سېربرېنىسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا ئامان ئالغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي كەچمىشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقاچ، بۈگۈنكى كۈندە ئوخشاش قىسمەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە دۇنيا جامائىتىنىڭ تېخىمۇ يېقىدىن دىققەت قىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرۈشتى.
بوسنىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ قەلب يارىلىرى ھېلىھەم شىپا تاپقىنى يوق
8 مىڭ روھ، 8 مىڭ ئىنسان مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن بۇ ئۇلۇغ تۇپراقنىڭ، مۇندىن 30 يىل مۇقەددەم ئەشەددىي قىرغىنچىلىقىنى بېشىدىن كەچۈرگەن بوسنىيە مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ئەبەدىي ئىزتىراپ ۋە بىر پۈتمەس يارىغا ئايلانغانلىقى قەبرە بېشىدا ھازا ئېچىۋاتقان، ياكى دۇئا ئوقۇپ سۈكۈناتقا چۆمگەن كىشىلەردىن روشەن كۆرۈلۈپ تۇراتتى.
75 ياشلار چامىسىدىكى سامانتا فاخرۇددىن خانىم بۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان ئىنىسىنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش ۋە «ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ فاتىھە ئوقۇش ئۈچۈن» گېرمانىيەدىن كەلگەن ئىكەن.

بىز ئۇنى «سېربرېنىسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى خاتىرە مەركىزى زاراتگاھلىقى» نى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، ياپيېشىل چۆپلۈك ئۈستىگە خۇددى دەرەخسىمان رەت-رەت قىلىپ تىزلىغان 8300 دىن ئارتۇق ئاچ رەڭلىك قەبرە تاشلىرى ئارىسىدا كۆز يېشى قىلىپ يۈرۈۋاتقان يەردە ئۇچراتتۇق.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 1992-يىلى ئۇنىڭ 25 ياشلىق ئىنىسى زافىق فاخرۇدىن سېرب قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئائىلىسىدىن ئايرىپ ئېلىپ كېتىلگەندە، ئۇنىڭ 4 ياشلىق ئوغلى ئۇنىڭ بىلەن قالغان ئىكەن. ئۇ، ئەينى چاغدىكى تىراگېدىيەلەرنى ئەسلىگىنىدە ئۇنىڭ كۆزلىرى ياشلىرى بۇلاقتەك تۆكۈلەتتى.
«ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇددى تۈنۈگۈن بولغاندەكلا ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، گويا تۈنۈگۈنلا يۈز بەرگەندەك»، دەپ ئۇھسىناتتى ئۇ، كۆز ياشلىرىنى سۈرتكەچ.
ئۇ ئىنىسى بىلەن ۋىدالاشقان شۇ پاجىئەلىك دەقىقىنى ئەسلەپ «ئېنىم مېڭىشىدا ‹ماڭا ئاچا، ئوغلۇمغا باش پانا بولۇپ قويغىن، مەن چوقۇم قايتىپ كېلىمەن، ئەمما قاچان قايتىپ كېلىدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن.› دېگەن. ئىنىمنىڭ ئوغلى ھەقىقەتەن دادىسىنى تارتتى، ئەمما ئىنىمنىڭ ئورىنى باسالمايدۇ.» دېدى ئۇ، تولا يىغلاپ قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىدىن توختىماي قۇيۇلۇۋاتقان ياشلىرىنى سۈرتكەچ.
ئىنىسى ھەققىدە گەپ بولغاندا بۇ ئوتتۇرا بوي، ئەمما بېشىغا كەلگەن شۇنچە ئېغىر رىيازەتلەرگە قارىماي تىمەن كۆرۈنىدىغان بۇ موماينىڭ ھەر بىر سۆزى ۋە ئالغان ھەر بىر نەپىسىنىڭ يۈرەك باغرىنى تىلغاپ چىقىۋاتقاندەك ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىنى بولاتتى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قەبرىستانلىققا ئۇنىڭ شۇ قىرغىندا ئۆلتۈرۈلگەن بىۋاسىتە 9 ئائىلە ئەزاسى ئۈچۈن خاتىرە تېشى تىكلەنگەن ئىكەن. ئارىدىن 30 يىل ئوتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قەلب يارىسى تېخى پۈتمىگەن. ئۇ، گېرمانىيەگە يەرلەشكەن ئىككى يىلدىن بۇيان پىسخولوگلارغا كۆرۈنگەن، داۋالانغان بولسىمۇ، يەنىلا شۇ ئېغىر يوقىتىشنىڭ ئاسارىتىدىن تولۇق قۇتۇلالمىغان.
بوسنىيە گىرىتسىگوۋىنا 1992-يىلىدىن 1995-يىلغىچە يېقىنقى زامان دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ پاجىئەلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى بېشىدىن كەچۈرگەن بىر دۆلەت. ئۇ جەرياندا ئاساسلىق بوشناك مۇسۇلمانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن، ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان.

شۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا ھايات قالغۇچىلاردىن بىرى ئالماسا سالىھوۋىچنىڭ ھېكايىسىمۇ يۇقىرىقىدەك ۋاقىتسىز جۇدالىق ئەسلىمىلىرى بىلەن تولغان.
ئەينى يىلى ئەمدىلا 8 ياشقا كىرگەن ئالماسا ئائىلىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە مەھەللىسىگە باستۇرۇپ كېلىۋاتقان سېرب قوراللىق كۈچلىرىدىن قېچىپ، 1994-يىلى ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى قاتارىدا گوللاندىيە قىسىملىرى سېربرېنىسادىكى بىر باتارېيە زاۋۇتىغا قۇرغان مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئالدىغا توپلىنىدۇ.

بەختكە قارىشى ئۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر نەچچە مىڭ ئادەم ئارىسىدىكى ئاساسەن ئەسكەر يېشىدىكى ئەرلەر پاناھلىنىشقا ئېرىشەلمەيدۇ.
1995-يىلى 13-ئىيۇل گازارمىدىن چىقىرىۋېتىلگەن، ياكى گازارمىغا كىرگۈزۈلمەي قايتۇرۇۋېتىلگەن شۇ چارىسىز ئەرلەر ئارىسىدا ئالماسانىڭ 18 ياشلىق ئاكىسى ئابدۇللا سالىھوۋىچمۇ بار بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭدىن خەۋەر بولمايدۇ. كېيىن ئۇنىڭ 1995-يىلى 11-ئىيۇلدىن باشلاپ سېربرېنىسا رايونىدىكى توپلاپ ئۆلتۈرۈش مەيدانىدا قىرغىن قىلىنغان ئىككى مىڭدەك بوشناك مۇسۇلمانلىرى بىلەن قوشۇپ توپلاپ قەتل قىلىنغانلىقى مەلۇم بولىدۇ.
«بەختكە قارشى، 13 ئىيۇل بىز چوڭ ئاكىمىزنى ھايات كۆرگەن ئەڭ ئاخىرقى كۈن بولدى، ئۇ بىزنىڭ ئائىلىدىن ئايرىۋېتىلدى. توغرىسىنى ئېيتقاندا ئاچامدىن ئايرىۋېتىلدى، چۈنكى ئۇ ئىككىسى بازىنىڭ ئىچىدە بولۇپ ھەم بازىدىن ئەڭ ئاخىرىدا ئايرىلغانلاردىن ئىدى. تىراگېدىيەلىك يېرى ئاكام كىيىن ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. »
ئالماسىنىڭمۇ ئاكىسى ھەققىدە سۆزلەۋاتقىنىدا كۆزلىرىدىن ئەگكەن ياشلار روشەن كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇ، بۇ ئەشەددىي قىرغىنچىلىق پەيدا قىلغان روھىي ۋە جىسمانىي جاراھەتلەر مەڭگۈ كېمەيمەيدىغان بولسىمۇ، ئالغا قاراپ ھاياتنى داۋام قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.
ئۇ ئىچكى ھېسسىياتىنى مۇنداق داۋام قىلدى: «مېنىڭچە بىز ئۇ پەيدا قىلغان جاراھەتلەردىن تەلتۆكۈس ساقىيىپ كېتەلمەيمىز. چۈنكى بىزنىڭ كۆپىمىز بۇ ھەقتە زىنھار سۆزلەشمەيمىز. نېمە بولغانلىقىنى ئاندا-ساندا تىلغا ئىلىشىپ قويۇشىمىز، ئەلۋەتتە، ئىيۇل ئېيى بىز ئۈچۈن باشقا ئايلارغا قارىغاندا ئازابلىق بىر ئاي. لېكىن سىز ئىرقى قىرغىنچىلىقتا يوقىتىپ قويغان كىشىلىرىڭىز ھەققىدە سۆزلىگىنىڭىزدە، ئۇ بىر خىل يەڭگىلرەك چۈشىدۇ، چۈنكى بۇلارنى ئەسلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ سىز بىلەن ھامان بىللە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز. ھەم بۇ خىل ئەستە ساقلاش سىزنىڭ ھاياتتا ئالغا قاراپ مېڭىشىڭىزغا تۈرتكە بولىدۇ. بەزىدە سىز تېخى بەك ھەسرەت چېكىپ تولا قايغۇرۇپ كېتىشتىنمۇ ئوڭايسىزلىنىپ قالىسىز چۈنكى پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئانىلار بار. مەن تۆتتىن ئوغۇللىرى ۋە ئەرلىرىدىن. ئايرىلىپ قالغان نۇرغۇن ئانىلارنى بىلىمەن، ئۇلار بۈگۈن يالغۇز ياشاۋاتىدۇ. دېمەك سىز ئاشۇ ئانىلارغا قاراپ ئۇلاردىن چىدام ۋە سەۋر تاپىسىز.»
ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈشكە باشلىغان. كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە مۇزېيىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئارىيان زېنزنىڭ قارىشىچە، بۇ جەريانىدا ئەڭ ئاز دېگەن 1800 مىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچكە ئالغان تۈركىي مۇسۇلمان لاگېرلارغا تاشلانغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2021-يىلى يانۋاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئېرىقى قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلدى.
شۇندىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ پارلامېنتلىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى.

بوسنىيە مۇسۇلمانلىرى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار
ئۇنداقتا يېقىنقى زامان دۇنيا تارىخىدا زور قىرغىنچىلىقنى بېشىدىن كەچۈرگەن بوسنىيە مۇسۇلمانلىرى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەرنى قانچىلىك بىلىدۇ؟
بىز بۇ سوئالىمىزنىڭ جاۋابىنى تۇنجى بولۇپ بوسنىيەنىڭ پايتەختى سارايېۋو شەھىرىگە قۇرۇلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت موزىيى» دىن تاپتۇق. بۇ مۇزېي ئاساسلىقى بوسنىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا بېغىشلانغان بولسىمۇ مۇزېينىڭ ئىرقىي دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقلارغا بېغىشلانغان خانىسىدا «شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم بار، ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىق توختىتىلسۇن» دېگەن تىلەكلەر يېزىلغان بىر بېغىشلىما ئېسىلغان ئىدى.
بۇ ھەقتە توختالغان مۇزېينىڭ دىرېكتورى ئازىم خالىچ ئۇ بېغىشلىمىنى بۇ مۇزېينى زىيارەت قىلغۇچىلار يېزىپ قالدۇرغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭدىن ‹ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز› دەپ سورىسىڭىز، سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتسام مەن كۆپ نەرسە بىلمەيمەن. لېكىن، ئىنسانلاردىن ئۇلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل جىنايەت. بۇ خىل جىنايەت بۇ يەردە يۈز بەرگەن ھەم شۇ تاپتا دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغىمۇ يۈز بېرىۋاتىدۇ. »
سېربرېنىسا رايونىغا يېقىن جايلاشقان مىسىر ناملىق بىر بازاردا تۇرۇشلۇق ئاشپۇزۇل خوجايىنى 39 ياشلىق ئابدۇ پوركوۋىچمۇ قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇمۇ خىتاي ھەققىدە ئۇلارغا يىتىپ كەلگەن ئۇچۇرلارنىڭ، ئۇلار غەززە ھەققىدە ئېرىشكەن ئۇچۇرلاردەك مول ئەمەسلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەنلەردىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مۇسۇلمان دۇنياسى سۈكۈتتە تۇرۇۋاتىدۇ، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ۋە باشقا خاسلىقلىرى تۈپەيلىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىغا سولانغانلىقى ۋە تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقلىرىنى بىلىمىز. مەن قانداق تەسۋىرلەشنى بىلمىدىم، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممە ئەركىنلىكى بوغۇۋېتىلدى، مېنىڭ بىلىدىغانلىرىم مۇشۇنچىلىك.»
بوسنىيە مۇسۇلمانلىرى قوغلانغان ماكانلىرىغا قايتىشقا باشلىغان
1992-يىلىدىن 1995-يىلغىچە داۋام قىلغان بوسنىيە ئۇرۇشىغا 1995-يىلى دېكابىردا تۈزۈلگەن «دايتون تىنچلىق كېلىشىمى» بىلەن خاتىمە بېرىلگەن. نەتىجىدە سېرب قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن سېربلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان رايونلاردىن «تازىلانغان» ياكى قوغلانغان بوشناك مۇسۇلمانلىرى ئاستا-ئاستا ئەسلىدىكى ئۆي-جايلىرىدىن قايتىپ كېلىپ ماكانلىشىشقا باشلىغان.

بۇلارنىڭ بىرى ئابدۇ پوركوۋىچ. ئۇ 2006-يىلى نۇرغۇن رىيازەتلەردىن كېيىن دادىسىدىن مىراس قالغان ئۆيىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ، ئاشپۇزۇلنى قايتا ئېچىشقا مۇۋەپپەق بولغان.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى يىلى ئۇ، يەتتە ياشلار ئەتراپىدا بولۇپ دادىسى بىر مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئەمما ئۇمۇ سېرب قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈش مەيدانىغا ھەيدەپ كېتىلىۋاتقاندا تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ قېچىپ قۇتۇلغان.

ئۇنىڭ قارىشىچە، سېربلار يەرلىك مۇسۇلمانلارنى تازىلايمىز، دەپ شۇنچە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئاخىرى ئۇلارنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشقان. ئۇنىڭ قوغلاندى قىلىنغان ئاتا مىراس ماكانىغا كېلىپ يەرلىشەلىگەنلىكنىڭ ئۆزىلا بۇنىڭ ئىسپاتى.
«مەن دەل ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولغان ماكانغا-بىزنىڭ يەر يۈزىدىن سۈپۈرۈپ تاشلىنىشىمىز قەست قىلىنغان ۋە سېربلار بۇ يەردە مۇسۇلمانلار بولمىسۇن، دەپ ئارزۇ قىلغان يەرگە قايتىپ كەلدىم.»
بىز باشتا مۇڭداشقان سامانتا فاخرۇددىن خانىممۇ ھاياتىنى ھەر خىل روھىي مۇشەققەتلىرىنى يېڭىپ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرالىغانلىقىدىن ۋە ئاكىسىنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشالىغانلىقىدىن رازى.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ ھازىر ئۇچ قىزى ۋە 7 نەۋرىسى بار، ئىنىسىنىڭ ئوغلىنى بالىچىلاپ بېقىپ چوڭ قىلغان.
«مەن سەۋەبلىك شۇنچە ئادەم بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولدى. بۇ تولىمۇ خەيرلىك بىر ئىش، ئەمما مېنىڭ ياشاش-ياشىماسلىقىم ھېچ ئەھمىيەتسىزدەك تۇيۇلىدۇ. لېكىن، مەن يەنىلا پەرزەنتلىرىم ئۈچۈن ھايات تۇرالىغىنىمدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن.»
بۇ يىل 36 ياشلىق ئالماسا سالىھوۋىچمۇ ئامان قالغان ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ھاياتىنى قايتا قۇرغان، بوسنىيەنىڭ تۇلزا ئوبلاستىدا ياشاپ ئالىي مەكتەپلەرنى تاماملىغان ۋە كېيىن 2024 يىلى ئانا يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ ئاكىسى ئابدۇللا بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ۋىدالاشقان ئورۇنغا، يەنى ئەينى يىلى ب د ت تەركىبىدىكى گوللاندىيە ساقلاش قىسىملىرى گازارما قىلىپ ئىشلەتكەن بىناغا قۇرۇلغان «سېربرېنىسا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قۇربانلىرى خاتىرە مەركىزى» گە ئىشقا چۈشكەن. ئۇ 2021-يىلىدىن بۇيا مەزكۇر مەركەزنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل خادىمى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.
ئالماسا مۇنداق دېدى: «شۇ چاغدا بىز بۇ يەرنىڭ كېيىن خاتىرە مەركىزىگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدۇق. ئىرقى قىرغىنچىلىق 1995-يىكى 11-ئىيۇلدىن كېيىنكى ھەپتىدە يۈز بەردى. ئەرلەر ۋە ئوغۇللارنىڭ كۆپ قىسمى قەتل قىلىندى. بۈگۈن بۇ خاتىرە سارىيىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئاشۇ قەتل قىلىنغانلارنى خاتىرىلەش ھەم ئەسلەش، يەنى ئۇلارنىڭ كىملىكى ۋە قانداق ئىنسانلار ئىكەنلىكىنى ئەستە ساقلاش ئۈچۈندۇر. »
2007-يىلى 26-فېۋرال، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى سېربرېنىسا قىرغىنچىلىقىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ رەسمىي ئېتىراپ قىلدى. بوسنىيە سېربلىرىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى رادوۋان كارادىچ 2016-خەلقئارا سوت تەرىپىدىن ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. سېربىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى سلوبودان مىلوچېۋىچ رەسمىي جازاغا تارتىلىشتىن بۇرۇن 2006-يىلى يۈرەك كېسىلى بىلەن قازا قىلدى.
بوسنىيە خەلقى 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ئون يىلىدا زور ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى بېشىدىن كەچۈرگەن بولسىمۇ دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغداپ قالغاندىن باشقا ئەسلى قوغلانغان ماكانلىرىغا قايتىپ كېلىشىپ ھاياتىنى نىسپىي تىنچلىق ئىچىدە داۋام قىلماقتا. ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئامېرىكا تاشقى ئىشلا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھېلىھەم داۋام قىلماقتا.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزتىراپلىرىغا قاچان خاتىمە بېرىلىدۇ؟
ئۇنداقتا 21-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزتىراپلىرىغا قاچان خاتىمە بېرىلىدۇ؟
ياقا يۇرتلاردا سەرسان-سەرگەردان بولۇپ يۈرۈۋاتقان، مۇساپىرلىق ھاياتىدا ئۇرۇق-تۇغقان، ئاتا ئانىلىرىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان ئۇيغۇرلار ئۇلارنىڭ قەبرىلىرىنى قاچان يوقلاپ ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا تىلاۋەت قىلىش پۇرسەتكە ئىگە بولىدۇ؟

بۇ ھەقتە توختالغان ئالماسا سالىھوۋىچ خانىم بوسنىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشتا مەغلۇپ بولغان خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئەمەلىي بىر ھەرىكەن كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز يىللاردىن بىرى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەمدى قايتا يۈز بەرمىسۇن» دېگەن سادانى ياڭرىتىپ كېلىۋاتىمىز، ئەمما بىز ئۇنى ھەر كۈنى كۆرۈۋاتىمىز، بىز ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرق كىشىلىرىگە يۈز بېرىۋاتقىنىنى كۆرۈۋاتىمىز، ئۆتكەندە ئافرىقىدا يۈز بەرگىنىنى كۆردۇق. بۇلارنى توختىتىدىغان ئەمەلىي ھەرىكەت بولغىنى يوق. شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەت ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ، زامانىمىزدا بۇ ئىشلارنىڭ ھەر قانداق ئىنساننىڭ بېشىغا كېلىشىنى توختىتىشى كېرەك. بۈگۈن بىز بۇ خاتىرە سارىيى ھەققىدە سۆزلىدۇق، ئەتە مۇشۇنداق ۋەھشىي جىنايەتلەرنىڭ يۈز بېرىشى تۈپەيلى پەيدا بولىدىغان باشقا خاتىرە سارىيى ھەققىدە سۆزلەپ قېلىشىمىز مۇمكىن. بۈگۈنگە قەدەر، خەلقئارا جەمئىيەت ئۇ جىنايەتلەرنى توختىتىشتا مەغلۇپ بولدى. »
ھالبۇكى، ياپونىيەدە پەلسەپە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوكتور مۇختەرجان ئابدۇراخمان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا جاۋابكار خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى ۋە ھامان بىر كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈككە ئېرىشىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بوسنىيە قىرغىنچىلىقىنى سادىر قىلغۇچى سلوبودان مىلوسېۋىچ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ قانداق جاۋابكارلىقىغا ئۇچرىغان بولسا، شى جىنپىڭ، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر ۋە ئۇنىڭ فاشىست ھۆكۈمىتىنىڭ ھامان بىر كۈنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا ئادالەتكە ئۇچرايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمىز. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بۇ قىرغىنچىلىق ئاخىرىدا مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تۇغۇلۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. »
2024-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى يېڭىلاندى