بېلگىيە پارلامېنتى: «ئۇيغۇرلار ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ قۇربانى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-06-15
Share
بېلگىيە پارلامېنتى: «ئۇيغۇرلار ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ قۇربانى» بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2019-يىلى 20-ئىيۇن، بىريۇسسېل.
REUTERS

15-ئىيۇن كۈنى، بېلگىيە پارلامېنتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان زۇلۇمىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ بېكىتتى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بېلگىيە پارلامېنتىدا مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىنى ئاۋازغا قويغان جۈملىدىن ئۆتكەن يىلى 2-ئايدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ھەرىكىتىنى قوزغىغان بېلگىيە يېشىللار پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى سامۇئىل كوگولاتى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا مۇنداق دېگەن:

«بېلگىيە ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپىنى ئېتىراپ قىلدى. بۇ تېخى بىر نەچچە ئاي ئىلگىرىلا تەسەۋۋۇر قىلىش قېيىن بولغان بىر تارىخىي پەيت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىمىز نەتىجىگە ئېرىشتى!»

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن:

«بۈگۈن بېلگىيە پارلامېنتى دۇنياغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى چىقاردى. شىنجاڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر توپى ئىنسانىيەتكە قارشى ئەڭ قەبىھ جىنايەتلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. ئەمدى ھەرىكەت قىلماسلىققا ھېچقانداق باھانە قالمىدى».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ قارارىنى قارشى ئالدى. دولقۇن ئەيسا سۆزىدە بېلگىيە پارلامېنتى ۋە بىر كۈن ئاۋۋال چېخ پارلامېنتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق ساختا تەشۋىقاتلىرى ۋە ھەرىكەتلىرىگە قارىماي، بۇ زۇلۇمنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە، دېدى.

بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا قاراپ چىقىش ھەرىكەتلىرى ئىزچىل ھالدا خىتاينىڭ ھەرخىل ئاماللار بىلەن قارشىلىق قىلىشىغا ئۇچراپ كېلىۋاتاتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 3-ئايدا بېلگىيە پارلامېنت ئەزاسى سامۇئىل كوگولاتى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلغان. شۇنداقلا يەنە، بېلگىيە پارلامېنتىدا 5-ئاينىڭ 4-كۈنى ئ‍ۆتكۈزۈش پىلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىمۇ تور ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى. ئەينى چاغدا بۇ ھۇجۇمنىڭ خىتاي تەرىپىدىن قىلىنغانلىقى پەرەز قىلىنغان. مەزكۇر گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم گۇۋاھلىق بەرگەنىدى.

قەلبىنۇر خانىم بۈگۈن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ قارارىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بۇنىڭ لاگېرلاردا ئازاب چېكىۋاتقانلارنىڭ بالدۇرراق ئۆز ئەركىنلىكىگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بېلگىيە پارلامېنت ئەزاسى سامۇئېل كوگولاتى بۈگۈنكى يازما باياناتىدا خىتاينىڭ دېموكراتىيەگە زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ تاۋلىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ئالدى بىلەن بىزنىڭ بۇ تەكلىپ لايىھەمىزنى يوقىتىشقا ئۇرۇندى، ئارقىدىن مەن ۋە ئائىلەمگە جازا تەدبىرى ئېلان قىلدى. بىراق بۇ جازالار خىتاينىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەكسىچە نەتىجە بەردى. ئۇ بىزنىڭ پارلامېنتنىڭ دېموكراتىيەسىنى نىشانلاش ئارقىلىق، بىزنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىرادىمىزنى كۈچەيتتى. خىتاي بىزگە جازا بېرىش ئارقىلىق بىزنىڭ خىزمىتىمىزنىڭ مۇھىملىقىنى بىزگە يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى. پارلامېنتىمىز ئوچۇق-ئاشكارا ۋە ئوبيېكتىپ ھالدا ئىسپات ئاڭلاش ۋە سۈپەتلىك مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئاجىزلاشماي تۇرۇپ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇردى».

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قارار لايىھەسى بېلگىيە پارلامېنتىدا ناھايىتى ئاز ساندىكى بېلگىيە كوممۇنىست پارتىيە ئەزالىرى بىلەت تاشلىمىغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا تولۇق قوللاش بىلەن ئاۋازدىن ئۆتكەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇنى مەزكۇر قارارنىڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان مۇھىم تەرىپى، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ سۆزىدە: «بۇ قارارنىڭ پارلامېنتتىكى ئوخشىمايدىغان پارتىيەلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەزالار تەرىپىدىن تولۇق قوللاشقا ئېرىشىپ ماقۇللىنىشى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ، بۇ بېلگىيە ھۆكۈمىتىنى ھەرىكەت قوللىنىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە خەلقنىڭ ئىرادىسىنى نامايان قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

دەرۋەقە سامۇئىل كوگولاتىمۇ بۈگۈن «خىتاي مەسىلىسى بويىچە پارلامېنتلار ئارا ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى» دا قىلغان سۆزىدە بېلگىيە ھۆكۈمىتىگە مۇنداق دەپ چاقىرىق قىلغان:

«ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ۋەھشىيلىكلەر داۋام قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، بىز بېلگىيە ھۆكۈمىتىنى رەسمىي ھالدا خىتاي بىلەن ئىككى تەرەپ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسىنى بىكار قىلىشقا ۋە خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى رەت قىلىشقا چاقىرىمىز. ئۇيغۇرلار تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان جازا لاگېرلىرى ئوچۇق تۇرغان مۇددەتقىچە، خىتاي بىلەن يەنە نورمال مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. بېلگىيە بەلكىم بىر كىچىك دۆلەت بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بىز دۇنياغا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ھەممە جايدا، ھەممە ئادەم ئۈچۈن ئوخشاش قوغدىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا ئېنىق سىگنال ئەۋەتەلەيمىز».

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، بېلگىيە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلغان 7-دۆلەت بولۇپ، بۇندىن ئىلگىرى ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيە، ئەنگلىيە، لىتۋانىيە ۋە چېخ جۇمھۇرىيەتلىرى ئۆز مەيدانىنى جاكارلىغانىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت