گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ مەخپىي ھۆججىتىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ئورتاق قارشى تۇرۇشى لازىملىقى جىددىي تەشەببۇس قىلىنغان.
«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىنىڭ 3-مايدىكى «ياۋروپا، كۆزۈڭنى يوغان ئاچ!» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «سودا گېزىتى» گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ بىر مەخپىي ھۆججىتىنى قولغا چۈشۈرگەن. ھۆججەت بۇ يىل 4-ئاينىڭ 21-كۈنى ھازىرلانغان. ھۆججەتتە بېرلىننىڭ ياۋروپادىكى تەسىر كۈچى كۈنسېرى زورىيىۋاتقان خىتايدىن ئەمدى ئەندىشىگە چۈشكەنلىكى، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىن ياۋروپا كارخانىلىرىنىڭ ھىېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمەيدىغانلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قارشى بىرلىككە كەلگەن ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر ئېلىشى لازىملىقى تەشەببۇس قىلىنغان.
«سودا گېزىتى» دىكى ئەسلى تېمىسى «بېرلىن خىتاينىڭ يىپەك يولى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى، ياۋروپانىڭ جاۋابىنى كۈتىۋاتىدۇ» ناملىق ماقالە: «خىتاي ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىۋاتىدۇ، گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكى ئاگاھلاندۇرۇش بەردى، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پاسسىپلىقىدىن ئاغرىندى» دېگەن جۈملە بىلەن باشلانغان. ماقالىدە مەخپىي ھۆججەتنىڭ مەزمۇنىغا بىنائەن بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ياكى «يېڭى يىپەك يولى» ۋە ياكى «مارشال پىلانى» دەپ ئاتالغان بۇ قۇرۇلۇشى «قارىماققا قانچىلىك ھەشەمەتلىك، يېقىملىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ئىنسانىيەت ئۈچۈن بەخت ئېلىپ كېلىدىغان قۇرۇلۇش ئەمەس، بەلكى بېيجىڭنىڭ پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ئىدېئولوگىيەسىنى تاڭىدىغان يامان غەرەزلىك بىر قۇرۇلۇشى» ئىكەن.
مەخپىي ھۆججەتتە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىقتىسادىي تەسىرى بىلەن دۇنيا تەرتىپىگە ئۆزىنىڭ تامغىسىنى بېسىش، يېڭىدىن خىتايچە بىر دۇنيا تەرتىپى ئورنىتىش ئۈچۈن «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى نامىنى ماركا ئورنىدا قوللىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ «يامان غەرىزى» بېرلىننىڭ ئۇيقۇسىنى ئاچقان. بولۇپمۇ ۋېنگېرىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا يېقىندا ئىمزالانغان بىر كېلىشىم ياۋروپالىقلارنى چۆچۈتكەن. «خىتاينىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ يېقىن دوستى» دەپ قارىلىدىغان ۋېنگېرىيە خىتاينىڭ شاڭخەيدىكى «فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى» بىلەن بىر توختام تۈزگەن. توختامغا ۋېنگېرىيەنىڭ باش مىنىستېرى ئوربان ئۆز ئالدىغا ئىمزا قويغان. توختامنىڭ روھىغا كۆرە، خىتاينىڭ «فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى» ۋېنگېرىيە پايتەختى بۇداپېشىتتا «تارماق مەكتەپ» قۇرۇدىكەن. ياۋروپالىقلار خىتاينىڭ يىراققا سوزۇلغان قولى بولغان «كوڭزى ئىنىستىتۇت» لىرىنى تازىلاپ بولالمايۋاتقان بىرچاغدا، خىتاينىڭ يەنە «تارماق مەكتەپ» لەرنى ياۋروپا تۇپراقلىرىدا تەسىس قىلىشى جىددىي دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە ئىكەن.
ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى دۇنياغا خوجا بولۇش شىرىن چۈشىگە يېتىش ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتىن «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى، ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن «كوڭزى ئىنىستىتۇتى» دىن ئىبارەت ئىككى لىنىيە بويىچە كېڭەيمىچىلىكنى باشلىغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ يامان نىيىتىنى دۇنيا بارغانسېرى ياخشى بىلىپ يەتمەكتە ئىكەن.
2-ماي «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ يېڭى يىپەك يولى مەغلۇپ بولامدۇ؟» ناملىق خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا ۋە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قارشى تۇرۇشىغا ئەڭ زور توسالغۇ بولىۋاتقان دۆلەت گېرمانىيە ئىكەن. مېركاتو خىتاي تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى مىككو خۇئوتارىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي بىلەن يىللاردىن بۇيان ئالاھىدە يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ ئاخىرى بۇرنىغا يىگەن ئىتالىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قوينىغا قايتىپ كەلگەن ۋە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىش يولىغا كىرگەن بۈگۈنكى زاماندا، مېركىل ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىرادىسىگە قارشى ھالدا يەنىلا خىتاينىڭ سىياسىتىنى قوللاش پوزىتسىيەسىدە بولماقتا ئىكەن. ئۇنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، «پۈتۈن ياۋروپا دۆلەتلىرى نۆۋەتتە خىتاينى قاتتىق ئەيىبلەش چاقىرىقلىرىدا بولىۋاتقاندا، بېرلىن ھۆكۈمىتى توختىماي تورمۇزغا دەسسىمەكتە» ئىكەن.
گېرمانىيە خەلقئارا بىخەتەرلىك تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېربىرت دىتېرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كورونا ۋىرۇسىدىن كېيىن خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئوبرازى خۇنۈكلەشكەن. چۈنكى ۋىرۇس سەۋەبلىك بۇ قۇرۇلۇش لىنىيەسىدىكى نۇرغۇنلىغان ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادى گۇمران بولغان. ئىتالىيەدىن باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرى بۇ قۇرۇلۇش توغرىسىدا خىتاي بىلەن كېلىشىم تۈزمىگەن بولۇپ، ئاۋىستىرالىيە تۈزگەن كېلىشىملىرىنى بىكار قىلغان. ھەتتا «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ يېقىن ھەمراھى بولغان پاكىستانمۇ نارازى بولۇشقا باشلىغان. تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بۇ سەپتىن چېكىنىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن.
مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكى «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ دۇنيا تېنىچلىقى ۋە ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە شەكىللەندۈرىۋاتقان تەھدىتلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى جىددىي تەدبىر ئېلىشقا ئاگاھلاندۇرۇش يۈزسىدىن مەزكۇر مەخپىي ھۆججەتنى ھازىرلىغان. بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن تېخى ئىجابىي بىر جاۋاپ كەلمىگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى ھېلىھەم «خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ، بىر يول قۇرۇلۇشىغا قارشى ئىستراتېگىيە تۈزۈش ئىشىغا كىمنىڭ مەسئۇل بولۇشىنى تالاش-تارتىش قىلىش بىلەن ۋاقىت ئىسراپ قىلماقتا» ئىكەن.
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە غەرب قىممەت قاراشلىرىغا شەكىللەندۈرىۋاتقان خىرىسلىرىنى گېرمانىيە خېلى بۇرۇنلا تونۇپ يەتكەن بولسىمۇ، ئەمەلىي تەدبىرلەر بىلەن تاقابىل تۇرۇشتا يەنىلا پاسسىپلىق قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
17-ماي گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلماقچى. بۇ كۈنى يەنە گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بېرلىنغان جەم بولۇپ، پارلامېنت بىناسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزمەكچى. بىراق گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەنگىلىيە، گوللاندىيە، كاناداغا ئوخشاش «ئىرقىي قىرغىنچىلىق› قارارىنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقى ھازىرچە نامەلۇم.
