مەلۇم بولغىنىدەك، ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇر دىيارىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش تەلىپىنى ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھاكىمىيىتى تۈرلۈك شەرتلەرنى قويۇپ، بۇ تەلەپنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەنىدى. 2018-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بولغان 3 يىل جەريانىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە زور ھەجىملىك بىر دوكلات ھازىرلاپ چىقىپ ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئېلان قىلماقچى بولغان. بىراق خىتاينىڭ تۈرلۈك توسقۇنلۇقلىرى سەۋەبلىك بۈگۈنگىچە ئېلان قىلالمىغان.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ كومىسسارى مىشېل باچېلېت باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەتنىڭ بۇ يىل 5-ئايدا ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشى بەدىلىگە مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى توسۇپ قالغان. ئۇ، خىتاينىڭ يالغان سەھنە ھازىرلاپ، ب د ت خادىملىرىنى ئالدايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىشېل باچېلېت خىتاي زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرىلا بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىۋېتىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك يەنە 13-ماي كۈنى جەنۋەدىكى ب د ت بىناسىنىڭ ئالدىدا بۇنداق بىر نامايىش ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭمۇ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن ئەپەندى بۇ قېتىمقى نامايىشنى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 15 ئاممىۋى تەشكىلات بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورتاق ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى، ياۋروپادىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بۇنىڭغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن ئەپەندى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ نامايىش ئارقىلىق ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ كومىسسارى مىشېل باچېلېت خانىمغا ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى تەلەپلىرىنى يەتكۈزىدىغانلىقىنى، بۇ خىل نامايىشلارنىڭ ئۈنۈمىنىڭ زور بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلەشمە نامايىش ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شىۋېتسارىيە شەرقىي تۈركىستان جەمىيىتىنىڭ رەئىسى ئەندىلى قاراخان ئەپەندى نامايىشنىڭ 13-ماي كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دىن 12 گىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى باش شىتابى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سەپەرۋەرلىكى بىلەن 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېل شەھىرىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىناسىنىڭ ئالدىدا ›5 مىڭ كىشىلىك نامايىش‹ ئۆتكۈزۈلگەنىدى. قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خەلقئارالىق چوڭ نامايىش ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 4-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا 15 ماددىلىق قارارىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن.
ئارقىدىن د ئۇ ق 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ب د ت دا باشلىنىدىغان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن جەنۋەدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق خەلقئارالىق چوڭ نامايىشىنى ئۆتكۈزگەنىدى.