ئۇيغۇرشۇناس ئالىملاردىن بىل كلارك (William Clark) 1990-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ياشاش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنى چوڭقۇر چۈشەنگەن، شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئائىلىۋى قۇرۇلمىنىڭ قانداق ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقانلىقىدەك بىر رېئاللىقنى تەپسىلىي شەرھلەپ بەرگەن ئىدى. ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ئەۋجىگە چىققان يىللاردىن باشلاپ ئۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئامېرىكا خەلقىگە ئاڭلىتىشقا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا يەتكۈزۈۋاتقان روھىي زەخمەتلىرىنى داۋالاشقا چامىنىڭ يېتىشىچە ياردەملەشمەكتە. يېقىندا نيۇ-يورك شەھىرىدە مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور بىل كلارك، بۇ جەھەتتىكى بەزى ئەھۋاللار توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى. يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىز ئەزىز ۋە جۈمەنىڭ بۇ ھەقتىكى پىروگراممىسىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىنى ئاڭلىغايسىلەر.
مۇخبىر: ئۇنداقتا، ئالدى بىلەن سىز باشلىغان «ئۇيغۇر ساغلاملىق تەشەببۇسى» ھەققىدە سۆزلەپ باقسىڭىز. سىز قانداق بولۇپ مۇشۇنداق بىر ئىدىيەگە كېلىپ قالغان ئىدىڭىز؟
بىل كلارك: بولىدۇ. ئالدى بىلەن شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى زۆرۈر دەپ قارايمەن. «ئۇيغۇر ساغلاملىق تەشەببۇسى» نى مەن باشلىغان ئەمەس. مەن پەقەت بۇ ئىش باشلانغاندا شۇ يەردە بولۇپ قالغانلا يېرىم بار. بۇ قۇرۇلۇشنى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى قاتارلىقلار بىرلىكتە باشلىغان. مەن بىر ئامېرىكا پۇقراسى ھەمدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىنسانشۇناسلىق بىلىملىرىدىن خەۋەردار بىرى بولۇش سۈپىتىدە بۇ ئىشلاردىن خەۋىرىم بار ئىدى. يەنە كېلىپ مەن روھىي زەخمەتكە داۋا قىلالايدىغان كۆپلىگەن ئەمچىلەرنى تونۇيتتىم. مۇھاجىرەتتىكى، بولۇپمۇ ئامېرىكا تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا دەل مۇشۇ خىل پىسخىك ۋە ھېسسىي جەھەتلەردىكى زەخمەتلەر كۆپلەپ كۆرۈلۈشكە باشلىغاندىن كېيىن، لۇئىزا گرېۋ، ئەلفىدار، ئەركىن سىدىق، مەمتىمىن دوختۇر قاتارلىقلار ئاشۇ خىل ئېھتىياج ئۈچۈن بۇنى باشلىدى.
مۇخبىر: بۈگۈنكى مۇھاكىمە يىغىنى سىزگە بەكلا چوڭقۇر تەسىر قىلغاندەك قىلىدۇ. قارىسام سىز بەكمۇ چوڭقۇر ھاياجاندا سۆزلىدىڭىز؛ مېھرىگۈل تۇرسۇن لاگېردىكى كەچمىشلىرى ھەققىدە توختالغاندا، ھەتتا كۆزلىرىڭىزدە ياش ئەگىگەنلىكىنى كۆردۈم. بۇ ئىشلار نېمىشقا سىزگە شۇ قەدەر تەسىر قىلىدۇ؟
بىل كلارك: بۇ ھەقىقەتەنمۇ جاۋاب بېرىش قىيىن بولغان بىر سوئال بولدى. بۇنى بەلكىم ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ بىرىكمىسى، دېسەك مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ مەن دەۋاتقان تولىمۇ چوڭقۇر مەنىۋى چۈشەنچىنىڭ ئىنكاسىدۇر. نېمىشقا دېگەندە ھەممىمىزنى بىر خۇدا ياراتقان. شۇنداق بولغانىكەن، ئاشۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ قېرىنداشلىرىم ۋە ھەمشىرىلىرىمدۇر. مەن بەختكە يارىشا شۇنچە يىللارنى ئۇلار بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن، ئۆزۈمنى ھەرقاچان ئاشۇ توپقا كۆڭۈل رىشتىم باغلىنىپ قالغاندەكلا ھېس قىلىمەن. راستىنى ئېيتسام، 2021-يىلىغا كەلگەندە، يەنى لاگېرلار ھەققىدە ئاڭلاۋاتقىنىمغا تۆت يىل بولۇپ قالغاندا ئۆزۈمنى بەكلا تۈگىشىپ كەتكەندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن ئالتە ئاي دەم ئالدىم ۋە ئەمچىگە كۆرۈندۈم. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىلدىكى روھىي زەخمەتكە داۋا قىلىشقا موھتاج بولۇۋاتقانلىقىمنى تونۇپ يەتتىم. چۈنكى مەن بالىلىق دەۋرىمدە بۇ خىل روھىي زەخمەتنىڭ دەردىنى تارتقانمەن. دادام بوب كلارك ئەينى ۋاقىتتا ياپونلارنىڭ جازا لاگېرىدا ئۈچ يېرىم يىل ياتقان. بۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلى بولۇپ، دادام ياپونلار ئەسىر ئالغان 40 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى قاتارىدا فىلىپپىندىكى جازا لاگېرىدا تولىمۇ مۇدھىش قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپتىكەن. ئۇلار بۇ جايدا جىسمانىي قىيناقتىن باشقا يەنە قۇللار ئەمگىكىگە سېلىنغان ئىكەن. ئۇلار شۇ ۋاقىتتا «ياپونىيە پولات شىركىتى» دە ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ شىركەت ھازىرمۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پولات شىركەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مەن مۇشۇنداق بىر ئائىلىنىڭ پەرزەنتى بولغانلىقىم ئۈچۈن، ئۇنىڭدىكى كۆپلىگەن روھىي جاراھەتنىڭ ئىزنالىرى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدىنمۇ ئورۇن ئالغان. چۈنكى بۇ خىل روھىي زەخمەت ھەرقاچان ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۆتىدۇ ۋە ئىزچىل ئوخشىمىغان شەكىلدە داۋام قىلىدۇ.
مۇخبىر: سىز روھىي زەخمەت ھەققىدە گەپ قىلىپ قالدىڭىز؛ يەنە كېلىپ ئۆزىڭىز ساغلاملىق تەشەببۇسلىرىغا بىۋاسىتە ئارىلىشىپ باققان ئىكەنسىز. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ روھىي زەخمەتنىڭ ئىزتىراپلىرىدا قىينىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىغا قانداق مەسلىھەتلەرنى بېرىسىز؟
بىل كلارك: شۇنداق، شۇنداق. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا بەكمۇ روشەن ئەكس ئەتكەن بىر ھادىسە ئۇلاردىكى بەردەملىك، بولسا كېرەك. بۇنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى ئەڭ يارقىن ئامىللاردىن، دېيىش مۇمكىن. شۇ تاپتا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ شىمالىي ئامېرىكا بويىچە ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان پۇتبول مۇسابىقىسى يادىمغا كېلىۋاتىدۇ. بۇ مۇسابىقە ئوخشاش بولمىغان ئالتە شەھەردە ئوينىلىدىغان بولۇپ، ھەر يىلى ئىيۇلدا بولىدۇ. بۇ ھال ئۆز نۆۋىتىدە خىيال قۇشلىرىمنى ئەينى ۋاقىتتا مەن ئۈچ يىل ياشىغان غۇلجا شەھىرىگە ئېلىپ كېتىدۇ. مەن ھازىر ئۇ جايدا بولمىساممۇ ئاشۇ مەشرەپلەر، مەشرەپتىكى ئوغۇللار، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چايلىرى، ناخشا-مۇزىكىلار، مەن ئۈچۈن چۈشىنىش بەكمۇ قىيىن بولغان، ئەمما ئادەمنى خۇشاللىققا تارتىپ كېتىدىغان چاقچاقلار ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ گۈزەل ھۈجەيرىلىرى بولۇپ، قىرغىنچىلىقتىن كېلىپ چىققان روھىي زەخمەتنىڭمۇ بىر تۈرلۈك دورىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىق بولغىنى، مەيلى شىمالىي ئامېرىكا، ياۋروپا ياكى ئاۋسترالىيە بولسۇن، ئۇيغۇرلار كۆپىنچە تارقاق ماكانلاشقان. بەزىلەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن شۇنچىلىك ئۇزاق جايدا ياشايدۇ ھەمدە تەنھالىقنىڭ ئازابىدا پۇچىلىنىپ كېتىدۇ. دەرۋەقە، بۇنىڭدا خىزمەت ياكى باشقا شەخسىي سەۋەبلەر مەۋجۇت. دېمەكچى بولغىنىم، بىز باشلىغان ئۇيغۇر ساغلاملىق تەشەببۇسى دەل مۇشۇ خىلدىكى روھىي زەخمەتكە داۋا قىلىشنى ئىستىگەن بولۇپ، ئۇلارغا ئېيتىدىغىنىمىز «سىز ھېچقاچان يالغۇز ئەمەس! » . مەن ئىلگىرى دەپ ئۆتكىنىمدەك بىز ھازىر بەزى ئەمچىلەرنى توپلاپ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ روھىي زەخمەتلىرىنى داۋالاشنى ئويلىشىۋاتىمىز. ئەمما بۇ بەكمۇ چوڭ بىر قۇرۇلۇش. ئەگەر سىزمۇ بۇ خىل روھىي زەخمەتنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بولسىڭىز، بۇنى «باشتىن باشلاش كېرەك! »
مۇخبىر: ھازىرقىدەك پاجىئەلەر يامراۋاتقان، ئۈمىدۋارلىق ھەرقاچان تۇتىيا بولۇپ كېتىۋاتقان بىر زاماندا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا، شۇنىڭدەك لاگېرغا قامىلىپ كەتكەن ياكى لاگېردىن چىقالىغان دوستلىرىڭىزغا قانداق ئۈمىدلىك تىلەكلىرىڭىز بار؟
بىل كلارك: ھازىرمۇ يادىمدا: 1990-يىللىرى مەن ئاشۇ جايلاردا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقاندا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» پات-پاتلا تىلغا ئېلىنىپ قالاتتى. نېمىشقا دېگەندە ئۇ تارىخىي ئالاھىدىلىكى بويىچە ھازىرقى ئىشلارغا بەكمۇ ئوخشىشىپ كېتەتتى. يەنى ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدىكى ئىسلام دىنى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان ھەممىلا نەرسە جىنايەتلەشتۈرۈلگەن ئىدى؛ كىشىلەر خۇداغا ئىشەنگەنلىكى ياكى توپلىشىپ ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن جازالىناتتى. ئەمما ئۇلار شۇ ۋاقىتتا قولى بىلەن يۈرىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ «خۇدايىم بار، كۆڭلۈمدە» دەيتتى. بۇ ئەمەلىيەتتە ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ قەلبىمىزدىكى ئورتاق ئورنىدۇر. ئەشۇ قۇدرەت بىزگە كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ، شۇنداقلا بىزنى ئۈمىدسىز بولماسلىققا ئۈندەيدۇ. ئۈمىدسىزلىك بەكمۇ چوڭ بىر قارا ئۆڭكۈر بولۇپ، ئۇ ھەممىلا نەرسىنى يۇتۇپ كېتىدۇ. ئەمما ھازىر بۇ خىل قارا ئۆڭكۈرلەرگە قارشى بىر ئارمىيە قۇرۇلۇۋاتىدۇ: ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرلا ئەمەس، باشقا مۇسۇلمانلار جامائىتى، خىرىستىيانلار دۇنياسى ۋە دىنغا ئىشىنىپ كەتمەيدىغان ئامېرىكا خەلقى، شۇنداقلا ياۋروپالىقلارمۇ بۇ ئارمىيەنىڭ سېپىگە قوشۇلۇۋاتىدۇ. بىز ھەممىمىز مۇشۇ تەرىقىدە ئۇيغۇرلار بىلەن ياخشى قوشنىلاردىن بولۇپ قالىمىز، دەپ ئويلايمەن.
مۇخبىر: كۆپ رەھمەت سىزگە!
