خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» پىلانى ھەم ئۇيغۇر ۋە بالۇجىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىندى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا ئاتلانغان بىر مەزگىلدە ياۋروپادىمۇ خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش ھەققىدىكى چۇقانلار كۈچىيىشكە باشلىدى. بەزى ياۋروپا سىياسىيونلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر «ماگنىتسكىي قانۇنى» ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش مېخانىزملارنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىپلا قالماي، خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان ياۋروپا شىركەتلىرىگىمۇ چەك قويۇش كېرەك ئىكەن.

بۇ پىكىرنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، فىرانسىيەلىك ژۇرنالىست، يازغۇچى ۋە سىياسىيون رافائېل گلۇكېسمان ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق تور مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان. ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا ياۋروپادىكى بەزى سىياسىيون ۋە مۇتەخەسسىسلەر قاتنىشىپ، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» پىلانى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ھەم پاكىستاندىكى بالۇجى خەلقلىرىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى مۇھاكىمە قىلىنغانىدى.

يىغىندا رافائېل گلۇكېسمان مۇنداق دېگەن: «بۇنىڭدا بىز يولغا قويساق بولىدىغان بەزى چارىلەر بار. ئەلۋەتتە بۇنىڭدىكى 1-چارە ماگنىتىسكىي قانۇنىدۇر. سىز بۇنى مەيلى ماگنىتىسكىي قانۇنى، دەپ ئاتاڭ ياكى نېمە دەپ ئاتاشنى خالىسىڭىز، شۇنداق ئاتاڭ، بۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا يۈرگۈزۈلىدىغان نىشانلىق ئېمبارگو ۋاسىتىسىدۇر. بۇ ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى بۇ بىزنىڭ باشقىلارغا زۇلۇم سالغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىش قورالىمىز. بۇ قورال بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك خىتايغا يۆتكەش، لاگېرلارغا قاماشتەك 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئەڭ زور كۆلەملىك كۆچۈرۈش قىلمىشى ۋە بۇ قەبىھ جىنايەتتە جاۋابكارلىقى بار شەخسلەرگە نىشانلىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىمىزدە ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ».

رافائېل گلۇكېسماننىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر قانچە كومىتېتى بىرلىشىپ، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا ياردەملەشكەن خەلقئارا شىركەتلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىش ھەققىدە قانۇن لايىھەسى ھازىرلىماقتىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى، ئەدلىيە كومىتېتى، خەلقئارا سودا كومىتېتى بىرلىشىپ، تەييارلاۋاتقان ھوشيارلىقنى تەكىتلەش قانۇن لايىھىسى خىتايدا سادىر بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ياردەملەشكەنلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىشىمىزدا ئۈنۈملۈك قورال بولۇپ قالماي، ئاۋسترالىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلگەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئادىداس، نايكى، ئايفون ئىشلەشكە سېلىشنى جاۋابكارلىققا تارتىشىمىز ئۈچۈنمۇ ئۈنۈملۈك قورالدۇر. شۇڭا بۇ قانۇن لايىھىسى بىز ئۈچۈن بەك مۇھىم».

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدىكى بۇ يىغىن بۇ تەشكىلاتىنىڭ ئۆتكەن ئايدا ئېلان قىلىنغان «ئۈچ پورتنىڭ ھېكايىسى: بىر بەلۋاغ، بىر يولنىڭ خىتاي ۋە پاكىستاندىكى ۋاكالەتسىز مىللەتلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرى» ناملىق دوكلاتىنى تېما قىلغان. بۇ دوكلاتتا، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئۇيغۇر ۋە بالۇجى خەلقلىرىنىڭ بايلىقىنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ، مۇھىتىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى، مەدەنىيىتى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، تىلى، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئىنسان ھەقلىرىنىڭ سىستېمىلىق، پىلانلىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىغا يول ئاچقانلىقى، بۇنىڭدا ئۈرۈمچى، گۋادار، گېرمانىيەدىكى دۈسبېرگ قاتارلىق 3 پورتنىڭ ئويناۋاتقان رولى شەرھلەنگەنىدى.

يىغىندا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فابىئو ماسسىمو كاستالدو ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ياۋروپانىڭ سودا مەنپەئەتىنى قوغداپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىمۇ قوغدىشى كېرەكلىكى، خىتاينىڭ ب د ت نىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويماسلىقى مەسئۇلىيەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، بىزنىڭ سودا مەنپەئەتىمىز ۋە كارخانىلىرىمىزنى قوغداپلا قالماسلىقىمىز، بەلكى يەنە نازارەتچىلىك ۋەزىپىمىزنى ئاتقۇرۇپ، ئالاقىدار ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە مەن بۇ يەردە نۇقتىلىق شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى كۆزدە تۇتۇۋاتىمەن. بۇ يەردە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى مىشەل باشېلېيتنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلىپىنىڭ داۋاملىق رەت قىلىنىشىنى ئەيىبلەيمەن. ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ خىتاينىڭ ئۆزئارا كۆز قۇلاق بولۇش ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمايۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى ھەم ئىپادىسىدۇر».

فابىئو ماسسىمو كاستالدو يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «گۆدەكلىك» قىلماسلىقى، چۈنكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» نى خەلقئارا ئىقتىساد سىستېمىسىنى ياخشىلاشنىڭ زور پۇرسىتى، دەپ قارايدىغانلىقى، ئەمما بۇنىڭ بەدەلسىز كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىراق بۇ بەدەلسىز ئەمەس. بۇ ناھايىتى ئېنىق خىتايغا باغلىنىپ قېلىش خەۋپى ۋە ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنىڭ يالغۇزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىز قەتئىيلىك بىلەن ئىقتىساد ۋە سودىدىكى جەلپ قىلىش كۈچىمىزنىڭ شەرققە قاراپ قېيىشى، ئۆلچەم ۋە ئەدلىيە جەھەتتىكى مودېللىق رولىمىزنى يوقىتىپ قويۇشىمىزنىڭ ئالدىنى ئىېلىشىمىز كېرەك».

يىغىندا يەنە سابىق ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى ئىرىنا فون ۋەيس خانىم سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ سودا ساھەسىگە بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش تەكلىپىنى قوللايدىغانلىقى، مال تەمىنات زەنجىرىگە بولغان ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، لېكىن ئەنگلىيەنىڭ ماگنىتسكىي قانۇنىنى ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن خىتايغا باغلىنىپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئىرىنا فون ۋەيس مۇنداق دېگەن: «ئەنگلىيەنىڭ ماگنىتسكىي قانۇنىغا ئوخشاش بىر قانۇنى بار. ئۇ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش، ئۇلارنىڭ ئەنگلىيەدىكى مال-مۈلكىنى توڭلىتىش ۋاسىتىلىرىگە ئىگە. بۇنداق ئادەملەر لوندوندا كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر بۇلارنىڭ بىرەرىگە بۇ قانۇن ئىشلىتىلمىدى. مەن ئەنگلىيە ۋە لوندوندىكى بىرەر خىتايغا بۇ قانۇننىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلمەيمەن. قولىمىزدا جازا قورالى بولسىمۇ، لېكىن ئىشلىتىلمىدى. بۇ بىر سىياسىي قارار، بۇ كۈچنى ئىشلىتىش بىزنىڭ خىتايغا باغلىنىپ قېلىش-قالماسلىقىمىزغا باغلىق».

يىغىندا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىياسەت ۋە تەتقىقات دىرېكتورى فرانسېسكو فېرناندو مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ دوكلاتىنى تونۇشتۇرۇپ، خىتاينىڭ «بەلۋاغ، بىر يول» پىلانىغا ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن تەنقىد چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا سەل قارالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ يەر زېمىنى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» پىلانىنىڭ ھالقىلىق نۇقتىسى ئىكەن.

فرانسېسكو فېرناندو مۇنداق دەيدۇ: «بۇ پىلان يولغا قويۇلغاندىن بېرى بىخەتەرلىك، ئەمگەك ھەقلىرى، ئۇنىڭ پايدا-زىيىنى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا بولغان تەسىرى قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن تەنقىدلەرگە ئۇچرىدى. بۇ پىلان يەنە بېيجىڭنىڭ مەبلىغى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى قەرز پاتقىقىغا پاتتۇرۇپ قويىدىغانلىقى، ئۇنىڭ چىرىكلىكنى كۈچەيتىپ، زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىغا يول ئاچىدىغانلىقى سۆزلەندى. ئەمما بىز ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى ھەققىدە ھېچنېمە ھېس قىلمىدۇق. بۇ بىزنىڭ يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا دىققەت قىلىشىمىزغا تۈرتكە بولدى. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ يەر-زېمىنى بېيجىڭنىڭ مەزكۇر پىلاندىكى ھالقىلىق ئامىلدۇر».

فرانسېسكو فېرناندونىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر رايونى خىتاينىڭ ئاتالمىش «جۇڭگو چۈشى» نىڭ مەركىزى نۇقتىسىدا بولۇپ، بۇ رايون ئۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن مۇھىم ھالقا ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شىنجاڭنىڭ ئاتالمىش ‹جۇڭگو چۈشى›نىڭ مەركىزى نۇقتىسىدىن ئورۇن ئالغانلىقى، بۇ ئۇنىڭ نېگىزلىك ھالقىسىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى چۈشىنىش بەك مۇھىم. شۇ سەۋەبلىك شىنجاڭ ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى تەقىبلەش سەھنىسىگە ئايلاندى. شۇڭا، نېمە ئۈچۈن بۇ رايوندا قۇرۇقلۇق پورتى قۇرۇلۇشى بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر مىللەتكە قارىتا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ زور كۆلەملىك تۇتقۇن ئېلىپ بېرىلىدۇ؟ بۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ».

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى تور يىغىنى دەل مۇشۇنداق ئەھۋالدا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىنى، مۇتەخەسسىس ۋە ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قىلىپ، خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ۋە بالۇجى خەلقلىرىگە ئېلىپ كەلگەن بەدىلى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.