خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەرەققىياتى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلدىن بۇيان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارغا قاراتقان ۋەھشىيانە باستۇرۇشنى كۈچەيتىشى سەۋەبلىك ئامېرىكا، كانادا ۋە گوللاندىيە ئەزا قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلىدى. بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا يانتاياق بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرى، ئورگانلىرى ۋە خىتاينىڭ بىڭتۇەنگە قاراشلىق شىركەتلىرىنى جازالاش سادالىرى كۈچەيدى. خەلقئارادا ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىڭتۇەن شىركەتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى قوللىنىپ ئىشلەپچىقارغان پاختا، پەمىدۇر ۋە باشقا مەھسۇلاتلىرىنى ئومومىييۈزلۈك بايقۇت قىلىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە بولغان دىققەت قايتىدىن كۈچەيدى.

خىتاي ھۆكۈمەت ئارخىپلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، «بىڭتۇەن»، يەنى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسى» دەپ ئاتالغان بۇ يېرىم ھەربىي خاراكتېردىكى ئورگان 1954-يىلى قۇرۇلغان. بىڭتۇەن دەسلەپكى مەزگىللەردە نامدا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىغا قاراشلىق ئورگان بولغان ھەمدە «شىنجاڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسى» دەپ ئاتالغان. ئەمما كېيىنكى مەزگىللەردە بارغانچە كۈچىيىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن، شۇنداقلا ئۆز ئالدىغا مۇكەممەل باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە شىركەت-كارخانىلىرى بولغان «ھۆكۈمەت ئىچىدىكى ھۆكۈمەت»، يەنى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى «مۇستەقىل كېنەزلىك» كە ئايلانغان.

ئامېركادىكى تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا «بىڭتۇەن» دەپ ئاتالغان بۇ يېرىم ھەربىي خاراكتېرلىق ئورگاننىڭ دەسلەپكى قۇرۇلۇش سەۋەبى ۋە قۇرۇلما ئاساسى ھەققىدە توختالدى.

قۇربان ۋەلى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قۇرۇلۇشى يەرلىشىشى ۋە بارغانچە كېڭىيىشىگە «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى» نىڭ تۇنجى رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ قوللىشى قاتارلىق بىر قاتار ئامىللار سەۋەب بولغان دېيىشكە بولىدىكەن.

قۇربان ۋەلى ئەپەندى خىتايدا ئاشكارىلانغان ماتېرىياللاردىن نەقىل كەلتۈرۈپ، بىڭتۇەن قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايوننىڭ تۇنجى رەئىسلىكىنى ئۆتىگەن سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ مەزكۇر ئورگاننىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىغا كىرگەنلىكىنى ۋە قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

قۇربان ۋەلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىڭتۇەننىڭ دەسلەپكى ئاساسى خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 1949-يىلى ئۇيغۇر دىيارىغا كىرگەن ئىككى كورپۇس قوشۇنى بولغان ئىكەن.

قۇربان ۋەلى ئەپەندى خىتاي گېنىرالى ۋاڭ جىننىڭ قوماندانلىقىدا 1949-يىلى گەنسۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىغا كىرگەن خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ۋاڭ ئىنماۋ باشچىلىقىدىكى 2-كورپۇسى بىلەن لو يەنفا باشچىقىدىكى 6-كورپۇسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئاقسۇ، ئىلى ۋە قەشقەردە قۇرۇلغان بىڭتۇەننىڭ ئەڭ دەسلەپكى 3 دېۋېزىيەسىنىڭ ئاساسى بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاينىڭ «بەيدۇ» تورىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، «بىڭتۇەن»، يەنى «ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسى» نامىدىكى بۇ ئورگاننىڭ ئەڭ دەسلەپكى گەۋدىسى 1949-يىلى 11-ئايدا لەنجۇنى «ئازاد قىلىش» نامىدا غەربىي-شىمالغا يۈرۈش قىلغان خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ گېنىرالى ۋاڭ جىن باشچىلىقىدا ئۇيغۇر دىيارىغا كىرگەن 2-كورپۇس ۋە 6-كورپۇسنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يەرلىشىشى بىلەن شەكىللەنگەن ئىكەن. 1954-يىلى «خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» رەسمى قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان. ئەينى چاغدا بۇ ئورگاننىڭ بوز يەر ئېچىپ، تېرىقچىلىق قىلىدىغانلىقى ۋە يېزا-ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. دەسلەپتە بۇ ئورگاننىڭ ئىگىلىگەن يەر مەيدانى 70 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئۇيغۇر رايونى ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ 4.24 پىرسەنتىنى، خىتايدىكى ئومۇمىي بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ 5/1 نى ئىگىلىگەن. بىڭتۇەننىڭ 2019-يىلدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 3 مىليون 248 مىڭغا يەتكەن. ئۇنىڭ باشقۇرۇش مەركىزى ئۈرۈمچىدىكى شىمالىي قوۋۇققا جايلايقان «بىڭتۈەن قوماندانلىق شىتابى» بولغان. 1953-يىلدىن 1982-يىلىغا قەدەر بىڭتۇەندە 14 دېۋىزىيە قۇرۇلغان. بۇ 14 دېۋىزىيەنىڭ باش شىتابى تۇرۇشلۇق جايلار كېيىن بارغانچە كېڭىيىپ، ھەر بىر دېۋىزىيەنىڭ مەركىزى ناھىيە دەرىجىلىك بىر شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان. 2019-يىلىغا كەلگەندە بىڭتۇەنگە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ سانى 17 گە يەتكەن. بىڭتۇەنگە قاراشلىق ئايرودروملاردىن ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايرودرومى، شىخەنزە گۈلباغ ئايرودرومى، تۇمشۇق ئايرودرومى قۇرۇلغان. 2000-يىللاردىن كېيىن بىڭتۇەندىن خەلقئاراغا يۈزلەنگەن شىركەتلەر تېزلىكتە كۆپىيىپ، 2019-يىلى بىڭتۇەننىڭ ئومۇمىي كىرىمى 274.707 مىليارد يۈەنگە يەتكەن.