ئامېرىكانىڭ «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» گە قويغان ئېمبارگوسى ئۆزىنى كۆرسەتمەكتىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-08-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاينىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 7-ئۆكتەبىر، ئۈرۈمچى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاينىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 7-ئۆكتەبىر، ئۈرۈمچى.
xjbt.gov.cn

نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» ئۆز قارمىقىدىكى ئاز كەم 5000 دەك كارخانىغا خىزمەت شتاتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ياردەم پۇلى تارقىتىپ، شىركەتلەرنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى ئىشتىن چىقىرىشىغا چەكلىمە قويغان. رايوندىكى خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىڭتۇەن ئوتتۇرا-كىچىك تىپلىق كارخانىلارنىڭ ئىسچى-خىزمەتچىلىرىنى ئىشتىن بوشىتىش نىسبىتىنىڭ 5.5 پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، 30 ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئىشچى-خىزمەتچىسى بار كارخانىلارنىڭ 20 پىرسەنتتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان.

بۇنىڭ ئالدىدا «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتى ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» ۋە ئېمبارگو شەپىسىنى ئاڭلىغان رايوندىكى بىڭتۇەن يېزا-ئىگىلىك فېرمىلىرىنىڭ ساراسىمغا چۈشۈپ، ئامېرىكا يۇقىرى تېخنىكىلىق يېزا-ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى كۆپلەپ سېتىۋېلىۋاتقانلىقى، رايوندا ئامېرىكانىڭ «جون دېر» ناملىق پاختا ئۈزۈش ماشىنىسىنىڭ سېتىلىشى بۇ يىل 4- ۋە 5-ئايدا ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوشاش مەزگىلىدىكىدىن 4000 پىرسەنت ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بىڭتۇەن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىدارىسى 18-ئاۋغۇست خىتاي تاراتقۇلىرىغا خىزمەت شتاتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ياردىمىنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن چەتئەلدىكى ئانالىزچىلار بۇنى ئامېرىكانىڭ ئىمبارگوسىنىڭ تەسىرىگە باغلىماقتا. ئانالىزچىلىرنىڭ تەكىتلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قويغان بۇرۇنقى ئېمبارگوسى سىمۋوللۇق خاراكتېرلىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بىڭتۇەنگە قويغان ئېمبارگوسى ئەمەلىي تەسىر يارىتىدىكەن.

ئامېرىكالىق ئوبزورچى ۋە ئادۋوكات گوردون چاڭ بۇ قاراشتىدىكى ئانالىزچىلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ 19-ئاۋغۇست زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ ئىشلەپچىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خىتاينىڭ رايوندىكى ئاساسلىق سودا ئورگىنى. بۇ نۇقتىدىن ئېمبارگو ئىنتايىن ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. چۈنكى ئۇ نۇرغۇن مەھسۇلات ساتىدۇ، بولۇپمۇ پاختا ساتىدۇ. بۇ دېگەنلىك خىتاي ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى باشقا خېرىدارلارغا سېتىشتا قىينىلىپ، نۇرغۇن زىيانغا ئۇچرايدۇ. نەتىجىدە بۇ پۇلنىڭ خىتايغا ئېقىشىنى توسۇيدۇ. شۇڭا بۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىمبارگودۇر.»

گوردون چاڭنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئېمبارگونىڭ بىڭتۇەڭە بولغان تەسىرى بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق باستۇرۇشىنى قىيىنلاشتۇرىدىكەن. گوردون چاڭ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇرلارنى باشتۇرۇش نۇرغۇن پۇل تەلەپ قىلىدۇ. ھالبۇكى، بېيجىڭ ھەر بىر كاشىلىغا پۇل يەتكۈزۈپ بولالمايدۇ. شۇڭا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى نۇرغۇن نەق پۇل تېپىپ بېرىپ، بېيجىڭنىڭ ئۆز پىلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا، جۈملىدىن ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىپ بەرگەن. شۇڭا بۇ ئېمبارگو ئىنتايىن مۇھىم. بۇ بېيجىڭنىڭ ئۆز سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى قىيىنلاشتۇرىدۇ.»

يېقىندا ئامېرىكادىكى «سايارى» ناملىق تور بېكىتى بىڭتۇەننىڭ دۇنيادىكى 147 ئەلدە 862 مىڭ 600 دىن ئارتۇق بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك مۈلكى بارلىقىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر تور بېكىتىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ دۆلەتلەر ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ۋىرجىن ئاراللىرى قاتارلىق ئەللەر ۋە رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. خەۋەردە بۇ شىركەتلەردىن 2114نىڭ ئامېرىكادا ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، بىڭتۇەننىڭ ئىقتىسادىي سالمىقى ناھايىتى زور بولۇپ، ئېمبارگو نوقۇل بىڭتۇەن ياكى خىتاي بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىكەن.

نيۇ-يورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيا مىڭ 19-ئاۋغۇست زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «چۈنكى بىڭتۇەننىڭ چەتئەل بىلەن بولغان نۇرغۇن ھەمكارلىقى شىنجاڭدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن شىركەتلەرگە چېتىلىدۇ. شۇڭا نۇرغۇن ئامەېرىكا شىركەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكىتى شىنجاڭدىكى ئىشلارغا چېتىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ھۇشيارلىقىنى ئۆستۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا شىنجاڭدىكى نۇرغۇن كارخانىلار، بولۇپمۇ بىڭتۇەندىكى كارخانىلار ۋە ئۇلارنىڭ پۇل ئوبوروتى نوقۇل خىتاينىڭ مەسىلىسى ياكى ئامېرىكا بىلەن بولغان ئالاقە بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. بۇ 3-دۆلەتكىمۇ چېتىلىدۇ.»

پروفېسسور شيا مىڭنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەگەر بىڭتۇەن بىلەن ئالاقىسى بولغان شىركەتلەر دىققەت قىلمىسا، ئۇلارمۇ ئامېرىكانىڭ ئېمبارگو تورىغا چۈشۈپ قالىدىكەن. شيا مىڭ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ئۇ 3-دۆلەتكە چېتىشلىق بولۇپ، 3-دۆلەت ئامېرىكا پۇل ئوبوروت سىستېمىسىنى ئىشلەتسە، مەسىلەن، قازاقىستاندىكى بىر شىركەتنىڭ شىنجاڭ بىلەن سودىسى بولۇپ، ئۇ ئېمبارگونىڭ نىشانى بولمىسىمۇ، بىراق بۇ شىركەت خەلقئارا پۇل پېرېۋوت سىستېمىسىنى ئىشلەتسە، ئۇمۇ ئامېرىكانىڭ ئىمبارگوسىغا دۇچ كېلىدۇ. دۇنيا پۇل ئوبوروتى دوللارنى ئاساس قىلىپ، ئامېرىكا بانكا سىستېمىسىنى مەركەز قىلىدۇ. ئەگەر نۇرغۇن شىركەت ياكى بانكىلار دىققەت قىلمىسا، ئېمبارگونىڭ ئىچىگە كىرىپ قېلىشى مۇمكىن.»

لېكىن شيا مىڭنىڭ تەكىتلىشىچە، بىڭتۇەننىڭ ئېمبارگونى دەپ خەلقئارا پۇل پېرېۋوت سىستېمىسىنى ئىشلەتمەسلىكى، باشقىلار بىلەن مالنى مالغا ئالماشتۇرۇش سودىسى قىلىش يولىغا مېڭىشى مۇمكىن ئىكەن. لېكىن گوردون چاڭ بۇ ئېمبارگونىڭ نوقۇل ئۆزى خىتاينىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەگەر ئامېرىكا خىتاي بىلەن بولغان سودا ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقىنى بىكار قىلسا، كومپارتىيە تېخىمۇ ئاجىزلىشىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئېمبارگونىڭ نوقۇل ئۆزى يېتەرلىك ئەمەس. لېكىن بىز شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك، ئامېرىكا خىتاي ئاپپاراتلىرىغا ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جىددىي ئىمبارگولارنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ… بىز ھازىر بېيجىڭدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكىتىنىڭ قىسمەن نەتىجىسى. مېنىڭچە، ئامېرىكا ئېمبارگونى بىر قانچە يىل داۋاملاشتۇرسا، سودا، مەبلەش سېلىش ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقىنى بىكار قىلسا، كومپارتىيە تېخىمۇ ئاجىزلىشىدۇ.»

1950-يىللىرىدا قۇرۇلۇپ، ئاز دېگەندە 3 يېرىم مىليوندەك نوپۇسى بولغان بىڭتۇەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نوپۇسىنىڭ 12 پىرسەنتىنى، ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش دارامىتىنىڭ 17 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە دۇنيا پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 25 پىرسەنتى خىتايدا ئىشلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ 85 پىرسەنتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن. ئۇيغۇر دىيارى يەنە خىتاينىڭ پەمىدۇر قىيامى، قۇلماق، كۆپ كرىستاللىق كرېمىي قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازىسى بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلارنى رايوندا بىڭتۇەن كونترول قىلىدىكەن.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يىل 31-ئىيۇل ئېلان قىلىنغان ئېمبارگو قارارىدا بىڭتۇەن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىغا «شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان تۈركىي خەلق بولغان ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئېغىر جىسمانىي خورلاش ۋە باشقا ئېغىر خورلاش قىلمىشلىرىنى سادىر قىلىشقا چېتىلغانلىقى سەۋەبلىك ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەنلىكى» تەكىتلەنگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت