ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى ھۆكۈمنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن بۇنىڭغا مۇناسىپ ئىجرا قىلغان تەدبىرلەرنىڭ بىرى بۇ قىرغىنچىلىققا بىۋاستا جاۋابكار بولغان بىر قىسىم يۇقۇرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا ئېلان قىلىش بولدى. ئەنە شۇ قاتاردا جازالانغان كىشىلەر تىزىملىكىدە «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» دەپ تونۇلغان، يىللاردىن بۇيان بىر قىسىم چەت ئەل مۇتەخەسىسلىرى «دۆلەتنىڭ ئىچىدىكى دۆلەت» ياكى «ھاكىمىيەت ئىچىدە قۇرۇلغان ھاكىمىيەت» دەپ ئاتاۋاتقان غايەت زور سىياسىي گەۋدىنىڭ مەسئۇللىرىدىن چېن چۇەنگو ۋە ۋاڭ جۈنجېڭنىڭ بولۇشى، بۇ تېمىنى يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ دىققەت دائىرىسىگە قويدى.
نۆۋەتتە يالغۇز ئۇيغۇر دىيارىدىلا ساقلىنىپ تۇرىۋاتقان بىڭتۇەن سىستېمىسى ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقات ۋە قەلەم تەۋرىتىش ئوبيېكتى بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، كېيىنچە بۇ ھەقتىكى تەقىبنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ بۇ تېما ئانچە كۆپ تىلغا ئېلىنماس بولۇپ قالغان ئىدى. يېقىندا كاترىنا نورتروب ئىمزاسىدا «سىم» (Wire) تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا بىڭتۇەنلەرنىڭ ئاددىيلا ھاكىمىيەت گەۋدىسى ئەمەسلىكى كۆپ تەرەپلىمە نۇقتىلاردىن يورۇرۇپ بېرىلدى. بولۇپمۇ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا يەرلىشىشى ۋە شۇ ئارقىلىق يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدا تەدرىجى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشتە بىڭتۇەنلەرنىڭ قانداق «كۆۋرۈك» لۈك رولىنى ئوينايدىغانلىقى، ھەرقايسى جايلاردا سىستېمىلىق بەرپا قىلىنىۋاتقان لاگېرلار ۋە تېز سۈرئەتتە ئومۇملىشىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ دەل مۇشۇ بىڭتۇەنلەر ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر دىيارىدىن ئېكىسپورت قىلىنىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ مۇشۇ بىڭتۇەن سىستېمىسىغا مەنسۇپ ئۈچ مىڭ نەچچە يۈز شىركەتنىڭ قولىدىن چىقىدىغانلىقى سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا شەرھىلىنىش بىلەن بىرگە «بىڭتۇەننى چۈشەنمىگەندە شىنجاڭدا زادى نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس» دەپ كۆرسىتىلدى.
مەزكۇر ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا جامائىتىگە تونۇشلۇق بولغان مۇستەقىل يازغۇچى ۋە مۇزىكانت قەيسەر كو (گو يىگۇاڭ) بۇنى ئاۋازلىق ئەسەرگە ئايلاندۇرۇپ توردا تارقاتتى. بولۇپمۇ ماقالىدە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان نۇقتىلاردىن بىرى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2020-يىلىدىكى «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» دا ئاشكارا ھالدا «بىڭتۇەنلەرنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى ۋە سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈش، شۇ ئارقىلىق بىڭتۇەننىڭ ئۆزگىچە فۇنكىتسىيەسىنى ئەڭ تولۇق دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇش لازىم» دەپ كۆرسەتمە بېرىشى مەزكۇر «سىياسىي گەۋدە» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزەرىدە قانچىلىك مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ «خىزمىتى» ئۈچۈن ئەڭ چوڭ «تەقدىرلەش» بولغان.
بۇ «ئۆزگىچە فۇنكىتسىيە» بولسا سابىق خىتاي رەھبىرى دېڭ شياۋپىڭنىڭ 1980-يىللىرىدىكى «شىنجاڭدا ھېچكىمنىڭ بۆلگۈنچىلىك قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. چوڭ جەھەتتىكى مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا بىڭتۇەن ئەڭ ئىشەنچىلىك كۈچ» دېگەن يوليورۇقىنىڭ يەنە بىر قېتىم تەكرارلىنىشى ئىكەن. ئەنە شۇ يوليورۇق بېرىلگەندىن كېيىن، ئەڭ دەسلەپ 1954-يىلى 200 مىڭغا يېقىن گومىنداڭ ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى، كېيىنچە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن تۈركۈم-تۈركۈمدە مىڭلاپ-ئونمىڭلاپ يۆتكەپ كېلىنگەن خىتاي ئاققۇنلىرى ۋە پاھىشەلىرىنى يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق قۇرۇلغان، ئەمما كېيىنكى سىياسىي ھەركەتلەردە پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان بىڭتۇەن سىستېمىسى خىتاي گېنېرالى ۋاڭ جېننىڭ قوماندانلىقىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. كېيىنچە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن غايەت زور ساندىكى ئاققۇنلار ۋە جىنايەتچىلەر تولۇقى بىلەن مۇشۇ بىڭتۇەنلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 1990-يىللاردىن كېيىن بولسا بىڭتۇەنلەرنىڭ ئىقتىسادىي ساھەدىكى مونوپوللۇقى ۋە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ «ھاكىمىيەت ئىچىدىكى ھاكىمىيەت» ۋەزىيىتىنى ھاسىل قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ بىڭتۇەنلەرنىڭ 2010-يىللارغىچە «مۇقىملىق» ئۈچۈن قانداق «خىزمەت» كۆرسەتكەنلىكى، ئۇلارنىڭ «شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش» قا ۋە «زېمىننىڭ قولدىن كەتمەسلىكى» گە قانداق «تۆھپە» قوشقانلىقى، بۇلۇپمۇ بۇنىڭدىكى يۇقۇرى پەللىنىڭ ئۆتكەن بەش يىلدا قانداق ئوتتۇرىغا چىققانلىقى بىر-بىرلەپ نامايەن بولغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ( د ئۇ ق) ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا بىڭتۇەن ئەڭ چوڭ رول ئوينىغان» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاستە كونتروللۇقىدىكى بىڭتۇەن سىستېمىسى ئۇيغۇر دىيارىدا بەرپا قىلىنغان بىلەن سىياسىي جەھەتتە پۈتۈنلەي بېيجىڭنىڭ باشقۇرىشىدا ئىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىڭتۇەنلەرگە لازىملىق شارائىتنى يارىتىپ بېرىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسىغا قارىتا ھېچقانداق ھوقۇققا ئىگە ئەمەس ئىكەن. مەركەزدىن ئاجرىتىلغان غايەت زور مەبلەغ ئارقىلىق نۆۋەتتىكى «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارنى قۇرۇش ۋە ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە، شۇنىڭدەك يۇقۇرى تېخنىكىلىق نازارەت مېخانىزىمىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولغان. بۇ جەرياندا بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ سىياسىي ئارزۇسى ۋە نىشانلىرى تولۇق ئەمەلگە ئاشقان. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قانچىلىك سۇ بايلىقى ۋە يەر بايلىقىنى ئىگىلىۋالغانلىقى بولسا ئۇلارنى غايەت زور «ئىقتىسادىي ئىمپېرىيە» گە ئايلاندۇرۇپ قويغان. ھالبۇكى، تاشقىي دۇنيادىكى نۇرغۇن ساھە ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق ھەققىدە ئاڭلىغان بولسىمۇ، بىڭتۇەنلەرنىڭ بۇنىڭدىكى غوللۇق رولى دىققەتتىن مۇستەسنا تۇرماقتا ئىكەن. نۆۋەتتە خىتاي بازىرىدىكى ئەڭ چوڭ پاي چېكى ساھىبلىرىنىڭ 13 بىۋاستە ھالدا بىڭتۇەنگە چېتىشلىق بولۇپ، بۇلار ئاساسلىقى پەمىدور (شوخلا) قىيامى ۋە پاختا مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشاش غايەت زور مىقداردىكى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئىلشات ھەسەن بىڭتۇەن سىستېمىسىنىڭ دەل مۇشۇ خىلدىكى ئىقتىسادىي ساھەدە يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنى ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىش ھېساۋىغا كۆپلەپ پايدا ئالىدىغانلىقىنى، شۇڭا «بىڭتۇەنلەر ئىشلەپچىقىرىۋاتقان مەھسۇلاتلار بىلەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ بەك چوڭ ئالاقىسى يوق» دەيدىغان قاراشنىڭ قىلچىلىكمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، بىڭتۇەن سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى ۋە سودا مىنىستىرلىكىنىڭ جازا تەدبىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، نۆۋەتتە كۆپلىگەن غەرپ شىركەتلىرىنىڭ بىڭتۇەن قارمىقىدىكى تەمىنلەش زەنجىرلىرى بىلەن سودا ئالاقىسىدا بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى ھەر ساھە كىشىلىرى زور دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتا ئىكەن.