يېزىلمايۋاتىدۇ. پەقەتلا ماختاش. ھەقىقىي بولۇۋاتقان ئويۇنلارنى دېموكراتىك رادىيو-تېلېۋىزىيەدىن ئاڭلاۋاتىمىز».
ئابدۇرەھىم ھاپىزوف كۆپچىلىك ئاھالىنىڭ خىتاينىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئارقىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدىن ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن چۈشىنىپ، بىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رۇسىيەنىڭ «سپورت-ئېكسپرېسس» گېزىتىدە بېسىلغان «ھەقىقەتتە خىتايغا بارلىق مېداللارنى ئېلىۋېلىشقا رۇخسەت قىلىڭلار. ئولىمپىكتا چاڭغى تېيىلىشتا قازىلىق قىلغانلاردىن دۇنيا دەھشەتتە قالغان» ناملىق ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، جەنۇبىي كورېيە مۇخلىسلىرى كورېيە تاللانما كوماندىسىنى بېيجىڭدىن ياندۇرۇپ، ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، چاڭغا تېيىلىش مۇسابىقىسىدە قازىلارنىڭ ناتوغرا نەتىجە چىقىرىشىغا نارازى بولغان جەنۇبىي كورېيە كوماندىسى چاڭغا تېيىلغۇچىلارنىڭ خەلقئارا ئىتتىپاقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە تەنھەرىكەت مەسىلىلىرى سوتىغا مۇراجىئەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قازىلارنىڭ ئادالەتسىز خۇلاسىلىرىگە ۋېنگىرىيە، رۇسىيە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە كانادا تەنھەرىكەتچىلىرىمۇ نارازى بولغان.
«ئازادلىق» رادىئوسىدا بېرىلگەن «ئولىمپىك ھەققىدە گەپلىشەيلى. شىنجاڭ تېمىسى-خىتاي تاللانمىسىنىڭ مۇز تېيىلغۇچىسى قازاق قىزى ئۈچۈن مەنئى قىلىنغان» دېگەن ماقالىدا دېيىلىشىچە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە مۇز تېيىلىش بويىچە قاتناشقان قازاق قىزى ئاقنار ئاداققىزى «ئازادلىق» رادىيوسى مۇخبىرىغا ئۆزىنىڭ ئۆمۈر بايانى ۋە تەنھەرىكەت ساھەسىدىكى ئۇتۇقلىرى ۋە مەزكۇر ئولىمپىك ئويۇنلىرىغا قاتنىشىۋاتقانلىقىدىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ خۇشال بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن. ئەمما مۇخبىرنىڭ ۋە باشقىمۇ خەلقئارا ئاگېنتلىقلار مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېزىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىشتىن باش تارتقان.
رۇسىيەنىڭ «موسكۋا كومسومولى» گېزىتىدە بېرىلگەن «بېيجىڭنىڭ غەرب مېھمانلىرىنى ئولىمپىك يېزىلىرىنىڭ روبوتلىرى ( ماشىنا ئادەملىرى) ۋە بارمېنلىرى( كۈتكۈچىلىرى) ھەيران قالدۇردى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىشىدا خىتاي بىر قاتار مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن. شۇلارنىڭ بىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىنسان ھەقلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى سەۋەبىدىن ئونلىغان مەملىكەتلەرنىڭ بايقۇت ئېلان قىلىشى بولغان. بايقۇت ئېلان قىلغان ئەللەر ئىچىدە ھىندىستانمۇ بولغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئولىمپىك مەشئىلى تەنتەنىسىگە ھىندى قوراللىق كۈچلىرى بىلەن چېگرا توقۇنۇشىغا قاتناشقان خىتاي جەڭچىسىمۇ ئىشتىراك قىلغان. ھىندىستان تاشقى ئىشلار ۋەكىلى خىتاينىڭ بۇنىڭ ئارقىلىق ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىنى سىياسىيلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاق پائالىيەتچىسى بېكزات ماقسۇتقان ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزىمىز دېگىنىگە، ئەلۋەتتە، كۆپلىگەن مەملىكەتلەر قارشى بولسىمۇ، شۇنداقتىمۇ ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ئۈچۈن بايقۇت ئېلان قىلغانلىقىنى خىتاي ئۆزىمۇ چۈشىنىپ تۇرىدۇ.
خىتاي ‹بىزدە مۇنداق ئەمەس. بىزدە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە كەڭچىلىك بار. خىتاي مىللىتى بىلەن بىردەك ھوقۇققا ئىگە› دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر بىلەن ئاقلانماقتا. خىتاي بۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە خەلقئارا ھوقۇق قوغداش تەشكىلاتلىرىنى ئالداش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى، قازاقلارنى قاتناشتۇرماقتا. مەسىلەن، تەنھەرىكەتچى قازاق قىزىنىڭ ئائىلىسىنى تېلېۋىزوردىن كۆرسەتتى. لېكىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىچىدە بىرمۇ ئەر كىشى يوق. شۇنىڭدەك چەتئەللىك مۇخبىرلار بىر پائالىيەتتە ئۇيغۇر قىزىدىن سۆھبەت ئالايلى دەپ، ئۇنى تاپالمىدى. ئەلۋەتتە، خىتاي ئۇلارنىڭ چەتئەللىك ژۇرنالىستلار بىلەن سۆھبەتلىشىشىنى خالىمايدۇ. خىتاي دائىم ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشىدىن چۆچۈيدۇ» دەپ ئويلايمەن.»
ئىگىلىشىمىزچە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ئوخشاش ئالدىنقى قاتارلىق مەملىكەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ تۈرك-مۇسۇلمان خەلقلىرىگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتى ۋە باشقىمۇ سەۋەبلەردىن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار كۆپلەپ ياشاۋاتقان قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان ئەللىرى مەزكۇر ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دۆلەت دەرىجىسىدە ھەرتەرەپلىمە قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن.