«بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ھەم بالۇچىلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.12.12
bir-belwagh-bir-yol-xitay-teshwiqati.jpg «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىنىڭ خىتايدىكى تەشۋىقاتلىرىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 28-ئاپرېل، بېيجىڭ.
AP

گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ھەم بالۇچىلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى كەڭ يولغا قويۇۋاتقان شۇنداقلا پاكىستان، قازاقىستان قاتارلىق يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئۇيغۇر ۋە بالۇچىلاردەك يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانماقتا.

11‏-دېكابىر كۈنى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن «بىر يول بىر بەلۋاغ» ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى دەل مۇشۇ مەسىلىگە بېغىشلاندى. يىغىندا خىتاينىڭ ئىقتىسادى كۈچىنى پەش قىلىپ، ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەرگە سودا ۋە ئىقتىسادى پايدا ۋەدە قىلىشى، ياۋروپانىڭ نېگىزلىك قىممەت قارىشىغا زور خىرىس ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئۇيغۇر، بالۇچى قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرگە قانچىلىك ئېغىر يۈك ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان شۇنداقلا گېرمانىيەدەك ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ يۇقىرىقى مىللەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىنسانلىققا قارشى جىنايەتلەرگە شېرىك بولۇپ قالماسلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دۆلەتلەرنىڭ دەرھال تەدبىر ئېلىشى تەلەپ قىلىنغان.

«ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا مەركىزى لوندوندىكى بالۇچى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە پائالىيەتچىلەر تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر دوكلات بەرگەن. تەرەپلەر «خىتاينىڭ ‹بىر يول بىر بەلۋاغ› قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقىغا تەسىرى» ناملىق يىغىندا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شۇنداقلا پاكىستاننىڭ بالۇچىستان ئۆلكىسىدە قۇرۇۋاتقان ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بۇ رايونلاردىكى يەرلىك خەلقلەرگە قارشى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى قانداق كۈچەيتىۋاتقانلىقى مۇزاكىرە قىلىنغان.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىياسەت ۋە تەتقىقات ئىشلىرى دىرېكتورى فېرناندو بۇرگېس 12‏-دېكابىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىغىننىڭ گېرمانىيەدە ئېچىلىشىنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز نېمە ئۈچۈن بۇ يىغىننى گېرمانىيەدە ئاچتۇق دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، گېرمانىيە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى. خىتاي بۇ ئىشتا قانداق رول ئوينىشى كېرەك، دېگەن مەسىلە بىز ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان سوئال. بۇ ناھايىتى مۇرەككەپ مەسىلە بولسىمۇ، لېكىن بىزنىڭ قويغان سوئالىمىز، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دائىر دەلىللەر كەڭ كۆلەمدە ئاشكارىلانغان بىر مەزگىلدە ياۋروپا شىركەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك. يەنى خىتاي بىلەن سودا قىلىۋاتقان گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ خىتاي سادىر قىلىۋاتقان قورقۇنچلۇق جىنايەتكە شېرىك بولۇپ قېلىش مەسىلىسىدۇر. ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە سودا ھەققىدىكى نىزاملىرىغا ئاساسلانساق، ئەگەر بىر شىركەت ئۆزىنىڭ تەمىنات زەنجىرىنىڭ بىرەر ھالقىسىدا كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى بايقىسا، ئۇنىڭ ئەھۋالنى ب د ت غا مەلۇم قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ھازىر بىزدە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل بار.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ستېفان لامپا بۇ قېتىمقى يىغىندا دوكلات بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ دوكلاتىدا «بىر يول بىر بەلۋاغ» پىلانىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك خەلقلەرگە ئېلىپ كەلگەن تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى تەڭسىزلىك، ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلىنىشى، 3 مىليوندەك ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى، دىنىي ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەتنىڭ بوغۇلۇپ، ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ تېزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ستېفان لامپا 12‏-دېكابىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ يىغىندا سۆزلىگەن دوكلاتى ھەققىدە توختالدى. ئۇ يىغىندا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى «ماگنىتىسكى قانۇنى» نى ئىشقا سېلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ستېفان لامپا مۇنداق دېدى: «مەن يىغىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى قورقۇنچلۇق ۋەزىيەت ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك توختىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بېرلىندا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇردۇم. بۇنىڭدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى شۇنداقلا نۆۋەتتە ئۇ ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدىم. بۇ دېگەنلىك بولۇپمۇ گېرمانىيەدە ‹ماگنىتىسكى قانۇنى› غا ئوخشاش قانۇن چىقىرىپ، ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنىڭ ھازىرقى مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدىم. بۇ نۆۋەتتە ھۆكۈمەت ئىچىدىكى جىددىي مەسىلە. ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان ئەمەلدارلارنى جاۋابكارلىققا تارتىش نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلە.»

ستېفان لامپا يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلانغان ھۆججەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى رېياللىقنى ئېنىق ئېچىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھازىر رايوندىكى پارتىيە ئەمەلدارلىرىغا، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئارىلاشقان شىركەتلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنىڭ دەل ۋاقتى ئىكەنلىكى، گېرمانىيەنىڭ ئامېرىكادەك «ماگنىتىسكى قانۇنى» چىقىرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

مەركىزى لوندوندىكى بالۇچى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى «خىتاينىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقىغا كۆرسەتكەن تەسىرى» دېگەن تېمىدىكى مەزكۇر يىغىننىڭ ئېچىلىشىغا ھەمكارلاشقان تەشكىلاتلارنىڭ بىرىدۇر. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى غۇلام مۇستافا 12‏-دېكابىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى» نىڭ بالۇچىستان خەلقىگە ئېلىپ كەلگەن تەسىرى ھەققىدە توختالدى. غۇلام مۇستافا ئۆزىنىڭ تۈنۈگۈنكى يىغىنىدا دوكلات بەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن يىغىنغا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پاكىستاننىڭ بالۇچىلارنى باستۇرۇشىغا خىتاينىڭ ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي پاكىستانغا ياردەم بېرىشنى توختىتىپ، پاكىستاننىڭ بۇ رايوندىكى ئەسكەرلىرىنى، ئۆزىنىڭ بۇ رايوندىكى ئادەملىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشى كېرەك ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتايدىن شۇنى ئىلتىماس قىلىمەن، ئۇ پاكىستان بىلەن سۆزلىشىپ، بىزنىڭ پاكىستان ئارمىيەسى بىلەن ئەمەس، پاكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن دىيالوگ قۇرۇشىمىزغا ياردەم قىلسۇن. خىتاي ۋە پاكىستان ئۆزلىرىنىڭ بالۇچىستاندىكى ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى تاقاپ، قوشۇنلىرىنى بالۇچىستاندىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشى، بالۇچىستان خەلقىنىڭ مائارىپ، ئىقتىسادى تەرەققىيات، تەلىم-تەربىيە، مائارىپ ئىشلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىغا يول قويۇشى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشى كېرەك.»

غۇلام مۇستافانىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ پاكىستانغا ياردەملىشىپ، بالۇچىستان خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشى ئۇنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق ئەمەس ئىكەن. غۇلام مۇستافا: «خىتاي بۇ خىل كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارغا، تىبەتلەرگە، ھازىر ئەمدى خوڭكوڭلۇقلارغا سادىر قىلماقتا. خىتاي بىزنىڭ مەسىلىمىزدە پەقەت پاكىستاننىڭ تەلىپىنى بەجا كەلتۈرمەكتە،» دېدى.

بۇ قېتىمقى يىغىن گېرمانىيەدىكى بەزى چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا مەبلەغ سېلىپ، زاۋۇت قۇرغانلىقى ياكى خىتاينىڭ رايوندا دىگىتال نازارەت سىستېمىسى قۇرۇشىغا ياردەم بەرگەنلىكى ئاشكارىلىنىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە ئېچىلدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە گېرمانىيە زىمىنىس شىركىتىنىڭ خىتاينىڭ دىگىتال نازارەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن شۇنداقلا «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر» جەمئىيىتى گېرمانىيە ۋولكس-ۋاگېن شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئاپتوموبىل زاۋۇتىنى تاقىشىنى تەلەپ قىلغان. لېكىن ۋولكىس-ۋاگېن شىركىتى ئۆزلىرىنىڭ ھېچقانداق خاتا ئىش قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.