ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 14-نويابىر كۈنى ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا ئۈچ سائەت سۆھبەتلەشكەن، بۇ ئۇلارنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ بىر نەچچە يىلدىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان جىددىي سۈركىلىشىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە سۆھبەتلىشىشى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ سۆھبەتتە ئۇلار ئۆزئارا يارىشىپ قېلىش كەيپىياتىنى ساقلىغان بولسىمۇ، تەيۋەن مەسىلىسىدە يەنىلا بىرلىككە كېلەلمىگەن.
رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ نەق مەيداندىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىككى تەرەپ دۆلەت باشلىقلىرى ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئارىسىدا داۋاملىشىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتنىڭ ئاخىر بېرىپ توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.
ھىندونېزىيە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان «20دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى» ھارپىسىدا، جوۋ بايدېن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ سۆھبىتى باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا شى جىنپىڭ: «دۇنيا بىر ئاچا يولنىڭ ئېغىزىغا كەلدى. قايسى ياققا ماڭىمىز، بۇنىڭغا بىزلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي بىلەن ئامېرىكانىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ» دېگەن.
شى جىنپىڭ يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسى ئوتتۇرىسىدا پەرق بارلىقىنى، ئامېرىكانىڭ كاپىتالىزم بىلەن، خىتاينىڭ سوتسىيالىزم بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، مۇنداق دېگەن: «خىتاي بىلەن ئامېرىكانىڭ بۇ پەرقنى تونۇپ يېتىپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىش ئارقىلىق ئۆز-ئارا ماسلىشىشى ناھايىتى مۇھىم. دۇنيا ناھايىتى كەڭ، ئۇ خىتاي بىلەن ئامېرىكانىڭ تەرەققىياتى ۋە ئورتاق گۈللىنىشىنى سىغدۇرالايدۇ» دېگەن.
«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى»، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» قاتارلىق داڭلىق تاراتقۇلار جوۋ بايدېننىڭ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى ئازايتىپ، خىتاي بىلەن كەلگۈسىدە چوڭ توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدىغانلىقى ۋە پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
جوۋ بايدېن يىغىندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن داۋاملىق كەسكىن رىقابەتلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما «بۇ رىقابەت توقۇنۇشقا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك، مەن يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ بولماسلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن، ئامېرىكا بىلەن خىتاي رىقابەتنى چوقۇم مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىدارە قىلىپ، ئوچۇق ئالاقە يولىنى ساقلىشى كېرەك. ئۇلار يەنە بىرلىكتە تىرىشىپ، دۆلەت ھالقىغان خىرىسنى ھەل قىلىشى كېرەك، چۈنكى خەلقئارا جەمئىيەت بۇنى ئۈمىد قىلىدۇ» دېگەن.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئاندېرس كور بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش ھەققىدە رادىيومىزغا يوللىغان ئىنكاسىدا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ مەزگىلدە جوۋ بايدېن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىشىشى بىر خاتالىق، چۈنكى خىتاي ئالىبۇرۇن ئامېرىكا ۋە باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ مۇرەسسەسىز دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بولدى. بىز تەيۋەن ئارمىيەسىنى يادرو قورالغا ئىگە كۈچلۈك ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، قىيىن ئەھۋالدىكى بۇ ئارالنىڭ دېموكراتىيەسىنى قوغداش ئۈچۈن قەدەم ئېلىشىمىز كېرەك بولغان ئەھۋالدا، بۇ ئۇچرىشىش ئەكسىچە ئاجىزلىقنى ئىپادىلەپ قويدى. بىز چوقۇم تەيۋەنگە بەرگەن ۋەدىمىز ۋە ئىرادىمىزنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك. بولمىسا خىتاي بىزنى ئاجىز كۆرۈپ، تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشى، بىزنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمىزمۇ بىزگە ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن».
بۇ سۆھبەتتە جوۋ بايدېن بىلەن شى جىنپىڭ ھەر ئىككىسى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ھالقىپ كېتەلمەيدىغان ئىختىلاپلىق مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئاقساراينىڭ بىلدۈرۈشىچە، جوۋ بايدېن خىتاينىڭ خوڭكوڭ پۇقرالىرىغا، ئۇيغۇر رايونى ۋە تىبەتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېلىپ بارغان قىلمىشلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلىك مەسىلىنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشى بىلەنلا ھەل بولىدىغان مەسىلە ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تەيۋەن ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سەزگۈر نۇقتا بولۇپ كەلگەن. شى جىنپىڭ بۇ قېتىممۇ تەيۋەننىڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، تەيۋەننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن بىرلىشىشىنىڭ باشقا دۆلەت ئارىلىشالمايدىغان ئىچكىي ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ تەيۋەننى «خىتاينىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى»، «ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئاتلاپ ئۆتكىلى بولمايدىغان قىزىل سىزىق» دەپ تەسۋىرلىگەن ھەمدە ئامېرىكا رەھبەرلىرىنى تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىماسلىق ۋەدىسىدە چىڭ تۇرۇشقا چاقىرغان.
رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، جوۋ بايدېن مۇخبىرغا قىلغان سۆزىدە «خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ» دەپ ئويلىمىغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ تەيۋەن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت سېلىپ، دۇنياۋى تەرەققىياتقا قارشى يۆنىلىشتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ پرېزىدېنت جوۋ بايدېن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشىنىڭ پەقەت توقۇنۇشنى ئارقىغا سۈرۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «پرېزىدېنت جوۋ بايدېن بىلەن خىتاي ھۆكۈمدارى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق سۆھبىتى ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ ئىختىلاپلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ ئارقىغا سۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئامېرىكا خىتاي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن چاغدىلا خىتاي ھۆكۈمىتى خەتەرلىك قىلمىشلىرىنى داۋام قىلىدۇ. ئەگەر بىز خىتايغا بېسىم قىلىشنى كۈچەيتسەك ئەھۋال ياخشىلىنىدۇ. خىتاي بۇ سۆھبەت ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىشىنى ئارقىغا سۈرۈپ، ئۆزىنىڭ يىرگىنىشلىك قىلمىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتمەكچى. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ياخشى مۇناسىۋەتنىڭ دوستانە مۇناسىۋەت بولۇشى ناتايىن، ياخشى مۇناسىۋەتتە سەن تەلەپ قىلغانغا ئېرىشەلەيسەن. خىتايلار بۇنى ياخشى بىلىدۇ، بىزمۇ بىلىشىمىز كېرەك».
دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ خىتاي ئىقتىسادىنى قۇتقۇزۇپ، ئۆزىنىڭ كېيىنكى غەرىزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلىماقچى بولغان.