بۈتىكوفېر: «خىتاي بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئارقىلىق خەلقاراغا ئۆزىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدۇرماقچى»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021.08.27
rayinxart-butikofer-reinhard-butikofer.jpg «دۇنيا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن» ناملىق ئىمزا توپلاش سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنى باشلىغان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى رايىنخارت بۈتىكوفېر(Reinhard Bütikofer) ئەپەندى يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2020-يىلى 14-يانۋار، فىرانسىيە.
c-span.org

ياۋروپالىق مەشھۇر سىياسەتچى بۈتىكوفېر خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باخنى قاتتىق ئىبارىلەر بىلەن ئەيىبلىدى.

گېرمانىيەنىڭ دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ARD 26-ئاۋغۇست «تەنتەربىيە ئۇچۇرلىرى» سەھىپىسىدە «باخنىڭ خىتايغا قارشى تۇرغۇدەك قوڭى يوق» سەرلەۋھەلىك بىر پروگرامما تارقاتتى. پروگراممىدا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى رايىنھارد بۈتىكوفېرنىڭ خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باخنى ئادەتتە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا قوللىنىلمايدىغان قوپال ۋە قاتتىق ئىبارىلەر بىلەن كەسكىن ئەيىبلىگەنلىكى بايان قىلىنغان ئىدى.

مەزكۇر پروگراممىنىڭ مۇقەددىمىسىدە، توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئىككى نەپەر خىتاي تەنھەركەتچىسىنىڭ مۇسابىقىدا ئۇتۇپ چىققاندىن كېيىن مايكىسىغا قادىۋالغان ماۋ زېدۇڭنىڭ ئىزنىكىگە چوقۇنۇش ئىپادىسىنى كۆرسەتكەنلىكى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بولسا بۇنى ئاددىي بىر خاتالىق چاغلاپ جازا يۈرگۈزۈشتىن ۋاز كەچكەنلىكى، ماۋ زېدوڭنىڭ ئۆز زامانىدا 40 مىليون بىلەن 80 مىليون ئارىلىقىدىكى ئىنساننىڭ جېنىغا زامىن بولغان بىر قاتىل ئىكەنلىكى، ياۋروپالىق مەشھۇر سىياسەتچى بۈتىكوفېرنىڭ بۇ ئىشتىن غەزەپلىنىپ، توماس باخنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىلىق ئەجەللىك بىر يەكۈن چىقارغانلىقى ھەمدە 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى سىياسىي جەھەتتىن بايقۇت قىلىش ئىرادىسىگە كەلگەنلىكى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگەن.

پروگراممىدا بايان قىلىشىچە، ئۆز ۋاقتىدا گېرمانىيەدىكى يېشىللار پارتىيەسى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا مۇئاۋىن رەئىس بولغان ۋە نۆۋەتتە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان داڭلىق دېپلومات رايىنھارد بۈتىكوفېر 2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى توغرىسىدا توختالغاندا: «بۇ بېيجىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ روشەن بىر ئىغۋاگەرچىلىكى، ئۇ سەھنىلەشتۈرۈلۈپ بولۇندى» دەيدۇ. ئۇ يەنە توماس باخنى ئەيىبلەپ: «ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئۇمۇرتقىسى يوق، ئۇنىڭ خىتايغا قارشى تۇرغۇدەك قوڭى يوق، ئۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئالدىدا ئوسۇرۇققا باراۋەر» دېگەنلەرنى تىلغا ئالىدۇ.

رايىنھارد بۈتىكوفېرنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باخنى بۇنداق قوپال ئىبارىلەر بىلەن ئەيىبلىشىگە جازا لاگېرلىرىغا قامالغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ پاجىئەسى سەۋەب بولغان. پروگراممىدا تىلغا ئېلىنىشىچە، 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئولىمپىك مۇسابىسى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان شۇ دەقىقىلەردە، بۇ دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مۇسۇلمان ئاممىسى ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان زىيانكەشلىرى بارغانسېرى ئېچىنىشلىق ۋە شەپقەتسىز داۋام قىلىۋاتقان بولىدىكەن. پروگراممىدا مۇنداق دەيدۇ: «شى جىنپىڭنىڭ ئەتراپىدىكى مۇستەبىتلەر ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نامىدا ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە قامىدى. قامالغانلارنىڭ سانىنىڭ 1 مىليوندىن ئارتۇق ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. شاھىدلار بۇ يەردە ئېغىر جىسمانىي قىيناش، روھىي تېررورىزىم، باسقۇنچىلىق ۋە مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتتى.»

پروگراممىدا يەنە مۇنۇلار تىلغا ئېلىنىدۇ: «نېمە ئۈچۈن بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ قانچە ئون يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ تالاش-تارتىشلىق بىر ئولىمپىككە ئايلىنىشىدىكى سەۋەب مانا بۇ يەردە. شى جىنپىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆزىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى خەلقئارادا ئېتىراپ قىلدۇرىدىغان بىر ئويۇنغا ئايلاندۇرۇش كويىدا، بۇ شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى رېئاللىقنىڭ دەل مۇشۇنداق ئىكەنلىكىنى بۇرمىلاپ بولالمايدۇ.»

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، رايىنھارد بۈتىكوفېرنىڭ پىكىرلىرىنىڭ ياۋروپادىكى بىرقىسىم سىياسەتچىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇيغۇر زىيالىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، رايىنھارد بۈتىكوفېرنىڭ توماس باخنى ئەيىبلىشىنىڭ توغرا بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

رايىنھارد بۈتىكوفېر سۆزىدە ب د ت خادىملىرىنىڭ ھالا بۈگۈنگە قەدەر شىنجاڭدا تەرەپسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش مەقسىتىگە يىتەلمەيۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەر سەۋەبلىك 2021-يىلى 3-ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 30 يىلدىن كېيىن خىتايغا يەنە بىر قېتىم ئىمبارگو يۈرگۈزگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇنىڭغا قارشى جازا ئېلان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى سىياسىي جەھەتتىن بايقۇت قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز لازىم. بۇ تەلەپنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە ئاساسى بار: 180 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بايقۇت چاقىرىقىدا بولماقتا، ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىمۇ 7-ئاينىڭ 9-كۈنى بىلەت تاشلاپ، دېپلوماتىك بايقۇتنى قوللىدى. پارلامېنت ئەزالىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرىنى ۋە ئەزا دۆلەتلەرنى، مۇبادا خىتاي ھاكىمىيىتى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشنى بارلىققا كەلتۈرمىسە، ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ھەم دېپلوماتلارنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى رەت قىلىشىنى تەلەب قىلدى.»

رايىنھارد بۈتىكوفېر بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ «تەنتەربىيەنى سىياسىيلاشتۇدى» دېگەن ئەيىبلەشلىرىگە قارىتا مۇنداق دەيدۇ: «بېيجىڭنىڭ سەھنىدە كۆرسىتىۋاتقىنى مۇستەبىت بىر ھاكىمىيەتنىڭ تەشۋىقات ئويۇنىدۇر. بۇ قۇرۇلما بارغانسېرى مۇستەبىتلىككە قاراپ چېكىنمەكتە. بۇنى كۆرمەسكە سېلىش، يالغاندىن ئۇنى سىياسىيدىن ئايرىپ قاراش ئەمەلىيەتتىن يىراق ھەم بۇ سەمىمىيەتسىزلىك، نومۇسسىزلىقتۇر.»

رايىنھارد بۈتىكوفېر خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باختىن بىر نەرسە كۈتۈشنىڭ ۋاقىت ئىسراپچىلىقى بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىرىنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا رەئىس بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەندىن كېيىن، سىياسىي بايقۇتنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ قايتىدىن ئويلىنىپ چىقىشى ئۈچۈن بېرىلگەن ئەڭ ياخشى بىشارەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەلۋەتتە، پروگراممىدا ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ بۇ ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشى ئۈچۈن ئۈنۈملىك چارىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىمۇ ئىزاھلانغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.