يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەننى جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەردە كېڭەيتىش، بىڭتۇەن ئورۇنلىرىنى يەرلىك بىلەن بىرلەشتۈرۈش، بىڭتۇەننىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي رولىنى كۈچەيتىشكە پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە.
خىتايدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئېچىلغان خىتاي كومپارتىيەسى بىڭتۇەن 8-قېتىملىق ۋەكىللەر يىغىنىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى، بىڭتۇەن پارتكومنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى ۋە سىياسىي كومىسسارى ما شىڭرۈي سۆز قىلىپ، مەركەزنىڭ 3 قېتىملىق «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «شىنجاڭنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاقلىق بىلەن مۇقىم قىلىش، مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى باي قىلىپ رايوننى گۈللەندۈرۈش، بىڭتۇەن روھىغا، كونا ئەسكەرلەر روھىغا ۋارىسلىق قىلىش، شۇ ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش» نى تەكىتلىگەن.
يىغىن مەيدانىغا ئېسىلغان لوزۇنكىغا «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ بۇرچىنى قەتئىي ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپە قوشايلى!» دېگەن شوئار يېزىلغان. بۇ ئۈچ جۈملىدە تەكرارلانغان «يېڭى» سۆزى خىتاينىڭ بىڭتۇەن ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان يېڭى ئىستراتېگىيەسى ۋە سىياسىي غەرىزىنى ئوچۇق ئىپادىلەپ بەرگەن.
سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بىڭتۇەننىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە توختالدى ۋە بىڭتۇەننىڭ ئاخىرىقى مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ۋەتىنىنى مەڭگۈ يۇتىۋېلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ما شىڭرۈي بۇ يىغىندا بىڭتۇەن خىزمىتىنىڭ تارىخنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بىڭتۇەننى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەت قاتارىدا كۆرۈپ، بىڭتۇەن تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئېچىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ سۆزىدە بىڭتۇەن سىياسىتىدە بايرىقى روشەن بولۇش، بىڭتۇەننىڭ جەنۇبتا كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىڭتۇەن ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بىڭتۇەننىڭ ۋەزىپە ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، بىڭتۇەننىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنى ئاشۇرۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ قوشۇلۇپ بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىڭتۇەننىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بىڭتۇەننىڭ جەنۇبتا كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە «يېڭى ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش» تەلەپ قىلىنغان بولسا، بىڭتۇەننىڭ ۋەزىپە ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتە، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنلاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش» تەلەپ قىلىنغان.
بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ قوشۇلۇپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە «‹بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر گەۋدە› دېگەن ئىدىيەنى تىكلەپ، ئۆزئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، مۇقىملىق، ئىختىساس ئىگىلىرى ساھەسىدىكى كۆپ تەرەپلىمە قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنغان.
بىڭتۇەن ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، «خىتاينىڭ بىڭتۇەندىكى دۆلەت كارخانىلىرى ۋە باج تۈزۈمىنى چىڭ تۇتۇش» تەلەپ قىلىنغان بولسا، بىڭتۇەننىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنى ئاشۇرۇشتا «زامانىۋى كەسىپلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بازارلاشقان، قانۇنلاشقان، خەلقئارالاشقان سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش» تەلەپ قىلىنغان.
ئامېرىكالىق ئانتروپلوگ، ئۇيغۇر ۋەزىيتى تەتقىقاتچىسى دەررېن بايلېر (Darren Byler) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر دۆلەت كارخانىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەكىتلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بىڭتۇەن بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئورۇن ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەن ئورۇنلىرىنى خۇسۇسىي شىركەتلەرگە باققاندا ئاسان كونترول قىلىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار بىڭتۇەننى كېڭەيتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭنى كونترول قىلىدۇ. ئۇلار يەنە خىتايلارنى شىنجاڭدا مۇقىم تۇرغۇزۇش ئارقىلىق بۇ رايوندىكى مۇستەملىكىچىلىكىنى تاماملاش مەقسىتىگە يەتمەكچى. مانا بۇ ئۇلارنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ۋە بىڭتۇەننى كۈچەيتىشتىكى سەۋەبلىرىنىڭ بىرى».
ئامېرىكادىكى كور ئانالتىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى، دوكتور ئاندرېس كور (Anders Corr) ما شىڭرۈينىڭ بىڭتۇەن سىياسىتى ھەققىدە بىزنىڭ سوئالىمىزغا يوللىغان جاۋاب ئىنكاسىدا مۇنداق دېدى: «ما شىڭرۈينىڭ گەپلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئوچوق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. قارىغاندا، ئۇلار بىڭتۇەندىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىقتىسادىي تالان-تاراج ۋە ھەربىي زوراۋانلىقىنى يەنە بىر قەدەم كېڭەيتىدىغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدىغان ئوخشايدۇ. شى جىنپىڭ تەيۋەنگە تەھدىت سېلىۋاتقان بۇ ۋەزىيەتتە، دۇنيا ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى، ‹ئىرقىي قىرغىچىلىق قايتا يۈز بەرمەيدۇ› دېگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك. بۇلار بىز 1940-يىللاردىلا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلىشىمىز كېرەك بولغان ئىشلار ئىدى».
ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىسى تىموسى ھىت (Timothy R. Heath) «خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەننىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ: «خىتاي كومپارتىيەسى بىڭتۇەن ئارقىلىق ئۆز ھاكىمىيىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش بىلەن بىرگە يەرلىك مىللەتلەرنى خىتاي كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى خىتاي جەمئىيىتىگە سىڭدۈرۈۋەتمەكچى» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ يەنە بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مىللىي ئاسسىمىلاتسىيەگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ: «بىڭتۇەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىدىغان ئاساسلىق ئىجراچىسى، ئۇ يەرلىككە ئەمەس، بىۋاسىتە مەركەزگە قارايدۇ ۋە مەركەزگە جاۋاب بېرىدۇ. بىڭتۇەننىڭ ئۆز ئالدىغا دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرى، زاۋۇت-كارخانىلىرى ۋە تەشۋىقات تورلىرى بار، بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ پارتىيە ئىدىئولوگىيەسى ۋە خىتاي مەدەنىيىتىگە يات بولغان يەرلىك خەلقنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش تەلىپىگە ماسلاشقان» دېدى.
«بىڭتۇەن تورى» نىڭ تەشۋىقاتىغا قارىغاندا، بۇ يىغىنغا قاتناشقان پارتىيە ۋەكىللىرى ئۆتكەن بەش يىلدا «ئۇنتۇلماس تارىخىي باسقۇچ» نى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى، بۇ يىغىن ئارقىلىق بىڭتۇەننىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى كۆرۈپ يەتكەنلىكى ۋە زور ئىشەنچكە تولغانلىقىنى بايان قىلىشقان.
ئۆتكەن 5 يىلدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قەبىھ ئۇسۇلدا باستۇرۇش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنى ئاجىزلىتىپ، بىڭتۇەننىڭ رولىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاش» دېگەن نامدا ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا بىڭتۇەن ئاكتىپ رول ئوينىغان ۋە قۇل ئەمگىكىدىن ئەڭ كۆپ مەنپەئەت ئالغان.
ئاخىرىدا ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بىڭتۇەننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىش ۋە ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش جىنايىتىدە ئاساسلىق رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.