ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە ھۆكۈمەتلىرى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دېپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئاۋسترالىيە دېپلوماتىك بايقۇتنى يولغا قويۇدىغانلىقىنى، بىراق تەنھەركەتچىلەرگە تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. لىتۋانىڭ مائارىپ، ئىلىم-پەن، تەنتەربىيە مىنىستېرى يۇرگىتا 25-نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتىدا بۇ مەسىلە مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، تېخى ئېنىق يەكۈن چىقمىدى. بىراق ياۋروپا تەنتەربىيە تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ پروفېسسورى يۈرگېن مىتتاگنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئالدىمىزدىكى ئىككى ئايدا 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش تەشەببۇسى ئەۋجىگە چىقىدىكەن.
«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىنىڭ 28-نويابىر ئېلان قىلغان «2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دېپلوماتىك بايقۇت قىلىشنىڭ تەسىرى قانداق بولىدۇ؟» ناملىق خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، «بايقۇت» ئىبارىسى 1832-يىلى ئەنگىلىيەدە تۇغۇلغان چارلىس كاننىنخام بايكۇت ئىسىملىك بىر ئادەمنىڭ نامىدىن كېلىپ چىققان ئىكەن. چارلىس كاننىنخام بايكۇت كىشىلىك خاراكتېرى ئىنتايىن ناچار بىر كىشى بولغاچ، ھېچكىم ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇشنى خالىمايدىكەن. ئۇنىڭ ئىرلاندىيەدىكى زېمىنىنى ئىجارىگە ئالغان كىشىلەر كېيىنچە ئىجارە ھەققىنى تۆلىمەيدىغان بولىۋالغان. تەدرىجى ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىش تاشلاپ كېتىپ قالغان. ھېچكىم ئۇنىڭ بىلەن تىجارەت قىلىشنى خالىمىغان. ھەتتا ئۇنىڭ خەت-چەكلىرىمۇ يەتكۈزۈپ بېرىلمەيدىغان بولغان. ئىرلاندىيە دېھقانلىرىنىڭ بۇ يوسۇندىكى كوللېكتىپ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئاخىرىدا بىر خىل ئىستراتېگىيەلىك قارشىلىق تۈسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بۇ خىل ھەرىكەتلەر كېيىنچە «بايقۇت» دەپ ئاتىلىدىغان بولغان.
ئولىمپىك تارىخىدا ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن «بايقۇت قىلىش» ۋەقەلىرى بولۇپ ئۆتكەن. 1956-يىلى ئىسپانىيە، گوللاندىيە ۋە شىۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەر سوۋېت ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى «ۋارشاۋا شەرتنامىسى» غا ئەزا دۆلەتلەر ۋېنگىرىيەگە بېسىپ كىرگەنلىكى ئۈچۈن قارشىلىقىنى بىلدۈرۈپ، مېلبورندا ئۆتكۈزۈلگەن يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلغان. 1960-ۋە 1970-يىللىرى ئافرىقا دۆلەتلىرى بايقۇت چاقىرىقلىرىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە رودېسىيەگە ئوخشاش ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىياسەتلىرى يۈرگۈزىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەم رايونلارنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتنىشىشىنى ئۈنۈملۈك چەكلەپ قالالىغان. 1979-يىلى سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغان. بۇنىڭ بىلەن 1980-يىلى موسىكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى 42 دۆلەت بايقۇت قىلغان. 1988-يىلى شىمالىي كورىيە 5 دۆلەت بىلەن بىرلىشىپ جەنۇبىي كورىيەنىڭ پايتەختى سېئۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلغان. 2012-يىلى ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى سىياسىي ئۆكتىچى يۇلىيا تىموشېنكونى تۈرمىگە تاشلىغانلىقى ئۈچۈن ياۋروپا ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ياۋروپا كومىسسىيونىڭ رەھبەرلىرى شۇ يىلى ئۇكرائىنا ۋە پولشادا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنى ئورتاق بايقۇت قىلغان. بۇ خىل بايقۇتلار شۇ دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى زىدىلەش رولىنى ئوينىغان. نۆۋەتتە خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازى تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتقا قارىغاندا ئىنتايىن ناچار ئىكەن.
ئەلۋەتتە، 2008-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چۇقانلىرىمۇ زامانىدا خېلىلا ئەۋجىگە چىققان، بىراق خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىرى سەۋەبلىك دۆلەتلەر بۇ بايقۇت چاقىرىقلىرىغا ئاۋاز قوشمىغان ئىدى. ئۇ چاغلاردا جازا لاگېرلىرى تەسىس قىلىنىپ مىليونلىغان ئۇيغۇرلار قامالمىغان، خوڭكوڭدا «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» نىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا زور چەكلىمە قويۇلمىغان، تەيۋەن ھازىرقىدەك كۈچلۈك ھەربىي تەھدىتكە يولۇقمىغان ئىدى. دۇنيا جامائىتى بۈگۈن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ كۈنسېرى ئەۋجىگە چىققانلىقىغا، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا، خوڭكوڭ دېموكراتىيەسىنىڭ بەربات بولغانلىقىغا ۋە تەيۋەننىڭ بارغانسېرى كۈچلۈك تاجاۋۇزچىلىق خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولماقتا. 7 دۆلەت «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلغان مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، يەنە قانچىلىك دۆلەت 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشى مۈمكىن؟
پروفېسسور يۈرگېن مىتتاگنىڭ بايان قىلىشىچە، نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاينىڭ باشقا ساھەدە ئۆچ ئېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇ سىياسىي بايقۇت مەسىلىسىگە سالماق مۇئامىلە قىلماقتا ئىكەن. بىراق، ئەگەر بۇ بايقۇتنى قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى بەلگىلىك دەرىجىگە يەتمىسە، خىتاينىڭ ئولىمپىك ئارقىلىق ئۆز ئوبرازىنى تۈزەش، ئۆزىنىڭ «نورمال» لىقىنى خەلقئاراغا ئېتىراپ قىلغۇزۇش مەقسىدىگە يېتىشىگە تەسىر كۆرسەتكىلى بولمايدىكەن.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دېپلوماتىك بايقۇت قىلىش چاقىرىقىنى كۈچەيتىش د ئۇ ق نىڭ ھازىرقى مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغاندا «دېپلوماتىك بايقۇتنىڭ نەتىجىسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ تەشەببۇس خىتايدا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى دۇنياغا تېخىمۇ كەڭ ئاڭلىتىشقا سەۋەب بولىدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يالغانچىلىقىنى پاش قىلىش، يۈزىنى تۆكۈش رولىنى ئوينايدۇ،» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى.
«2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دېپلوماتىك بايقۇت قىلىشنىڭ تەسىرى قانداق بولىدۇ؟» ناملىق خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى قانداق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلمىسۇن، ئۇ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى ئۈچۈن بىر دەلىل بولۇپ قالىدىكەن. يەنى بۇندىن كېيىن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى مۇستەبىت دۆلەتلەرگە بېرىش-بەرمەسلىك مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كېلىدىكەن.
خەۋەردە بايان قىلىشىچە، ياۋروپا پارلامېنتى بۇ يىل 7-ئايدا قارار ماقۇللاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى «ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى، خوڭكوڭ، تىبەت، ئىچكىي موڭغۇلىيە ۋە خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بىرەلمىسە، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا ھۆكۈمەت ۋەكىلى ياكى دېپلومات سۈپىتىدە قاتنىشىشنى رەت قىلىش» قا چاقىرغان.