يازغۇچى تېرىسا: «خىتاينىڭ بىڭتۇەن شەھەرلىرىنى كۆپەيتىشى رايوندا ئۇيغۇرلارنى ئازايتىشنى نىشان قىلغان»

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» 9-مارت كۈنى خەۋەر بېرىپ، بىڭتۇەنگە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ 11 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئۇلار شىخەنزە، ۋۇجياچۈ، ئارال، باشئەگىم (تيېمېنگۈەن)، تۇمشۇق، كۆكدالا، شۇاڭخې، خۇ ياڭخې، بېيتۈن، كۈنيۈ (قۇرۇمقاش)، شىڭشىڭ (يېڭى يۇلتۇز) قاتارلىقلار بولۇپ، شىخەنزە شەھىرىدىن باشقىلىرى 2000-يىللارنىڭ بېشىدىن 2021-يىلغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا يېڭىدىن شەھەر قىلىپ بەرپا قىلىنغان ئىكەن.

دادىسى ئامېرىكالىق دىپلومات، ئاپىسى خىتاي مىللىتىدىن بولغان ئامېرىكالىق يازغۇچى تېرىسا (خەن شۇ) خانىمنىڭ 1966-يىلدىن 1976-يىلغىچە بولغان 10 يىللىق ياشلىق ھاياتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىڭتۇەننىڭ 3-دېۋىزىيەسى، يەنى دەل بۈگۈنكى تۇمشۇق شەھىرىدە ئۆتكەن. تېرىسا خانىم ئامېرىكاغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەكىت ۋە مارالبېشى تەۋەلىكىگە جايلاشقان بىڭتۇەن 3-دېۋىزىيەسىدە ئۆتكەن ھاياتى ۋە ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس كىتاب يېزىپ ئېلان قىلغان. ئۇ بۇ ھەقتە ئىلگىرى رادىيومىز زىيارىتىنىمۇ قوبۇل قىلغان ئىدى.

تېرىسا خانىم بۈگۈن يەنە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان بىڭتۇەن شەھەرلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

تېرىسا خانىم خىتاينىڭ بىڭتۇەننى قۇرۇشى ۋە ئۇنى بارغانچە كېڭەيتىپ. بىڭتۇەن شەھەرلىرىنى بەرپا قىلىشىدىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ: «بىڭتۇەننىڭ چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش نامىدا رايونغا كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىش، يەرلىك ئۇيغۇرلار نوپۇسىنى بارغانچە ئازايتىش، ھەتتا ئېرىتىپ تۈگىتىشنى نىشان قىلغانلىقى ئېنىق،» دېدى.

تېرىسا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىڭ بىڭتۇەن ئارقىلىق خىتاي كۆچمەنلىرىنى تۈركۈملەپ ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكەش سىياسىتى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا ئەۋجىگە چىققان ئىكەن.

تېرىسا خانىم مۇنداق دېدى: «زور كۆلەمدە كۆچمەن يۆتكەش 1965-يىللىرى ئەۋجىگە چىققان ئىدى. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا خىتاينىڭ كۆپلىگەن چوڭ شەھەرلەردىكى، مەسىلەن، بېيجىڭ، شاڭخەي، ۋېنجۇ، شېنياڭ قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنى شىنجاڭغا ھەيدىۋەتتى. كۆچمەن يۆتكەش 1965-يىلى ئەۋجىگە چىقىپ، ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى› مەزگىلىگە كەلگەندە تېخىمۇ تېزلەشتى. چۈنكى بۇ مەزگىلدە ھەرقايسى شەھەرلەر ‹قارا تىزىملىك› تىكى ‹توققۇز خىل ئۇنسۇرلار›، يەنى پومىششىك-باي دېھقانلار، ئوڭچىلار، ئەكسىلئىنقىلاپچىلار دەپ ئاتالغانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى زور تۈركۈمدە شىنجاڭغا ئەۋەتىپ، ئۇلارنى بىڭتۇەنگە يەرلەشتۈردى.»

تېرىسا خانىم «كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يوتكەش ئاراقىلىق، ئۇيغۇر نوپۇسىنى شالاڭلاشتۇرۇش پىلانى» نىڭ ئەڭ دەسلەپ 60-يىللارنىڭ باشلىرىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى لىيۇ شاۋچى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «قۇم ئارىلاشتۇرۇش پىلانى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە ئىجرا قىلىنىۋاتقىنى لىيۇ شاۋچىنىڭ ‹قۇم ئارىلاشتۇرۇش پىلانى› دۇر. ئاتالمىش ‹قۇم ئارىلاشتۇرۇش پىلانى› ئۇيغۇرلارنىڭ رايوندىكى نوپۇس نىسبىتىنى ئازايىشتۇر، بۇ تېخىمۇ كۆپلىگەن خىتايلارنى شىنجاڭغا يۆتكەپ ئەكىلىشنى كۆرسىتىدۇ. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، ‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى› ئاياقلاشقىچە، يەنى 60-يىللاردىن 70-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا بىڭتۇەننىڭ تەرەققىي قىلىپ كېڭىيىشىدە ئىجرا قىلىنغىنى ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئازايتىش، يەنى دەل ليۇ شاۋچىنىڭ ‹قۇم ئارىلاشتۇرۇش پىلانى› دۇر. بۇ ئەمەلىيەتتە شىنجاڭنىڭ بايلىقلىرىنى بۇلاش ۋە ئېكېئولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش بولدى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كەلگىنى تۈگىمەس ئازاپ-ئوقۇبەت بولدى. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلار دېگەندەك تەرەققىيات ۋە تۆھپە قوشۇش بولمىدى.»

تېرىسا خانىم ئەينى چاغدا ليۇ شاۋچىنىڭ بۇ پىلانى ئىجرا قىلىنغان مەزگىلدىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ئەينى چاغدا كۆپلىگەن كىشىلەر، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى ئەمەلدارلارمۇ بۇ ئەھۋالنىڭ تەرەققىيات نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەلمىگەن. ئۇلار ‹بۇنداق نەچچە يۈز مىڭلىغان ئادەمنى شىنجاڭغا يۆتكەپ بارسا، ئۇلار نېمە قىلىدۇ؟› دېگەن. ليۇ شاۋچى جاۋاپ بېرىپ: ‹ئۇلار بوز يەر ئېچىپ چېگرانى قوغدايدۇ، ئۇ يەردە تىرىكچىلىك قىلىپ، يىلتىز تارتىدۇ، ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات ياشاپ شۇ يەردە ئۆلىدۇ› دېگەن. ئەينى چاغدا يولغا قويۇلغىنى تالان-تاراج سىياسىتى بولغان. چۈنكى بىڭتۇەن ئىگىلىۋالغان بۇ جايلار ئەسلى ئۇيغۇرلار ياشىغان بوستانلىقلار ئىدى. ئۇ يەرلەر ھەرگىزمۇ چۆللۈكلەر ئەمەس ئىدى.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، خىتاي ئېلان قىلغان بىڭتۇەننىڭ 11 شەھىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان ئاتالمىش «ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نىڭ يىللاردىن بۇيان بارغانچە كېڭەيتىلىپ كەلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن.

ئابىڭتۇەننىڭ بۇ 11 شەھرىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ دەريا ئېقىنلىرى بويىغا ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ چېگرا بويلىرىغا جايلاشقان. ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنىگە جايلاشقان بۇ 11 بىڭتۇەن شەھرىدە ئايرودروم، پويىز ئىستانسىسى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان. خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرى ۋە چەت ئەللەر بىلەن تورلاشقان قاتناش سىستېمىسى بەرپا قىلىنغان بولۇپ، بۇ 11 شەھەرنىڭ جايلاشقان ئورنى ۋە نوپۇسى تۆۋەندىكىچە:

1. شىخەنزە شەھرى: بۇ شەھەر ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرسىدا ماناس دەريا ۋادىسىدىكى 8-دېۋىزىيە مەركىزىگە قۇرۇلغان بولۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئەڭ دەسلەپ قۇرۇلغان شەھىرىدۇر. ھازىر شەھەر نوپۇسى 300 مىڭ دىن ئارتۇق بولۇپ، دائىرىسى 50 كۇۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

2. ۋۇ جياچۈ شەھىرى: بىڭتۇەننىڭ ئۈرۈمچى دەريا ئېقىنىدىكى 6-دېۋىزىيەسى جايلاشقان ۋۇجاچۈ بازىرىدا 2002-يىلى 9-ئايدا تەسىس قىلىنغان، نوپۇسى 150 مىڭ.

3. تۇمشۇق شەھىرى: قەشقەرنىڭ مەكىت، مارالبېشى تەۋەلىكىدىكى زەرەپشان دەرياسى بىلەن قەشقەر دەرياسى قوشۇلغان تۇمشۇق دېگەن جايدا تەسىس قىلىنغان. تۇمشۇق شەھىرى بىڭتۇەننىڭ 3-دېۋىزىيە مەركىزىگە جايلاشقان. تۇمشۇق شەھرى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، قىزىلسۇدىن ئىبارەت 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاستنى تۇتۇشتۇرىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك قاتناش تۈگۈنى ھېسابلىنىدۇ. 2002-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر قىلىپ قۇرۇلغان. 2019-يىلى تېخىمۇ كېڭەيتىلىپ، بىر شەھەر 8 بازار بىر گەۋدە قىلىنغان. 2019-يىلدىكى نوپۇسى 270 مىڭ دەپ ئېلان قىلىنغان.

4. ئارال شەھرى: جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئاقسۇ تەۋەلىكىدىكى ئاقسۇ-خوتەن-زەرەپشاندىن ئىبارەت 3 دەريا كېسىشىكەن دېلتاغا جايلاشقان. ئۇيغۇرلار بۇ جاينى «ئارال» دەپ ئاتاپ كەلگەن. بۇ جاي جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى. ئارال شەھىرى بىڭتۇەەن 1-دېۋىزىيە مەزكىزىدە 2004-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى قۇرۇلغان، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي نوپۇسى ئەڭ زىچ شەھەر. 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى نوپۇسى 409 مىڭ دەپ ئېلان قىلىنغان.

5. باشئەگىم (تيېمېنگۈەن) شەھىرى: كورلا شەھرىگە 8 كلومېتىر كېلىدىغان قايدۇ دەرياسىنىڭ باشئەگىم دىگەن جايىدىكى بىڭتۇەن 2-دىۋىزىيەسىنىڭ مەركىزىدە 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى قۇرۇلغان. ھازىرقى نوپۇسى 50 مىڭدىن ئارتۇق.

6. كۆكدالا شەھرى: ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ قازاقستان چېگراسىدىكى قورغاس دەريا دېلتىسىغا جايلاشقان بىڭتۇەن 4-دېۋىزىيەسىنىڭ مەركىزىدە 2015-يىلى تەسىس قىلىنغان. 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى نوپۇسى 256 مىڭ 551 دەپ ئېلان قىلىنغان.

7. شۇاڭخې (مەنىسى قوش دەريا ) شەھىرى: بورتالا شەھىرىگە 20 كىلومېتىر كېلىدۇ.

بورتالا بىلەن جىڭ ناھىيىسى ئارىلىقىدىكى بىڭتۇەن 5-دېۋىزىيەسىنىڭ مەركىزىدە 2014-يىلى شەھەر قىلىپ تەسىس قىلىنغان. 2019-يىلى 10-ئايدىكى نوپۇسى 103 مىڭ 739 دەپ ئېلان قىلىنغان.

8. خۇ ياڭخې ( توغراق ئېقىن) شەھىرى: جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ كۇيتۇن دەرياسى بويىدىكى توغراقلىققا جايلاشقان. 2020-يىلى ئەسلىدىكى بىڭتۇەن 7-دېۋىزىيەسى تەۋەلىكىدە شەھەر قىلىپ تەسىس قىلىنغان. 2019-يىلدىكى نوپۇسى 80 مىڭ دەپ ئېلان قىلىنغان.

9. بېيتۇن شەھرى: ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى ئەڭ سوغۇق رايون-ئالتاينىڭ ئىرتىش دەريا ۋادىسىغا جايلاشقان بىڭتۇەن 10-دېۋىزىيەسىنىڭ مەركىزى. 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى شەھەر قىلىپ قۇرۇلغان، 2011-يىلدىكى نوپۇسى 70 مىڭ 600 دەپ ئېلان قىلىنغان.

10. كۇنيۈ (قۇرۇمقاش شەھىرى): خوتەن شەھىرىگە 70 كېلومېتىر كېلىدۇ. بىڭتۇەن 14-دېۋىزىيەسىنىڭ مەركىزىدە 2016-يىلى 2-ئايدا قۇرۇلغان، 2017-يىلدىكى نوپوسى 57 مىڭ.

11. شىڭشىڭ (يېڭى يۇلتۇز) شەھىرى: قومۇل شەھىرى ئاتراپىدىكى ساقا دەپ ئاتىلىدىغان جايغا جايلاشقان بىڭتۇەن 13-دېۋىزىيەسىنىڭ مەركىزى. 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى شەھەر دەپ ئېلان قىلىنغان.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىڭتۇەننىڭ كېڭىيىشى ۋە بىڭتۇەندىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن يۇقۇرىقى 11 شەھەر، خىتاينىڭ كۆچمەن يۆتكەش، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن قارشىلىقلارنى بىڭتۇەن ئارقىلىق باستۇرۇشىدا يىللاردىن بۇيان مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان بىڭتۇەندىكى خىتاي نوپۇسىنى بارغانچە كۆپەيتىپ، بۇ خىل شەھەرلەرنى قۇرۇپ، بىڭتۇەن تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنى شالاڭلاشتۇرۇشنى تېزلەتكەن.