جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى: «بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئالەمشۇمۇل بىر مەسخىرىدۇر»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021-08-13
Share
پارىژ، لوندۇن، بېرلىندىمۇ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى «خەلقئارا ئولىمپىك كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 23-ئىيۇن، بېرلىن، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئالدىنقى كۈنلىرى «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» ماقالە ئېلان قىلىپ، 2008-يىلى بىلەن 2022-يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى توغرىسىدا ئەتراپلىق توختالغان ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. «ئالەمشۇمۇل مەسخىرە» ناملىق بۇ ماقالىدا مۇنداق سۆزلەرگە ئورۇن بەرگەن: «توكيو ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئەركىن دۇنيادا ئۆتكۈزۈلگەن بىر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئىدى. بۇ يەردە كىشىلەر، ئولىمپىك جەريانىدا بىرلىرىنىڭ توساتتىن غايىپ بولۇپ كېتىشىدىن ياكى مەجبۇرىي بىر يەرلەرگە يۆتكىۋېتىلىشىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولاتتى. بۇ يەردە كىشىلەر ھۆكۈمەتنى ياكى تەنتەربىيە ئەمەلدارلىرىنى تەنقىدلىگەنلىكى ئۈچۈن تۈرمىلەرگە سولانمايتى. بىلورۇسىيەلىك تەنھەرىكەتچى كىرىستىنا تەنقىدىي پىكىرلىرى سەۋەبلىك دۆلىتىگە مەجبۇرىي قاتۇرۇلماقچى بولغاندا، ئايرودرومدىكى ساقچىلارنى ئۇنى قوغداپ قالدى. ھەرگىزمۇ لۇكاشىنكونىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە تاپشۇرۇپ بەرمىدى. ئويلاپ بېقىڭ، ئوخشاش ۋەقە خىتايدا يۈز بەرگەن بولسا، خىتاي ساقچىلىرى ۋە خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتى قانداق قىلغان بولاتتى؟»

ماقالىدا يەنە شۇلارنى تىلغا ئالىدۇ: «خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتى 2008-يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن كېيىن، ‹خىتاي تېخىمۇ ئەركىنلىشىدۇ ۋە ئېچىۋېتىلىدۇ› دېگەن ساددا خام خىيالدا بولغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە، 2008-يىلىدىن كېيىن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ئىجابىي ئۆزگۈرۈش يۈز بېرىش تۈگۈل، ئەكسىچە تېخىمۇ قاباھەتلىشىپ كەتتى. 2008-يىلىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى كىشىلىك ھوقۇققا ھاقارەت قىلىدىغان مۇستەبىت بىر دۆلەتكلە بېرىشكە خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتىنى ھېچكىم مەجبۇرلىمىدى. بۇ جاي قىيناش ۋە قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى مەۋجۇد بولغان بىر دۆلەت ئىدى، بۇ جاي تىبەتلىكلەر ۋە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر باستۇرىلىۋاتقان بىر دۆلەت ئىدى، بۇ جاي خوڭكوڭ خەلقىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى چەكلىنىۋاتقان بىر دۆلەت ئىدى. خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىنى بېيجىڭغا بېرىشى، شۈبھىسىزكى، قورقۇنۇشلۇق بىر سىگنال، شۇنداقلا ئالەمشۇمۇل بىر مەسخىرىدۇر.»

ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، 2008-يىلى دەرۋەقە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھاياجانلىق بىر يىل بولغان. 2008-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدا ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىشتىن ئىلگىرى، خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەر دۇنيا مىقياسىدا كەڭ ئەۋج ئالغان، بولۇپمۇ ياۋروپا ئەللىرىنى 5-ئايدىن 8-ئايغىچە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ كۆلىمى زور بىرلەشمە نامايىشلىرى قاپلىغان. «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئېغىر بولغان خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتى يوق!»، «ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنى قانلىق باستۇرىۋاتقان دېكتاتۇر ھاكىمىيەتكە بېرىلمەسلىكى لازىم!» دېگەندەك شۇئارلار شۇ چاغلاردىكى نامايىشلارنىڭ ئاساسلىق تېمىسى بولغان. ئولىمپىكنىڭ مەشئىلىنى ئۇلاپ يەتكۈزۈش داۋام قىلىۋاتقان جەرياندا تۈركىيەدىكى مەمەت تۇرسۇن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئىستانبۇلدا بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى تارتىۋالماقچى بولۇپ قولغا ئېلىنغان، قەشقەردە بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن 4 كۈن ئىلگىرى، يەنى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ئابدۇراھمان ئازات ۋە قۇربانجان ھېمىت سادىر قىلغان مەشھۇر «سەمەن يولى ۋەقەسى» يۈز بېرىپ، دۇنيانى لەرزىگە كەلتۈرگەن.

شۇ يىلى 7-ئايدا ميۇنخېندا چاقىرىلغان بىر يىغىندا، ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىدىن بىرى «بىز بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى قولىمىزدىن كەلگەن ھەممە ئىشنى قىلدۇق. ئەمما ئۇنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشىنى توسۇپ قالالماسلىقىمىز مۇمكىن. 1980-يىلى ئولىمپىك مۇسابىقىسى موسكىۋادا ئۆتكۈزۈلۈپ، ئارىدىن 10 يىل ئۆتكەندە سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلاندى، بۇ قېتىم بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈپ، 10 يىلدىن كېيىن خىتاي پارچىلانسا ئەجەپ ئەمەس،» دېگەن ئىدى. ھالبۇكى، ئارىدىن 14 يىل ئۆتكەندە ئولىمپىك مۇسابىقىسى يەنە بىر قېتىم بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولىۋاتىدۇ.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ نۆۋەت ئۇيغۇرلارنىڭمۇ، خىتاينىڭمۇ، خەلقارانىڭمۇ ۋەزىيىتى باشقىچە ئىكەن. بۇ قېتىمقى قارشىلىقنىڭ شۇئارى «ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزىۋاتقان مۇستەبىت بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتى يوق» دېگەنلەردىن ئىبارەت بولىۋاتماقتا ئىكەن ھەمدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى» دەپ ئاتالماقتا ئىكەن. بېيجىڭ ئولىمپىكىغا بولغان قارشىلىقلار ئالدىنقى قېتىمقىدىن كۈچلۈكرەك داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قارشىلىقلارنىڭ ساداسىغا ئامېرىكا كەبى كۈچلۈك دۆلەتلەرمۇ ئاۋاز قوشىۋاتماقتا ئىكەن.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىدا 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقلىرى ئەۋج ئالماقتىكەن ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بەزى دۆلەتلەردىمۇ ئوخشاش سادالار بارغانسېرى كۈچەيمەكتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت