«2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى» نى قانداق بايقۇت قىلىش كېرەك؟

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021-11-22
Share
olimpik-bayqut-namayish-amerika-3.jpg ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش» نارازىلىق نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 23-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.
Photo: RFA

«2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى» نىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتايغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق بىر تېما خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتمىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» سەۋەبىدىن ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ «خىتاينىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىش سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقى» ھەققىدىكى سادالىرى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە.

كانادانىڭ «يەرشارى ۋە پوچتا» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كانادانىڭ «لۇلۇلېمون» ( Lululemon) ناملىق تەنتەربىيە كىيىملىرى ماركىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق 100 دىن ئارتۇق ماركىنىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولۇش خەۋپى بارلىقى ئاشكارىلانغان.

يېقىندا ئېلان قىلىنغان يېڭى بىر دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي شىركەتلىرى ئاتالمىش «شىنجاڭ پاختىسى» ۋە پاختا مەھسۇلاتلىرىنى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە پىششىقلاپ ئىشلەپ، خەلقئارا تەمىنات زەنجىرىنى داۋاملىق ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغان مەھسۇلات بىلەن تەمىنلىمەكتىكەن. دوكلاتتا ئۇلار «خەلقئارا داڭلىق ماركىلارنىڭ خىتايدىكى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى پاختىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئۇيغۇر رايونىدا ئىكەنلىكى» خۇلاسىسىنى چىقارغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت بولغان دۆلەتتە ئولىمپىكنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە قارشى چىققان.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى ئالدىنقى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن «2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى» نى بايقۇت قىلىش تەكلىپىنىڭ ئاقسارايغا رەسمىي يوسۇندا يوللانغانلىقىنى ۋە پرېزىدېنت بايدېننىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بۇ ھەقتە بىر قارار چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

يېقىندا خىتاينىڭ داڭلىق تېننىس توپ چولپىنى پېڭ شۇەي ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئۆزىنىڭ ئۈچ يىل ئىلگىرى خىتاينىڭ سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىرى جاڭ گاۋلى تەرىپىدىن جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن تۇيۇقسىز غايىب قىلىۋېتىلگەنلىك خەۋىرى كەڭ تارقالغانىدى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تەنھەرىكەتچىلەر ۋە تەنتەربىيە تەشكىلاتلىرى بۇ خىل «غايىب قىلىۋېتىش» نى قاتتىق ئەيىبلىگەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بىر قىسىم تەنھەرىكەتچىلەر پېڭ شۇەينىڭ غايىب قىلىۋېتىلىشىدەك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى تۈپەيلىدىن تەنھەرىكەتچىلەر ۋە ھەرقايسى دېموكراتىك دۆلەتلەردىن «2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى» نى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.

كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق ياردەمچى مۇئاۋىن مىنىستىرى، ھازىر ئوتتاۋا ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى ۋە خەلقئارا ئىشلار ئىنستىتۇتى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى مارگارېت ماككۇيگ جونستون خانىم ئوتتاۋا پۇقراسى گېزىتىدە «بىز 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشىمىز كېرەك-ئەمما قانداق بايقۇت قىلىش كېرەك؟» سەرلەۋھىلىك بىر ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە، 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ياخشىلايدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەنلىكىنى، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ھېچقانداق ياخشىلىنىش بولمايلا قالماستىن تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى، شۇڭا خىتاينىڭ «2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى» ھەققىدە بەرگەن ھېچقانداق ۋەدىسىگە ئىشەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى «2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى» نى بايقۇت قىلىش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بايقۇت قىلىش بىر قانچە خىل شەكىلدە بولىدۇ. ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى خىتايدىن يۆتكەشكە ئەمدى ئۈلگۈرمەيدۇ. ئەمدى دىپلوماتىك بايقۇت قىلغاندا دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە مۇھىم سىياسىيونلار بارمايدۇ».

ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسى يېقىندا «2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى» نى بايقۇت قىلىش قارارىنى ماقۇللىغان ئىدى. پارلامېنت ماقۇللىغان قارارنامىسىگە ئاساسەن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختاتمىسا ھەمدە ئەنگلىيە سىياسىيونلىرى ۋە پۇقرالىرىغا قويۇلغان ئېمبارگولارنى بىكار قىلمىسا، ئەنگلىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشنى رەت قىلىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى پۈتۈنلەي بايقۇت قىلىش ئىمكانسىز بولغاچقا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىقى تۈپەيلىدىن دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى قارار قىلغان».

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئۇزۇن بۇيان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى» نى بايقۇت قىلىش چاقىرىقلىرىغا جاۋاب بەرمىگەن. 2022-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ 1 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا سولىغانلىقى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى سىستېمىلىق مەجبۇرىي تۇغماس قىلغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىسپاتلارغا ئاساسەن «2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى» نى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى» دەپ ئاتىغان. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە كانادا ئولىمپىك كومىتېتى (COC) ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى «پۈتۈن دۇنيادىكى تەنھەرىكەتچىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش» كۈچىگە ئىگە، دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، كۆزەتكۈچىلەر «بۇ مۇسابىقە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ھەل قىلمايدۇ بەلكى جىنايەتلىرىنى ئاقارتىش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ قارىغان».

ئاخىرىدا ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش قارارىنى چىقىرىپ سىياسىيونلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشمىسسا، خىتاينىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ قىرغىنچىلىق ئولىمپىكنى قوللىمايدىغلىقىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن بولىدۇ».

ئادەتتە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر مۇسابىقىگە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئۆمىكى ئەۋەتىدىغان بولۇپ، بۇ يىل 7-ئايدا توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بىرىنچى خانىم جىل بايدېن ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىپ بارغانىدى. ئەگەر بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى بايقۇت قىلىنغان تەقدىردە، ئامېرىكا ئۇنىڭغا ھېچقانداق دىپلوماتىنى ئەۋەتمەيدىكەن، ئەمما تەنھەرىكەتچىلەر بېرىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىۋېرىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت