مۇتەخەسسىسلەر: «بىڭتۈەننىڭ يېڭى يىللىق ۋەزىپىلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىدۇر»
2025.01.10
2025-يىلى كىرىشى بىلەن تەڭ چاقىرىلغان بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ يىغىنىدا، «بىڭتۈەننىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ۋە چېگرانى قوغداشنى كۈچەيتىش»، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش» نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىسى قىلىپ تەكىتلەنگەن.
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «خەلق تورى» ۋە «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» پارتكومنىڭ 8-نۆۋەتلىك 9-قېتىملىق ئومۇمى يىغىنى 8-يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي سۆز قىلغان. ئۇ يىغىندا بىڭتۈەننىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنىڭ ماھىيەتتە، مەركەزنىڭ يېڭى دەۋردە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق، توغرا ۋە ئەتراپلىق يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، «بىڭتۈەننىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسلىق خىزمەت لىنىيەسى قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە يېڭى ئىلگىرىلەشكە تۈرتكە بولۇش» نى تەكىتلىگەن.
مۇتەخەسسىسلەر «بىڭتۈەن خىزمىتىنىڭ تۈپ لىنىيەسى» دەپ كۆرسىتىلگەن بىڭتۈەننىڭ 2025-يىللىق يېڭى ۋەزىپىلىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ، بۇنىڭ ماھىيەتتە «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان مەجبۇرىي مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى كۈچەيتىش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دەپ ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچىسى خۇ پىڭ ئەپەندى بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ مۇنۇلارنى دېدى؛ «بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە چېگرانى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئاشۇرۇشى ماھىيەتتە خەلق ۋە جەمئىيەتنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىشتۇر. بۇ ئەلۋەتتە شىنجاڭدا بولۇپمۇ رايوندىكى ئۇيغۇر خەلقىنى نازارەت قىلىش ۋە كونترول قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئاچقۇچلۇق ۋەزىپىلەرنىڭ يەنە بىرى بولسا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. بۇنىڭ مەنىسىمۇ ناھايىتى ئېنىق، چۈنكى بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى مەجبۇرىي مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى دەپ قارىلىۋاتقان ئاتالمىش جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق ئېڭىنى مۇستەھكەملەش سىياسىتىدۇر. مەن بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايونغا تېخىمۇ كۆپ بېسىم ئىشلىتىشى ۋە ئۇنى ھەرگىز بوشاشتۇرماسلىقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشىدىن ئىبارەت دەپ قارايمەن. دېمەككى، بۇ مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاتالمىش مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئاتالمىش مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.»
مەزكۇر يىغىندا ئاساسلىق تېما قىلىنغان «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئاساسى قىلىش» ۋە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى قۇرۇلۇشى» بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە «بىڭتۈەن خىزمىتىنىڭ تۈپ لىنىيەسى» دەپ كۆرسىتىلگەن. ئىلگىرى شىخەنزىدىكى بىڭتۈەن ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇردى.
تۈركىيەدىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئانالىزچىسى مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىڭتۈەننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ۋە نىشانى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىملىقنى ئاشۇرۇش ۋە خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىشتۇر. ئۇ بىڭتۈەننىڭ ئاتالمىش يېڭى دەۋردىكى ۋەزىپىلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى:
مەزكۇر يىغىندا، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ سېكرېتارى خې جوڭيۇ، بىڭتۈەننىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىكى خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلەپ ئۆتكەن. ئۇ يەنە كەلگۈسى پىلان ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ «شىنجاڭنى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسى، مۇھىم دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىسى قىلىشتا بىڭتۈەننىڭ يېتەكچى رولىنى جارى قىلدۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىقنى ساقلاپ، چېگرانى گۈللەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش ھەم بۇ ئىقتىدارىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش، 14-بەش يىللىق پىلاننى ئوڭۇشلۇق ئورۇنلاش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش.»
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغىنىدا، خىتاينىڭ بىڭتۈەننى تۈرلۈك ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن قىلىشىنىڭ ماھىيەتتە بىڭتۈەننى كۈچلەندۈرۈش ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بىڭتۈەننىڭ 2025-يىلدىكى ئاتالمىش سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئاساسلىق ۋەزىپىلىرى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە داۋاملىق خىتاينىڭ ئاۋانگارت قوشۇنى بولۇش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى، جۈملىدىن خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشتا بىڭتۈەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىدىن پايدىلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
مەلۇم بولغىنىدەك، 1955-يىلى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» قۇرۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق «پارتىيە ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى يىغىنى» ئېچىلغانىدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، شۇ قېتىملىق يىغىندا تۈزۈلگەن بىڭتۈەننىڭ 5 يىللىق پىلانى بىڭتۈەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلىش ۋە تەبىئىي بايلىقلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تالان-تاراج قىلىشىنىڭ باشلىنىشى بولغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندىكى بىڭتۈەن پارتكومنىڭ تەكىتلىگەن ئاتالمىش «بىڭتۈەن خىزمىتىنىڭ تۈپ لىنىيەسى» خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.