بىڭتۇەننىڭ كۆپىيىۋاتقان شەھەر-بازارلىرى ۋە كۈچىيىۋاتقان مۇستەملىكە سىياسىتى

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى دەريا-ئېقىنلار ۋە مۇنبەت زېمنلارنى قانۇنسىز ئىگىلەش بەدىلىگە قۇرۇلغان ئاتالمىش «بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش دىۋىزىيەسى»، يەنى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نىڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى نىشان قىلىپ، شىددەت بىلەن كېڭىيىشى جىددى دىققەت قوزغىماقتا.

خىتاينىڭ «بىڭتۈئەن گېزىتى» نىڭ 2-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىڭتۇەننىڭ ھەر بىر دېۋىزىيەسىنى ئاساس قىلغان يېڭىدىن كېڭەيتىلگەن شەھەرلەرنىڭ 11 گە، بازارلارنىڭ 63 كە يەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان. خەۋەردە يەنە بۇ خىل تەرەقىياتتا «بىڭتۇەنننىڭ جەنۇبقا كېڭىيىشى» ۋە «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەقىيات پىلانى» ئاساس بولغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

ھالبۇكى، 2017-يىلى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچلىق دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بىڭتۇەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشتا ئاكتىپ رول ئوينىغان» دەپ ئەيىبلىنىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن ئورگانغا ئايلانغان ئىدى.

ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۈزۈتۈپ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، رايوندىكى مۇنبەت زېمىن ۋە بايلىقلارنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش ئاساسىدا قۇرۇلغان بىڭتۇەن، خىتاينىڭ ئىشغالىيەت سىياسىتىنىڭ دەلىلىدۇر. ھالبۇكى، ئۇنىڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىنى نىشان قىلىپ تېزلىكتە كېڭىيىشى ۋە ئارقا-ئارقىدىن بىنا قىلىنغان بىڭتۇەننىڭ يېڭى شەھەر-بازارلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىپ يوقىتىش سىياسىتىنىڭ بارغانچە تېزلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئەمەلىي ئىسپاتى ئىكەن.

گېرمانىيەدىكى سىياسىي ئانالىزچى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئاۋۋال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى 10 يىلدا بىڭتۇەننى شىددەت بىلەن جەنۇبقا كېڭەيتىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونىدا ناھىيە دەرىجىلىك شەھەردىن 11 نى بەرپا قىلغانلىقى، بىڭتۇەنگە تەۋە بازارلاردىن 63 نى قۇرۇپ، بىڭتۇەن ئىقتىسادىغا زور مەبلەغ سالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنۋەر ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەنگە زور مەبلەغ سېلىپ، ئۇنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچەيتىشى، بىڭتۇەنننىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي نوپۇزى ۋە كونترول قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردىلا بىڭتۇەنگە ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك ھوقۇق بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنى كونترول قىلىش؛ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ سىياسىي ئورنىنى بارغانچە تۆۋەنلىتىش؛ شۇنداقلا رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقلەرنىڭ نوپۇسىنى زور كۈچ بىلەن ئازايتىشتىن ئىبارەت سىياسىي قارا نىيەتنى كۆڭلىگە پۈككەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئەنۋەر ئەپەندى بىڭتۇەننىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ھەققىدە توختىلىپ، يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىڭتۇەننى جەنۇبقا كېڭەيتىش»، «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى ئۆزئارا يۇغۇرۇۋېتىش» دېگەندەك بىر قاتار سىياسەتلەر ئارقىلىق، ئۇيغۇر رايونىنى پۈتۈنلەي تىزگىنلەش، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىپ ئېرىتىپ يوقۇتۇش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردا بىڭتۇەن ھەققىدە نۇرغۇن تەتقىقات دوكلاتلىرىنى ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

زۇبەيرە خانىم يەنە 2017-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى چوڭ تۇتقۇنى دۇنياغا ئاشكارىلانغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، بىڭتۇەننىڭ شىددەت بىلەن جەنۇبقا كېڭىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان رايوندىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تا، بىڭتۇەن خىتاينىڭ تايانچ كۈچى بولۇپ رول ئوينىغان ئىكەن.

خىتاينىڭ بىڭتۇەن ھەققىدىكى ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بىڭتۇەندە يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ قۇرۇلغان ئارال، تۇمشۇق، باش ئەگىم، قۇرۇمقاش شىنشىڭ قاتارلىق شەھەرلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئۇزاق تارىختىن بۇيان ياشاپ كەلگەن سۈيى ئەلۋەك، تۇپرىقى مۇنبەت، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى مۇھىم بولغان ئاقسۇ، كورلا، خوتەن، قۇمۇل قاتارلىق بوستانلىقلاردا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ئىكەن.

زۇبەيرە خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، بىڭتۇەنننىڭ يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە شىددەت بىلەن كېڭىيىشى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە كۈچىيىشى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى قاتارلىق مەسىلىلەردە قولى بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن.

ئۇيغۇر دىيارىدا 2017-يىلىدىن باشلاپ كۈچەيگەن چوڭ تۇتقۇندا بىڭتۇەن دائىرىلىرى لاگېر ۋە تۈرمىلەرنى باشقۇرۇش، تۇتقۇنلارنى خىتاي شىركەتلىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، كۆزىتىش كامېرالىرىنى ئىشلەش ۋە ئورنىتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىلىرىگىچە خىتاي كادىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلاردا زەربىدارلىق بىلەن رول ئوينىغان. شۇ سەۋەبلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىڭتۇەن شىركەتلىرى ۋە بىڭتۇەننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا جازا ئېلان قىلغان ئىدى.