ئۇيغۇر ئالىمى بەكرىمجان غلاۋدىنوف پۈتۈن قازاقىستان مېمارچىلىق ئىلمىنىڭ تۇنجى دوكتورى ئىدى

ئالمۇتادىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان تەييارلىدى
2025.02.11
bekrimjan-ghilavidinof-qazaqistan-03

بەكرىمجان غلاۋدىنوف قازاقىستان مېمارچىلىق ئىتتىپاقىنىڭ پىرېزىدېنتى ئا. رۇستېمبېكوف بىلەن بىللە RFA/Oyghan

bekrimjan-ghilavidinof-qazaqistan-12

بەكرىمجان غلاۋدىنوف ئۆزىنىڭ 60 ياشلىق تەۋەللۇتى مۇراسىمىدە. 2002-يىلى، ئالمۇتا RFA/Oyghan

bekrimjan-ghilavidinof-qazaqistan-01

بەكرىمجان غلاۋدىنوف كەسىپداشلىرى بىلەن. ئالمۇتا RFA/Oyghan

bekrimjan-ghilavidinof-qazaqistan-02

بەكرىمجان غلاۋدىنوف كەسىپداشلىرى بىلەن. ئالمۇتا RFA/Oyghan

bekrimjan-ghilavidinof-qazaqistan-04

بەكرىمجان غلاۋدىنوف بۈيۈك بىرىتانىيە شاھزادىسى چارلىز ئۇيېلسكىي بىلەن بىللە RFA/Oyghan

bekrimjan-ghilavidinof-qazaqistan-05

بەكرىمجان غلاۋدىنوف بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن بىللە. 2022-يىلى، ئالمۇتا RFA/Oyghan

bekrimjan-ghilavidinof-qazaqistan-06

بەكرىمجان غلاۋدىنوف خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا. ئىستانبۇل RFA/Oyghan

bekrimjan-ghilavidinof-qazaqistan-07

مىمارچىلىق پەنلىرىنىڭ دوكتورى بەكرىمجان غلاۋدىنوف ياش ۋاقتىدا RFA/Oyghan

bekrimjan-ghilavidinof-qazaqistan-08

مىمارچىلىق پەنلىرىنىڭ دوكتورى بەكرىمجان غلاۋدىنوف. ئالمۇتا، 2020-يىلى RFA/Oyghan

bekrimjan-ghilavidinof-qazaqistan-09

بەكرىمجان غلاۋدىنوف ئۇيغۇر رايونى سانائەت ئىنستىتۇتى رەھبەرلىكى بىلەن RFA/Oyghan

bekrimjan-ghilavidinof-qazaqistan-11

بەكرىمجان غلاۋدىنوف پورباژىن بويىچە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى قاتناشقۇچىلىرى بىلەن. 2008-يىلى، موسكۋا RFA/Oyghan

bekrimjan-ghilavidinof-qazaqistan-13

بەكرىمجان غلاۋدىنوف قازاقىستاننىڭ مەشھۇر رەسساملىرى ۋە مېمارچىلىرى بىلەن RFA/Oyghan

bekrimjan-ghilavidinof-qazaqistan-14

بەكرىمجان غلاۋدىنوف رەپىقىسى ئاغچىخان بىلەن. 2008-يىلى، ھىندىستان RFA/Oyghan

bekrimjan-ghilavidinof-qazaqistan-15

بەكرىمجان غلاۋدىنوف ئوقۇغۇچى دەۋرىدە مەشھۇر ئۆزبېكىستانلىق مېمارچىلار بىلەن بىللە RFA/Oyghan

ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، شۇ جۈملىدىن ھازىرقى قازاقىستاندىن مەدەنىيەت، مائارىپ، ئىلىم-پەن، ئەدەبىيات-سەنئەت، مەتبۇئات ۋە باشقىمۇ ساھەلەردىن كۆپلىگەن تونۇلغان ئۇيغۇر ئەربابلىرى يېتىشىپ چىققان. ئۇلارنىڭ ئىسمى پەقەت ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ئەللەردىلا ئەمەس، بەلكى باشقىمۇ ئەللەرگىمۇ مەشھۇر بولغان. شۇلارنىڭ بىرى قازاقىستان ئىلىم-پەنىنىڭ راۋاجلىنىشىغا سالماقلىق تۆھپىسىنى قوشقان ئالىم بەكرىمجان غلاۋدىنوفتۇر. يېقىندا ئۇ 83 يېشىدا ئالمۇتا شەھىرىدە ۋاپات بولدى.

بەكرىمجان غلاۋدىنوف ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ قازاقىستان ۋە ئۇنىڭ سىرتىدا تونۇلۇشقا باشلىغان ئۇيغۇر ئالىمى. ئۇ قازاقىستاندىكى مېمارچىلىق ساھەسىنىڭ تونۇلغان مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ، بۇ ساھەدە تۇنجى قېتىم پەن دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان ئۇيغۇر ئالىمىدۇر.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان جۇغراپىيە جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، تونۇلغان يازغۇچى ئىسمايىلجان ئىمىنوف ئەپەندى بەكرىمجان غلاۋدىنوفنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدە ئېرىشكەن ئۇتۇقلىرىغا مۇنداق دەپ باھا بەردى: «بەكرىم ئاكىدەك مۇكەممەل يېتىشكەن مېمارچىلىق ئالىمى بىزدە كېلەچەكتە بولامدۇ؟ بولۇشى كېرەك دېگەن ئارمىنىم بار. مۇشۇ سوئال ئالدىمدا تۇرىدۇ. بەكرىم ئاكا قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئالىملارنىڭ ئىچىدە، يەنى ھەممە مىللەت ئالىملىرى ئارىسىدا مېمارچىلىق پەنلىرىنىڭ بىرىنچى دوكتورى. ئۇ، كۆپ يىل مېمارچىلىق ئورگىنىنىڭ باشلىقى بولدى. ئۇنىڭ خىزمىتىنى قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئالىملار ھېچ قاچان ئۇنتۇمايدۇ. مەنمۇ ئۇنتۇمايمەن. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن مەن يىغلاپ، بەكرىم ئاكا توغرىلىق ماقالە يازدىم. ‹قازاقىستان ئېلىمىنىڭ پەخرى› دېگەن ماقالە رۇس تىلىدا چىقتى. ھەر مىللەتتىن مىڭلىغان ئادەم بۇ ماقالىنى ئوقۇدى.»

بەكرىمجان غلاۋدىنوف قازاقىستان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئىچىدىمۇ كەڭ تونۇلغان ئەرباب ئىدى، ئۇ كۆپلىگەن ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن يېقىن ئالاقىدە بولۇپ، ئۆزىنىڭ سالماقلىق پىكىر-تەكلىپلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەنىدى.

يازغۇچى ئىسمايىلجان ئىمىنوف بەكرىمجان ئەپەندىنىڭ نامىنى بۇرۇندىلا كۆپ ئاڭلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزى بىلەن 2015-يىلىدىن تارتىپ تونۇشۇپ، قويۇق ئارىلىشىشقا باشلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «شۇ يىلى قازاقىستاندىكى بىر گۇرۇپپا زىيالىيلار تۇۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پورباژىن قورغىنىغا باردۇق. بېرىشنىڭ ئالدىدا، شۇنى ئاڭلىدىم، بۇ سېپىلغا بىزدىن بۇرۇن يەنە بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ئالىملىرى بېرىپ، زىيارەت قىلغانىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەكرىم ئاكىمۇ بولغان. بەكرىم ئاكا بىلەن ئۇچرىشىپ، گەپلەشتۇق. ئۇنىڭ گەپلىرىنى ھېچ قاچان ئۇنتۇمايمەن. تۇۋادىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن رۇس تىلىدا ‹ئەجدادلارنىڭ قەدىمىي قەبىلىسى تۇۋادا› ناملىق كىتاب يازدىم. شۇ كىتابنى يېزىشنىڭ ئالدىدا بەكرىم ئاكا بىلەن يەنە بىر قېتىم سۆزلەشتىم. ئاندىن كېيىن ئالاقىمىز ئۈزۈلمىدى. بىر يەردە كۆرۈشسەك سەمىمىي خۇشال بولاتتۇق، مۇڭدىشاتتۇق. ئىككى-ئۈچ يىل بولدى، چوڭ زىيالىيلارنىڭ بىر مەشرىپى بار. شۇ مەشرەپكە مېنىمۇ تەكلىپ قىلدى. مەن بارغاندا ئۆزۈمنىڭ كىتابلىرى توغرىلىق ئېيتىپ بەردىم. شۇ كىتابلىرىمنى زىيالىيلارغا، ئەڭ ئالدى بىلەن، ئەلۋەتتە، بەكرىم ئاكىغا سوۋغات قىلدىم.»

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بەكرىمجان غلاۋدىنوف 1942-يىلى ھازىرقى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىگە قاراشلىق مالىۋاي يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 1959-يىلى شۇ يېزىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگىتىپ، ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا پولىتېخنىكا (سانائەت) ئىنستىتۇتىنىڭ مېمارچىلىق فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. مەزكۇر بىلىم دەرگاھىنى 1965-يىلى ئەلا باھالار بىلەن تاماملاپ، يوللانما بىلەن قازاقىستان دۆلەت قۇرۇلۇش مەھكىمىسىگە ئەۋەتىلگەن. بۇ يەردە ئۇ ئالمۇتا شەھىرىدىكى ‹كازگورسترويپروېكت›، يەنى ‹قازاق شەھەرلىك قۇرۇلۇش لايىھەسى› ئىنستىتۇتىدا ئۆز خىزمىتىنى باشلىغان ۋە تۇرالغۇ ئۆيلەرنى سېلىش لايىھەلىرىگە قاتناشقان. ئۇنىڭ قاتنىشىشى بىلەن پەقەت ئالمۇتا شەھىرىدىلا 70 كە يېقىن تۇرالغۇ ئۆي بىناسى سېلىنغان. شۇنىڭدەك ئۇ باشقىمۇ ئىمارەتلەرنىڭ لايىھەلىرىنى تەييارلىغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەدلىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، ئاكادېمىك شايىمەردان شەرىپوف بەكرىم غلاۋدىنوفنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ ياخشى بىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن قۇدىلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭغىچە بەكرىم ئاكىنى ئالمۇتا قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتىنىڭ بۆلۈم باشلىقى بولۇپ خىزمەت ئاتقۇرۇپ كەلگىنىنى، مېمارچىلىق كەسىپ ئىگىسى ھەم شۇ ساھەنىڭ ئالىمى ئىكەنلىكىدىن خەۋىرىم بار ئىدى. ئوچۇق-يورۇق، دىلكەش مىجەزلىك ئاكىمىز ئىدى. 90-يىللىرى بەكرىم ئاكا مېمارچىلىق بويىچە تەييارلىغان دوكتورلۇق ئىشىنى ياقلاش ھارپىسىدا جاپا چېكىپ قالدى. چۈنكى قازاقىستان دىيارىدا بۇ پەن ساھەسى بويىچە پەن دوكتورلىرى تېخى يېتىلىپ چىقمىغان پەيت ئىدى. رۇسىيە، ئۆزبېكىستان ۋە باشقىمۇ دۆلەتلەردە ئۇ ئۆزىنىڭ ساھەسى بويىچە مۇتەخەسسىسلەرنى ئىزدەپ ماڭغان پەيتلىرى تېخىچە ئېسىمدە. نەتىجىدە دوكتورلۇق ئىشىنى ئۈنۈملۈك ياقلاپ، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئىچىدىلا ئەمەس، ئومۇمەن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە مېمارچىلىق پەنلىرى بويىچە تۇنجى پەن دوكتورى ھەم بۇ ساھەنىڭ يېتەكچى ئالىمى بولدى. بۇ ھەممىمىز پەخىرلەنگۈدەك ياخشى مەنىدىكى ۋەقە بولدى».

شايىمەردان شەرىپوف شۇنىڭدەك بەكرىم غلاۋدىنوفنىڭ جىنازا نامىزىدا مەرھۇمنىڭ كەسىپداشلىرى نامىدىن سۆزگە چىققان ئالىملارنىڭ ئۇ ھەققىدە ياخشى سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى، مەرھۇمنى مېمارچىلىق پەنلىرىنىڭ ئاتىسى دەپ ئاتىغانلىقىنى بايان قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ چوڭ باھا دەپ ھېسابلايمەن. بەكرىم ئاكا يەنە جەمئىيەت ئىشلىرىغىمۇ ئاكتىپ قاتناشقان، ياش مۇتەخەسسىسلەرنى تەييارلاشتا نۇرغۇنلىغان يىللار ئەجرى سىڭگەن چوڭ ئالىم، ئابرۇيلۇق ئۇستاز ھەم رەھبەر. ئۇ بىر قانچە چوڭ بىنا، ئىمارەت، مەسچىتلەرنىڭ لايىھەلىرىنى تەييارلاپ بەرگەن، كۆپچىلىككە ھەم چەت ئەللەردە ئابرۇي-ئىناۋىتى بىلەن تونۇلغان ھەقىقىي ئالىم ھەم زىيالىي.»

شايىمەردان شەرىپوف بەكرىمجان غلاۋدىنوفنىڭ رەپىقىسى ئاغچىخان ھەدىنىڭ ئالىمنىڭ ھاياتىدا چوڭ رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بەكرىمجان غلاۋدىنوف قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىشلىرىغا ئاكتىپ ئارىلاشقان، بولۇپمۇ ئىلىم-پەن ۋە مائارىپ ساھەلىرىدە كۆزگە كۆرۈنگەن شەخس بولغان.

شايىمەردان شەرىپوف سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «بەكرىم ئاكا توغرىلىق سۆز ئېيتساق گەپ نۇرغۇن. ئادەتتىكى يېزىدىن چىققان بىر بالا. بەكرىم ئاكىنىڭ ئەمگەكچانلىقىنىڭ ئارقىسىدا ئېرىشكەن ئېگىز پەللىلىرى، ئىلىم-پەن چوققىلىرىدا يۈرۈپ، قالدۇرغان بىباھا ئەمگەكلىرى سۆزسىز كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇنىڭ مونوگرافىيەلىرىنىڭ ئۆزىلا 200 گە يېقىن ئىكەن. مۇنداق كۆرسەتكۈچ ئالىملارنىڭ ئىچىدە كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ. ئاكىمىز يەنە ئائىلەۋىي ئالىملار گۇرۇپپىسىنى يارىتالىدى. قىزلىرىدىن مۇھەببەت خەلق ئىگىلىكى ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەت قىلسا، كىچىك قىزى مېھرىبانۇم ئاتا ئىزىنى بېسىپ، مېمارچىلىق پەنلىرىنىڭ دوكتورى بولدى. ئۇ ھازىر دادىسى ئاساسىنى قۇرغان ئاكادېمىيەدە بۆلۈم رەھبىرى. نەۋرىسى شاخنازمۇ شۇ ئاكادېمىيەدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەت ئاتقۇرۇپ، ئىلىم-پەن بىلەن مەشغۇل بولماقتا. ‹ياخشىنىڭ ئېتى، ئالىمنىڭ خېتى ئۆلمەيدۇ› دېگەن ياخشى ئىبارە بار. بۇ، بەكرىم ئاكىغا خاس كېلىدۇ. بەكرىم ئاكىنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى بىز ئۈچۈن چوڭ جۇدالىق بولدى. كەسىپداشلىرىنىڭ بىرى ‹مېمارچىلىق پەنى ئاتىسىز يېتىم قالدى› دەپ قايغۇردى».

بەكرىمجان غلاۋدىنوف 1968-يىلى موسكۋا مېمارچىلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئاسپىرانتۇرىسىغا ئوقۇشقا كىرىپ بۇ يەردە كاندىدات دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىنى تەييارلاپ، ئۇنى 1971-يىلى ئۇتۇقلۇق ياقىلىغان ۋە 1972-يىلى قازاق پولىتېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ «شەھەر قۇرۇلۇشى» بۆلۈمىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەشكە باشلىغان، 1974-يىلى پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانغا ئىگە بولغان.

 بەكرىمجان غلاۋدىنوف 1999-يىلى دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىنى ياقىلاپ، قازاقىستاندا تۇنجى مېمارچىلىق پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئاتالغان. بەكرىمجان غلاۋدىنوف بىر قانچىلىغان ئىلمىي-تەتقىقات كېڭەشلىرىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە 4 دوكتور، 7 كاندىدات دوكتور تەييارلانغان. ئۇ 60 قا يېقىن ماگىستىر تەربىيەلىگەن.

بەكرىمجان غلاۋدىنوفنىڭ ئىلمىي پائالىيىتى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يۇقىرى باھالىنىپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئەينى ۋاقىتلاردا قازاقىستان قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەن ۋە ئۇنىڭغا «قازاقىستاننىڭ تۆھپىكار ئەربابى» ئاتىقى بېرىلگەن ۋە بىر نەچچە مېداللار بىلەن تەقدىرلەنگەن. ئۇ شۇنىڭدەك قازاقىستاندىكى شەرق ئەللىرى خەلقئارا مېمارچىلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ئۇنۋانىغا سازاۋەر بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.