بېلگىيەدە سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى 2018-يىلى قوبۇل قىلىنغان بۇ يىل 51 ياشقا كىرگەن ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۈرۈمچىدە قالغان 4 پەرزەنتى ھەم ئايالى بىلەن جەم بولۇش ئۈچۈن بېلگىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرىغا كۆپ قېتىم ئىلتىماس سۇنغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ پاسپورتىنى بېجىرىپ بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن ھېچ بىر نەتىجە بولمىغان. بۇ جەرياندا خىتاي دائىرىلىرى تېلېفون ئارقىلىق ئابلىمىتقا قايتىپ كېلىش ھەققىدە تەھدىت سالغان. ئۇنىڭ ئائىلىسىمۇ توختىماي سوئال-سوراقلارغا دۇچ كەلگەن. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىشى بىلەن ئابلىمىت ئۆز ئائىلىسىنى بېلگىيەگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن بېلگىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن ياردەم سورىغان.
بۇ تەشكىلاتنىڭ بېلگىيە تاشقى ئىشلار ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىش نەتىجىسىدە بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئابلىمىتنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى پاسپورت بولمىغان ھالەتتىمۇ باشقا ماتېرىياللىرىنى ئەدلىيە گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈپ بېيجىڭدىكى بېلگىيە ئەلچىخانىسىغا ئېلىپ كەلسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئابلىمىتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۇنىڭ ئايالى تەلەپ قىلىنغان ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ 2018 يىلى 15-ئاۋغۇستتا بېلگىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا تاپشۇرغان ۋە كۆچمەنلىك ۋىزىسىغا ئىلتىماس قىلغان.
بۇ يىل 3-مارتتا بېلگىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى ئابلىمىتنىڭ ئايالىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىنى ئەدلىيە گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈپ تاپشۇرۇش ۋە سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلغان. ئابلىمىت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى جىددىي بولغانلىقتىن ئايالىنىڭ تەلەپ قىلغان ماتېرىياللارنى ئەدلىيە گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈشىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ۋىزا رەسمىيەتلەرنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. 2019-يىلى مايدا بېيجىڭدىكى بېلگىيە ئەلچىخانىسى ئابلىمىتنىڭ ئايالىغا ئەگەر تەلەپ قىلغان ماتېرىياللارنى ۋاقتىدا تاپشۇرمىسا ۋىزا ئىلتىماس قىلىش ۋاقتىنىڭ يەنە كەينىگە سۈرۈلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
ئابلىمىت ئەپەندى ئايالى بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئايالى ھۆرىيەت ئابدۇللا، پەرزەنتلىرى رەھىمە (17 ياش)، ئىمران (15 ياش)، يۇنۇس (7 ياش) ۋە خەدىچە (5 ياش) نى ئېلىپ 27-ماي بېيجىڭغا كەلگەن.
ئەمما ئۇلار بېيجىڭغا كەلگەن كۈنى يېرىم كېچىدە بېيجىڭدىكى خىتاي ساقچىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ساقچىلار ئۇلار ياتقان مېھمانخانىغا كېلىپ ئۇلارنى سوئال-سوراققا تارتقان. ساقچىلار ئۇلارغا پاسپورتى يوق تۇرۇپ چەتئەلگە چىقىش ئۈچۈن ۋىزا ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.
28-ماي ھۆرىيەت خانىم تەلەپ قىلىنغان ماتېرىياللارنى ئېلىپ بالىلىرى بىلەن تەڭ ۋىزا ئېلىش ئىلتىماسى سۇنۇش ئۈچۈن بېيجىڭدىكى بېلگىيە ئەلچىخانىسىغا كىرگەن. ئەمما ماتېرىياللارنى ئېلىپ قالغان ئەلچىخانىدىكى بىر خىتاي خادىم ئۇنىڭغا ۋىزا ئىلتىماسىنىڭ جاۋابىنى بىر قانچە ئاي ساقلىشى كېرەكلىكىنى دەپ قايتۇرۇۋەتكەن. ھۆرىيەت خانىم ئېرىنىڭ بېلگىيەدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلىكى، ئۆزى ۋە بالىلىرىنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئەلچىخانىدىن ئايرىلىپ ئۈرۈمچىگە قايتىش تۇرماق، بېيجىڭنىڭ ئۆزىدىمۇ خەتەرگە ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. يەنى بېلگىيە ئەلچىخانىسىدىن ئۆزى ۋە بالىلىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان. ھالبۇكى، بېلگىيە ئەلچىخانىسىنىڭ خادىملىرى ئۇنىڭغا پىسەنت قىلماي «بۇ مېھمانخانا ئەمەس» دېگەن جاۋابنى بەرگەن. ئۇلار بۇنىڭ بىلەنلا قالماي خىتاي ساقچىلىرىغا تېلېفون قىلغان. 29-ماي سەھەرگە ئۇلىشاي دېگەندە يەنى بېيجىڭ ۋاقتى سەھەر 3 يېرىم ئەتراپىدا خىتاي ساقچىلىرى بېيجىڭدىكى بېلگىيە ئەلچىخانىسىدىن ھۆرىيەت خانىم ۋە ئۇنىڭ 4 بالىسىنى مەجبۇرىي ئېلىپ كەتكەن.
ئابلىمىت ئەپەندىنىڭ بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلارنى ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرۈشى نەتىجىسىدە خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرىنى ئەتىسى ئۇلار بېيجىندا چۈشكەن مېھمانخانىغا ئاپىرىپ قويغان. ئەمما 31-ماي بېيجىڭ ۋاقتى 10 يېرىم ئەتراپىدا ئابلىمىت ئەپەندى ئايالى بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىۋاتقان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن 4 ساقچى ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ ياتىقىغا بېسىپ كىرگەن ۋە تېلېفوننى تارتىۋالغان. ئەنە شۇندىن ئېتىبارەن ئابلىمىت ئەپەندىنىڭ ئايالى ھۆرىيەت ۋە تۆت بالىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن.
غەلىتە يېرى شۇكى، دەسلەپ ۋىزا نەتىجىسىنى 3 ئاي ساقلاشنى ئېيتقان، خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ھۆرىيەت خانىم ۋە ئۇنىڭ 4 بالىسىنىڭ ۋاقتىنچە پاناھلىنىشىنىمۇ رەت قىلغان بېلگىيە ئەلچىخانىسى ئابلىمىتتىن ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئېلىپ بىر سائەتتىن كېيىن ئۇلارنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنىڭ قوبۇل بولغانلىقى ھەققىدە ئابلىمىتقا ئېلخەت ئەۋەتكەن.
ھالبۇكى، ئابلىمىت ھازىرغىچە ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز ئىكەن. ئابلىمىت بېيجىڭ ساقچى تارماقلىرى ئارقىلىق ئايالى ۋە بالىلىرىنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەتكەن نەنگۇەن ساقچىخانىسى بىلەن ئالاقىلەشكەن بولسىمۇ، مەسئۇل ساقچى ئابلىز ئۇنىڭغا «ئۆزۈڭ قايتىپ كېلىپ قان ئەۋرىشكەڭنى بەر، ئاندىن ئائىلەڭنى تېپىپ بېرىمىز» دەپ تەھدىت سالغان.
ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ھېچقايسىسى تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلمىدى.
بىريۇسسېلدىكى بېلگىيە تاشقى ئىشلار ئىدارىسى ۋە بېيجىڭدىكى بېلگىيە ئەلچىخانىسىمۇ ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ئابلىمىتنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش ھەققىدىكى سوئاللىرىغا پاسسىپ پوزىتسىيەدە بولغان. بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېرىك خالو تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ ھېچقانداق سوئالغا جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتىكى سوئاللارنى مىنىستىرلىقنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسىغا ئېلخەت يېزىشىمىزنى ئېيتىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
ئابلىمىت ئەپەندى ئىزچىل ئالاقىلىشىپ كېلىۋاتقان بېلگىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ بېلگىيە پۇقرالىرىنىڭ جىددىي ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئۇ ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ خەتەر ئاستىدىكى ئايالى ۋە بالىلىرى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. ئۇ «بۇ سوئاللارنى بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن سوراڭلار،» دېگەن سۆزنى تەكرارلىدى.
ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئىككى ھەپتىدىن بۇيان بېلگىيە دائىرىلىرىنىڭ مۇشۇ تۈردە مەسئۇلىيەتتىن قاچقاندەك مۇئامىلىسىگە ئۇچراپ ئۈمىدسىزلەنگىنىنى، ئايالى ۋە بالىلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئەھۋالنى مەتبۇئاتلارغا بىلدۈرۈش قارارىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ بۇ ھەقتە توختىتىلىپ، «بۇ ھازىر مېنىڭ ئائىلەم ئۇچرىغانلا خەتەر ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان خەتەردۇر،» دېدى.
12-ئىيۇن بېلگىيەدە گوللاند تىلىدا چىقىدىغان گېزىتلەردىن «دې مورگېن» گېزىتىگە ئابلىمىت تۇرسۇن ئائىلىسىنىڭ خەتەر ئاستىدا ئىكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بېسىلغان.
ھازىر بېلگىيەدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆشۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىمۇ ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئائىلىسىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىكەن. بېلگىيە بىريۇسسېل ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇرشۇناس ۋېنېسسا فرانگۋىللې خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «بىزنىڭ بۇ مەسىلىنى خەلقئارا جامائەتچىلىككە ئېلان قىلىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى.
ۋېنېسسا خانىم «بېلگىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى ئۆتكۈزگەن بۇ سەۋەنلىكنىڭ بېشى بېلگىيەدە، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خەۋەر باشتا بېلگىيەدە، بېلگىيە جەمئىيىتىگە بىر سىگنال بولۇشى كېرەك. بۇ ئارقىلىق بېلگىيەدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە بۇ دۆلەتتە دېموكراتىيەنىڭ يۈرۈشۈۋاتقانلىقى، بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خاتالىق ئۆتكۈزگەندە ئوخشاشلا ئۇنى ئېچىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈلۈشى زۆرۈر،» دېدى.
بىز ئۇنىڭدىن نېمە سەۋەبتىن ۋە قانداق سالاھىيەت بىلەن ئابلىمىت تۇرسۇن ئائىلىسى ئۇچرىغان بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بولۇۋاتقانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچراۋاتقىنى، بۇ ئائىلىنىڭ ئۇچراۋاتقىنى بىر ئىنسانلىق تراگېدىيەسىدۇر. مەن پەقەت ئىنسانلىق سالاھىيىتىم بىلەن بۇ ئۇۋالچىلىققا قاراپ تۇرالمىدىم، خالاس،» دېدى.
بىريۇسسېل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى شۇنداقلا خەلقئارادىكى نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى.
ئەپسۇسكى، بېلگىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكۈزگەن بۇ سەۋەنلىكى سەۋەبلىك ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ يوقاپ كېتىشى خىتاي چېگراسى ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكى، ھەتتا ئۇلار مىڭ مۇشەققەتلەر بىلەن دېموكراتىك ئەللەرنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىلىرىدىن پاناھلىق تىلەشكە تەۋەككۈل قىلغان تەقدىردىمۇ ئوخشاشلا خەتەرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.
0:00 / 0:00