«بىر بەلباغ، بىر يول مائارىپ ئورتاق گەۋدىسى» گە يوشۇرۇنغان خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچ ئىستراتېگىيەسى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2023.10.09
«USCC» : ئامېرىكا خىتاينى تەھدىت دەپ قاراشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا. 2017-يىلى 15-ماي، بېيجىڭ.
AP

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە خەلقئارالىق يىغىن ئېچىپ، ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ھەقىقىي تۈردە گۈللىنىش يولى، دوستلۇق ۋە مەدەنىيلىك يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش شوئارىنى قايتا ئوتتۇرىغا قويغان. يەنە بۇ يىغىندا «بىر بەلباغ، بىر يول مائارىپ ئورتاق گەۋدىسى» نى تەشەببۇس قىلغان. مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن بۇ خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارالماقتا.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ مەخسۇس خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، يېقىندا 2023-يىللىق «ئاسىيا ياۋروپا كۆرگەزمىسى: مائارىپ خەلقئارا مۇنبىرى» شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ۋە خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خۇەي جىنپېڭ يىغىندا سۆز قىلغان. يىغىندا، پەنلەرنىڭ گىرەلىشىشى، يۇغۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلىرىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق قاتارلىق بەش تارماق مۇنبەر ئۇيۇشتۇرۇلغان.

مەزكۇر مۇنبەردە «مائارىپ جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭغا پاكىستان، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە 18 دۆلەتتىكى 56 ئالىي مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىرى، مۇتەخەسسىسلەر قاتناشقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ مۇنبەردە، خىتاي دائىرىلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول مائارىپ ئورتاق گەۋدىسى» نى تەشەببۇس قىلغان.

خىتاي تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول مائارىپ ئورتاق گەۋدىسى» تەشەببۇسنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە ئۇنىڭ مەقسەت نىشانى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پىروفېسسورى دوكتور شان روبېرتس (Sean R. Roberts) ، خىتاي تەشەببۇس قىلغان «بىر بەلباغ، بىر يول مائارىپ ئورتاق گەۋدىسى» ھەققىدە ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بىر بەلباغ بىر يول ئورتاق مائارىپ گەۋدىسى سىستېمىسىنىڭ خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ئورنىتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە بۇنى خىتاي ئىشلىتىۋاتقان يۇمشاق كۈچ ئىستراتېگىيەسى دەپ كۆرسەتتى. ئۇ كۆز قارشىنى مۇنداق شەرھلىدى:

«خىتاي تەسىر كۈچىنى، ئوتتۇرا ئاسىياغا، پاكىستانغا ۋە غەربكە، شەرققە شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كېڭەيتىشكە ئىنتايىن قىزىقىدۇ. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، خىتاي دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تەسىرىنى كېڭەيتىشكە ئىنتايىن قىزىقىدۇ. بىر يول بىر بەلباغ ئۇنىۋېرسىتېت سىستېمىسى ۋە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق پىروگراممىسى بولسا بۇ پەقەت خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ئورنىتىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى. سىياسەتشۇناسلار بۇنى يۇمشاق كۈچ دەپ ئاتايدۇ. مېنىڭچە، بۇ يۇمشاق كۈچىنىڭ بىر قىسمى. بۇ نېمە ئۈچۈن، بىلەمسىز، بۇ دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇ جەھەتتىكى خىتاينىڭ تەكلىپ پىكرىنى قوبۇل قىلىدۇ، چۈنكى خىتاي ئۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت قاتارلىق ئورۇنلىرىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. خىتاينىڭ مەنپەئەتىگىمۇ پايدىلىق، چۈنكى ئۇ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەتئەلدىكى تەسىرىنى كېڭەيتىدۇ. »

ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاپ ئۆگىنىش ۋە تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئۇيغۇرشۇناس دوكتور رۇنى ستېنبېرگ (Rune Stenberg) بۇ ھەقتە توختالدى. ئۇ ئىقتىساد ۋە مائارىپ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي تەسىرىنى چەتئەلدە ئورناتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ يەنە، «خىتاي ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ، مائارىپ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى يايماقچى بولۇۋاتىدۇ. مائارىپنى يۇمشاق كۈچ سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتىدۇ» دېدى.

يىغىندا خۇەي جىنپېڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت خىتاينىڭ ئاسىيا ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى، بولۇپمۇ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مائارىپ ھەمكارلىقى، ئالماشتۇرۇش يېڭى سۇپىسىنى قۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ‹بىر بەلباغ، بىر يول مائارىپ ئورتاق گەۋدىسى› نى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت» .

 ئۇ يەنە «بىر بەلباغ، بىر يول» نى دوستلۇق يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلغان.

قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدىكى دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، سىياسەتشۇناس رەھىمجان ھاپىزوف بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي مائارىپ ئارقىلىق ئوتتۇر ئاسىيا ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» نى قوللاۋاتقان دۆلەتلەرگە سىڭىپ كىرىش ھەم ئۇ دۆلەتلەرنى ئۆزىنىڭ تەسىرى ئاستىغا ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، دېدى. ئۇ: «خىتاي ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ۋە پەرقلىق مائارىپ پىروگراممىلىرى ئارقىلىق قىرغىزىستان ۋە باشقا دۆلەتلەردە خىتايپەرەس ئادەملەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى» دېدى.

دوكتور رۇنى ستېنبېرگ ئاخىرىدا، «بىر بەلباغ، بىر يول» نىڭ دوستلۇق يولى ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «دوستلۇق يولى بولۇش ئۈچۈن ھەمكارلىق باراۋەر ۋە ئادىل بولۇشى كېرەك. خىتاي بىر بەلباغ، بىر يولنى قوللىغان دۆلەتلەرنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىن يىراقلاشتۇرۇپ ئۆزىنىڭ يېنىغا تارتماقچى بولۇۋاتىدۇ» .

خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان بىر بەلباغ، بىر يول مائارىپ ئورتاق گەۋدىسىنىڭ تولۇق مەزمۇن دائىرىسى، پىروگراممىلىرى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس، لېكىن خىتاي بۇنىڭدىن بۇرۇنلا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە مائارىپ جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان بولۇپ، مىڭلىغان ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلار خىتايدا مائارىپ تەربىيەسى ئالدى ۋە ئالماقتا، خىتاي يەنە بۇ دۆلەتلەردە كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى كۆپلەپ ئاچقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.