بېلگىيە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى

0:00 / 0:00

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىدىغانغا بىر ئاي قالغاندىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر مۇسابىقىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش ھەققىدە بىرەر قارار ئالماسلىقى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەرنى، جۈملىدىن ئاللىقاچان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش قارارىنى ئېلان قىلغان بېلگىيەدىكى ھەرقايسى ئاممىۋى جەمئىيەتلەرنى بۇ ھەقتە بىر قاتار ئەمىلى پائالىيەتلەرنى تەشكىللەشكە ئۈندىگەنلىكى مەلۇم. 2022-يىلى يانۋاردىكى تۇنجى خىزمەت ھەپتىسى باشلانغاندىن كېيىن بېلگىيەدىكى «ياۋروپا ئاز سانلىقلارنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى»، «بېلگىيە كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى» قاتارلىقلار بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە 4-يانۋار كۈنى بىريۇسسېل شەھىرىدە ئاممىۋى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى.

شۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ كېيىنكى مەزمۇنلىرىدىن بىرى بىريۇسسېلدىكى دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن «2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلايلى» تېمىسىدىكى مۇنازىرە يىغىنى بولدى. يىغىن رىياسەتچىسى، ياۋروپادىكى ئاخبارات ساھەسىدە كۆپكە تونۇلغان ئاخباراتچى گاري كارترايت ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ نۆۋەتتىكى ئومۇمى ۋەزىيەتنىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشكە يول قويمايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھەقلەر ئاياق-ئاستى بولۇۋاتقان بىر مەملىكەتنىڭ بۇنداق بىر مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشىگە بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك چۈشەنچە بەردى. شۇنداقلا بۇ پائالىيەتنى تېزدىن بېرلىن، جەنۋە قاتارلىق جايلارغا كېڭەيتىش ھەققىدە سۆز قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشى نېمە ئۈچۈن زۆرۈرلۈكى ھەققىدە گوللاندىيەلىك سىياسىيون، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى پېتېر ۋان دالېن ئەپەندى ئالاھىدە سۆز ئالدى. ئۇ سۆزىدە نۇقتىلىق قىلىپ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ باش ساھىبخانى بولۇش ئالدىدا تۇرغان شى جىنپىڭنىڭ ئ‍ەمەلىيەتتە قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن ئىلگىرىلا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خرىستىئان مۇرىتلىرىغا دىنىي جەھەتتىن زىيانكەشلىك قىلىشنى باشلاپ بولغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بولسا بۇ زىيانكەشلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەركەز قىلغان ھالدا قىرغىنچىلىق تۈسىنى ئېلىۋاتقان باستۇرۇشقا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ كۆپلىگەن ئىسپاتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقتىن بىرنەچچە غەرب دۆلىتىنىڭ بۇ مۇسابىقىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش ھەققىدە قارار ئالغانلىقىنى، 2021-يىلىدىكى ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ئاخىرقى سوت ھۆكۈمىدىمۇ قىرغىنچىلىقنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنلىكى ماھىيەتتە دۇنيا ئۈچۈن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى تولۇق بايقۇت قىلىش ھەققىدىكى سىگنال ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. پارلامېنت ئەزاسى پېتېرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكى، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتى ئارقا تىرەك بولغان ھالدا داۋام قىلىۋاتقان ئادەم ئىچكى ئەزالىرى سودىسىمۇ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا يېتەرلىك سەۋەب بولالايدىكەن. يەنە كېلىپ بۇ خىل ئىچكى ئەزا سودىسىنىڭ ئاساسلىق قۇربانلىرى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ھەمدە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرى بولماقتىكەن. شۇڭا مۇشۇنداق كۆپ تەرەپلىمە جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان بىر مەملىكەت ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغاندا ياۋروپا ئىتتىپاقى جەزمەن بۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىشى زۆرۈر ئىكەن.

«خوڭكوڭنى كۆزىتىش» تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرىدىن بېنېدىكىت روجېرسمۇ بۇ قېتىمقى مۇنازىرە يىغىنىدا ئالاھىدە سۆز قىلدى. . ئۇمۇ پارلامېنت ئەزاسى پېتېر ۋان دالېن ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئوغرىلىنىشىغا دائىر پاجىئەلەرنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە خوڭكوڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا جامائىتىگە جاكارلىغان ۋەدىسىنىڭ يالغان بولۇپ چىققانلىقىنى، دېموكراتىيەنىڭ ھازىر پۈتۈنلەي خاراب قىلىۋېتىلگەنلىكىنى بايان قىلىپ «بۇنداق بىر ھاكىمىيەت قانداقمۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى يەنە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈش لاياقىتىگە ماس كېلىدۇ؟ ياۋروپا ئىتتىپاقى جەزمەن بۇنداق ئاشكارا پاكىتقا كۆز يۇمماسلىقى كېرەك» دېدى. .

شۇ قاتاردا سۆز قىلغۇچىلاردىن «ياۋروپا ئاز سانلىقلارنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» نىڭ رەئىسى مانېل ماسالمى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغۇت چەكلىمىسى تەدبىرلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ بۇ ھەقتە نۇقتىلىق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن يەنە ئۇلارنى جىنسىي خورلۇق ۋە جىسمانىي قىيناق ئوبيېكتى قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە يوللانغان كۈچلۈك ئۇچۇر ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئېتنىك تازىلاشنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان، ئۆز خاھىشىغا خىلاپ ھالدا ‹قايتا تەربىيە ئېلىش مەركىزى›گە قامىلىۋاتقان بىگۇناھ ئىنسانلار بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىمىزنى نامايان قىلالايمىز» دېدى. .

«بېلگىيە كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئاندىي ۋېرمائۇت ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك رېئاللىقنى ئەسلەپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە «ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئ‍ەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىممۇتلەق رەھبەرلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلغانلىق بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بارلىق ھۆكۈمەت مۇئەسسەسەلىرى، جۈملىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ بۇنىڭغا ئارىلىشىپ قېلىشتىن ئۆزىنى تارتىشى لازىم» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى مۇنازىرە خاتىرىسى ياۋروپا پارلامېنتىغا يوللىنىدىغان بولۇپ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھەققىدە ئېنىق قارار ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ قارالماقتىكەن.