بارغانسېرى يىرىكلىشىپ مېڭىۋاتقان ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە يېقىنقى مەزگىللەردە ئەڭ دىققەت قوزغاۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئەپەندىنىڭ بېيجىڭغا زىيارەتكە بېرىشى ھەمدە زىيارەت جەريانىدا ئىككى تەرەپنىڭ قانداق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. بايدىن ھۆكۈمىتى كۆپ قېتىم ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرۈپ بۇ قېتىمقى بېيجىڭ زىيارىتىدە مۇھىم نۇقتا «ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ھازىرقى سەۋىيەدە مۇقىملاشتۇرۇش ھەمدە كۈتۈلمىگەن توقۇنۇشتىن ساقلىنىش» بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئەمما كۈتۈلمىگەندە 2-فېۋرالدا ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى مونتانا (Montana) شتاتىنىڭ ئاسمان بوشلۇقىدا سىرلىق ئۇچار شارنىڭ بايقىلىشى، ئارقىدىنلا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (بەش بۇرجەكلىك بىنا) نىڭ بۇ ئۇچار جىسىمنى «خىتاي كونتروللۇقىدىكى جاسۇسلۇق شارى» دەپ ئېلان قىلىشى بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ بىكار قىلىۋېتىلىشىگە سەۋەب بولدى.
بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر جاسۇسلۇق شارى ئالياسكا ۋە كانادا ھاۋا بوشلۇقى ئارقىلىق ئامېرىكا تەۋەسىگە كىرگەن بولۇپ، بىرنەچچە كۈندىن بۇيان شەرققە قاراپ يۆتكىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. گەرچە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ F-22 تىپلىق قىرغۇچى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى مەزكۇر جاسۇسلۇق شارىنى ئايلىنىپ قاراپ باققان بولسىمۇ بەش بۇرجەكلىك بىنا ئۇنى ئېتىپ چۈشۈرۈشنى رەت قىلغان. چۈنكى مەزكۇر جاسۇسلۇق شارىنى ئېتىپ چۈشۈرگەندىن ئۇنىڭ پارچىلىرى شۇ جايدىكى ئاھالىگە قانداق زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشى ھازىرچە نامەلۇم بولغانلىقتىن مۇشۇنداق بىر قارار ئېلىنغان. بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ئاخبارات كاتىپى، گېنېرال پات رايدېر (Pat Ryder) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «مەزكۇر جاسۇسلۇق شارى 60 مىڭ فۇت (تەخمىنەن 18 كىلومېتىر) ئېگىزلىكتە سەير قىلماقتا. بۇنىڭ ھازىرچە قانداق تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلىق ئەمەسمىز» دېگەن ھەمدە ھازىرچە بۇ خىل جاسۇسلۇق شارىدىن بىرنى بايقىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما كانادانىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 3-فېۋرال كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى ئىككىنچى كۆزىتىش شارىنى بايقىغانلىقىنى، بۇنىڭ ھازىر كانادا ھاۋا بوشلۇقىدا مېڭىۋاتقانلىقىنى، كانادا ئارمىيەسىنىڭ بۇنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان.
ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تېزدىن بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ بۇ ھاۋا شارىنىڭ جاسۇسلۇق ئۈسكۈنىسى ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە بۇنىڭ ھاۋارايى ئىلمى ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتقان تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئىكەنلىكىنى، كۈتۈلمىگەن ئىچكى كاشىلا تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ ئۆز ئوربىتىسىدىن چەتنەپ كېتىپ ئامېرىكا تەۋەسىگە كىرىپ قالغانلىقىنى ئېيتقان.
«نيۇ-يورك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 3-فېۋرالدىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر جاسۇسلۇق شارىنىڭ ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇپ يۈرۈشى كۆپلىگەن ساھەنى ھەيران قالدۇرغان. ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «كارخانا ئىنستىتۇتى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئېرىك سايېرس (Eric Sayers) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بىزنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىسىترىمىز بېيجىڭغا ئۇچۇۋاتقاندا خىتاي جاسۇسلۇق شارىنىڭ بەخىرامان ھالدا ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىدا لەيلەپ يۈرۈشى بەكلا قاملاشمىغان بىر ئىش» دېگەن.
گەرچە بەش بۇرجەكلىك بىنا مەزكۇر جاسۇسلۇق شارىنى ھازىرچە ھەربىي ياكى باشقا جەھەتتە خەۋپ تۇغدۇرىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىر قىسىم ئامېرىكا سىياسىيونلىرى بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە بىۋاسىتە تەھدىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. «فوكۇس خەۋەرلىرى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە يېڭىدىن تەشكىللەنگەن «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايك گاللاگېر (Mike Gallagher) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ئامېرىكا خەلقى چۈشىنىۋېلىشقا تېگىشلىك بولغان بىر نۇقتا شۇكى، خىتاي كومپارتىيەسى بىزگە قارشى ئوتتۇرىغا تاشلاۋاتقان تەھدىت ھازىر يىراقتىكى شەرقىي ئاسىيا رايونىدا ياكى تەيۋەندە ئەمەس، بەلكى نەق بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. بۇ جاسۇسلۇق شارىنىڭ ئۆزى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا قارىتىلغان ئەڭ زور تەھدىت. بۇ مۇنداقلا بولۇپ قالغان بىر ھادىسە ئەمەس. شۇڭا ئۇنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىش لازىم» دەپ كۆرسەتكەن. ئاۋام پالاتا ئەزاسى مارجورى تەيلور گرېن خانىم (Marjorie Taylor Greene) مۇ ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر بېتىدە ئۇچۇر يوللاپ «ھۆرلۈكىمىزدىن ۋاز كەچمەيمىز. چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ ئېتىقادىمىزنى، ئائىلىمىزنى ۋە بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىزنى ۋەيران قىلماقچى. شۇڭا بۇ شارنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىش لازىم» دېگەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا سىياسىي ئانالىزچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى ئۇلارنىڭ تەيۋەن دېڭىز تەۋەلىكىدىكى ۋە باشقا جايلاردىكى ئىغۋاگەرلىكلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا روشەن تەھدىت تۈسى ئالىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. .
«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان جاسۇسلۇق شارلىرى ئالاھىدە لايىھەلىنىدىغان بولۇپ، ئېگىز بوشلۇقتىن ناھايىتى سۈزۈك سۈرەتلەرنى تارتالايدىكەن. شۇڭا مەزكۇر جاسۇسلۇق شارى مونتانا شتاتىدىكى يادرو قوراللىرى سىناق بازىلىرى ۋە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىر قىسىم ھەربىي بازىلىرىدىن ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن ئامېرىكا تەرەپ بۇنىڭ خاراكتېرىنى ئۇنداق يەڭگىل باھالىماسلىقى كېرەك، دېگەن پىكىرلەر كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىققان. گەرچە ئانتونى بىلىنكېننىڭ خىتاي سەپىرى كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىنغاندا ئاقساراي بۇ قارار بىلەن جاسۇسلۇق شارىنىڭ قانداق باغلىنىشى بارلىقى ھەققىدە سۆز قىلمىغان. ئەمما 3-فېۋرال چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتنى ئېلان قىلىپ بۇ سەپەرنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى بۇ قېتىملىق جاسۇسلۇق شارى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا ئېنىق قىلىپ ؛ «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن ئەپەندى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ناماقۇللۇقىدىن خەۋەردار بولدى. ئەمما ئۇ بۇ قىلمىشنى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت، دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋالدا بېيجىڭغا بېرىشنى مۇۋاپىق كۆرمەيدۇ» دېيىلىدۇ.
ئامېرىكا تەۋەسىدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بەزىلىرىدە بىر قىسىم ئانالىزچى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ «بۇ شار ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ئۈچۈن ئۇنچە زور خەۋپ ئەمەس» دېگەندەك پىكىرلىرىمۇ يەر ئالغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئىلشات ھەسەن بۇ خىل قاراشنى توغرا، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە مۇشۇ ھادىسىدىن تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكا خەلقىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى چۈشەنچىسىدە ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. .
نۆۋەتتە بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزە ۋە خەۋەرلەر ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن بەس-بەستە يەر ئېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ قانداق بىرياقلىق قىلىنىشى ھەققىدە تۈرلۈك پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم.
