ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ رەئىسى كارل گېرشمەن بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت

0:00 / 0:00

ئالىم سېيتوف: بۇ زىيارەتنى قوبۇل قىلغىنىڭىزغا رەھمەت، پرېزىدىنت كارل گېرشمەن ئەپەندى.

كارىل گېرشمەن: مەن سىزنىڭ زىيارىتىڭىزنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمەن.

ئالىم سېيتوف: مېنىڭ سىزدىن سورايدىغىنىم بولسا، ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى نېمە ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئىلگىرى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىگە قاراشلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دېگەندەك ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا مالىيە جەھەتتىن ياردەم بېرىدۇ؟

كارىل گېرىشمەن: بىزنىڭ ئۇلارغا مالىيە جەھەتتىن ياردەم بېرىشىمىزدىكى سەۋەب، بىز ئۇلارنىڭ دەۋاسىغا ئىشىنىمىز. يەنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى، ئۆزىنىڭ تىلى، ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۆزىنىڭ دىنىنى قوغداشتىن ئىبارەت. بۈگۈن بۇلار بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك تەھدىتى ئاستىدا. مېنىڭچە مەن ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش مەسىلىسىگە دىققەت قىلغانسېرى بۇ دەۋانى شۇنچە قوللاشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدىم.

ئالىم سېيتوف: بۇ يىل، يەنى 2019-يىلى، ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى ئۆزىنىڭ يىللىق دېموكراتىيە مۇكاپاتىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋە باشقا ئىككى تەشكىلاتقا تەقدىم قىلدى. بۇ نوپۇزلۇق مۇكاپاتنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا بېرىشتىكى سەۋەب نېمە؟

كارىل گېرىشمەن: ئالدى بىلەن بۇ يىل تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنىڭ 30-يىللىق خاتىرە يىلى. بىز 4-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇراسىم ئۆتكۈزدۇق. 4‏-ئىيۇن كۈنى بولسا خىتاينىڭ تانكىلىرىنىڭ ‏تيەنئەنمېن مەيدانىغا بېسىپ كىرىپ تىنچلىق بىلەن نارازىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆلتۈرگەنلىكىنىڭ 30-يىللىقى. مېنىڭچە بۇ، ئامېرىكا‏-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەۋاسى تارىخىدىكى بىر چېكىنىش ھېسابلىنىدۇ. بىز دەۋاگەرلەرنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى ۋە بىزنىڭ قوللايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرمەكچى. بىزنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىن كۆپلىگەن ئەمەلدارلار ۋە مېھمانلار قاتناشتى. مەن ئېچىلىش نۇتقىمدا بولسا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرنى «ئاز سانلىق مىللەت» ئەمەس، بەلكى «خەلق» دەپ ئاتىدىم. ئۇلار ھەقىقەتەن مۇستەقىل خەلقلەر بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى خىتاينىڭ تەھدىتى ئاستىدا قالماقتا. بۇ يەردىكى سوئال بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدۇ؟ خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىككە قارشى ۋە ياكى ئۆزىنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتى بولغان ئۇيغۇر ھەم تىبەتلەرگە ئوخشاش مۇستەقىل خەلقلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قارشى نېمە سەۋەبلىرى بار؟ خىتاي نېمە ئۈچۈن بۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتى بولۇشىغا يول قويمايدۇ؟ مېنىڭچە، بۇنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ بىر ھاكىممۇتلەق دۆلەت بولغانلىقىدىنلا ئىبارەت. خىتايدا يەنىلا خىتاي كومپارتىيەسى داۋاملىق ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. گەرچە، خىتاي ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىن كېيىن كۆپ ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كومپارتىيەسى يەنىلا ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا. ئەپسۇسكى، شى جىنپىڭ 2011-يىلى باش كۆتۈرگەندىن كېيىن، خىتاي تېخىمۇ يېپىق شەكىلدىكى دىكتاتور دۆلەتكە قەدەم قويدى. بىر ھېسابتا، خىتاي ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىگە قاراپ چېكىنمەكتە. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ھازىر ماۋ زېدوڭ دەۋرىدە يۈز بەرگەن بەزى ۋەھشىي ئىشلارنى ھەتتا مۇزاكىرە قىلىشقىمۇ يول قويمايدۇ، مەسىلەن، مەدەنىيەت ئىنقىلابى ۋە چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش دېگەن تېمىلارنى. ئۇلار بۇنى تارىخىي نېئولىزم دەپ ئاتايدۇ. چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەشتە يۈز بەرگەن ئاچارچىلىقتا 30-40 مىليون ئادەم ئۆلگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ماۋ كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇلارنى مۇنازىرە قىلغىلى بولمايدۇ. ئېنىقكى، تيەنئەنمېن ۋەقەسى توغرىسىدىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. شۇڭا بىز چوقۇم بۇ مەسىلىلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىشىمىز كېرەك. مانا بۇ بىزنىڭ رولىمىز.

ئالىم سېيتوف: سىز ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى نۇتقىڭىزدا «شىنجاڭ» دېگەن سۆزنى ئەمەس، بەلكى «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن سۆزنى ئالاھىدە تەكىتلىدىڭىز. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟

كارىل گېرىشمەن: بىز «شىنجاڭ» دېگەن بۇ نامنى خىتاي 1949-يىلى بېسىۋېلىپ ئۆزىگە قوشۇۋالغان بۇ تېررىتورىيەگە قويغانلىقىنى بىلىمىز. بۇ، خىتاي مەجبۇرىي تاڭغان بىر ئىسىم. ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان»، يەنى بۈگۈنكى خىتاينىڭ قولىدىكى بۇ زېمىن ئوتتۇرا ئاسىياغا تەۋە. بۇ يەردىكى رېئال مەسىلە بولسا، بۇ ناھايىتى بىر مۈشكۈل مەسىلە بولغانلىقى ئۈچۈن مەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلەيمەن دەپ قارىمايمەن. يەنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى قانداق بولىدۇ؟ سىز بىلىسىز، تىبەت مەسىلىسىدە بولسا دالاي لامانىڭ ئوتتۇرا يول ئۇسلۇبى بار. ئۇ ئاپتونومىيەنى تەلەپ قىلىدۇ. مېنىڭ شەخسىي قارىشىم بولسا، ئەگەر سىزنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ھوقۇقلىرىڭىز ھەم دىنىي سالاھىيىتىڭىز كاپالەتلىك قىلىنغان ھەقىقىي ئاپتونومىيەگە ئېرىشسىڭىز، بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇ مۇستەقىللىق ۋە دۆلەت ئۈچۈن كۈرەش قىلغاندىن مۇھىمدۇر. ئېنىقكى، دالاي لاما تىبەت ئۈچۈن مانا مۇشۇ مەيداندا تۇردى. ئۇيغۇرلاردا بۇ توغرىسىدا پىكىر ئوخشىماسلىقى مەۋجۇت. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشى ناھايىتى مۇھىم. ئەمما ھازىرقى مەسىلە بولسا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك. چۈنكى، بېيجىڭدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ سالاھىتىنى، بولۇپمۇ دىنىنى ۋە تىلىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنماقتا. بۇ يەردە خىتاينىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقىنى بولسا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدۇر. شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى تەسۋىرلەيدىغان يەنە بىر ئاتىلىش بولسا دەۋر ھالقىغان قىرغىنچىلىقتۇر. دەۋر ھالقىغان قىرغىنچىلىق دېگەن نېمە؟ خوش، مەن بۇ توغرىسىدا كۆپ ئويلاندىم. سىز بۈگۈن خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قىلىۋاتقىنىنى ئويلاپ باقسىڭىز، بۇنىڭ كېلىپ چىقىشى 2009‏-يىلى 5-ئىيۇلدا يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مانا بۇنىڭغىمۇ 10 يىل بولدى. ئۇ ۋەقە خىتاينى قاتتىق چۆچۈتتى. تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىمۇ بېيجىڭنى چۆچۈتكەن. شۇڭا ئۇلار ئۇيغۇر ھەرىكىتىنى كەڭ كۆلەمدە باستۇرۇشنى قارار قىلىپ، بىڭتۇەن ئارقىلىق كونترول سىستېمىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن. ھازىر بىخەتەرلىك رولى كۈچەيتىلگەن بىڭتۇەن دېگەن بۇ كونا تەشكىلات خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە يەرلىشىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە، قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى بار. ئۇلار نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە جەڭ سۇپىسى ئارقىلىق بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى، كۆز قارىچۇقى، ئاۋاز ئەۋرىشكىلىرى، DNA لىرىنى يىغىپ، ھەممە ئۇيغۇرنىڭ كەينىدىن ئىز قوغلاپ تاپىدۇ ۋە ياكى ئۇزۇن ساقال قويغان يا ياغلىق ئارتقان مۇسۇلمانلار كۆزىگە سادىق ئەمەس گۇمانلىق دەپ كۆرۈنىدۇ. ئۇلار يەنە جازا لاگېرى ياكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى قۇردى، ئەمما بىز ئۇلارنىڭ ئىچىدە قانچە ئادەمنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى يېقىنقى بىر-ئىككى يىل ئىچىدە ياسالدى. بۇلار ئادەملەرنى مانا مۇشۇ نازارەت سىستېمىسى ئارقىلىق تونۇپ لاگېرلارغا سولىماقتا. بۇ بەكلا خەتەرلىك. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇلارنىڭ يەنە «قوشماق تۇغقان» پروگراممىسى بولۇپ، ئۇلار بىر مىليوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسىنى يۇيۇش ۋە ئۇچۇر يىغىش ئۈچۈن ئۆيلىرىگە ئەۋەتكەن. ئەگەر ئۇلار بارغان ئۆيلەردە غەيرىي دەپ قارالغان ئۇچۇرغا ئىگە بولسا، ئۆيدىكىلەرنىمۇ لاگېرغا ئەۋەتىۋېتىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھازىرقى زامان تېخنىلوگىيەنى ئاساس قىلغان كەڭ كۆلەملىك پروگراممىسى بار. بۇلار ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ناتسىستلار ئوتتۇرا ياۋروپادىكى يەھۇدىيلارنى ئوق ۋە زەھەرلىك گاز بىلەن تېز سۈرئەتتە جىسمانىي جەھەتتىن تەلتۆكۈس يوقاتقاندەك ھەرىكەت ئېلىپ بارمايۋاتىدۇ.

ئالىم سېيتوف: سىزنىڭچە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغىمۇ مۇشۇنداق كۈنلەر كېلەرمۇ؟

كارىل گېرىشمەن: مەن ھازىرچە بۇنداق بولمايدۇ دەپ قارايمەن. مېنىڭچە ئۇلارنىڭ باشقىچە پروگراممىسى بار. مەن ئۇلارنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقىنىنى دەۋردىن ھالقىغان قىرغىنچىلىق دەپ ئاتايمەن. بۇنىڭ مەنىسى نېمە؟ بۇنىڭ مەنىسى ھازىرقى زامان تېخنولوگىيە قوراللىرى ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ئارقىلىق بىر مىللەتنىڭ مۇستەقىل سالاھىيىتى ئۆچۈرۈپ تاشلاش ۋە بىر مىللەتنى يوقىتىش، شۇنداقلا بىر مەدەنىيەتنىڭ نەپىسىنى بوغۇشتىن ئىبارەت.

ئالىم سېيتوف: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا سولىشىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتى نېمە؟

كارىل گېرىشمەن: مەن دەۋر ھالقىغان قىرغىنچىلىق دېگەن ئىبارىدىن سىرت، يەنە قىرغىنچىلىق دېگەن سۆزنى ئىشلەتتىم. بۇ مەنلا ئىشلەتكەن ئىبارە ئەمەس. بۇنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى بولسا ئۇيغۇرنىڭ سالاھىيىتى، تىلىنى ۋە دىنىنى يوقىتىش. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر خەلقىنى بىر خىل ئاسسىمىلياتسىيە بىلەن يوقىتىش. جىسمانىي قىرغىنچىلىق ئەمەس. ئۇ يەرگە بارامدۇ يوق بىلمەيمەن، ئەمما بەكلا خەتەرلىك. بۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى بىلەن ناتسىستلارنىڭ قىلغىنىنىڭ بىر پەرقى بولسا ئۇلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت رامكىسى بار. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار دەرھال يوقىتىش ئېلىپ بارمايۋاتىدۇ. ئۇلار 20-30 يىل ئىچىدە تۈگىتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. يەنە كونترول سىستېمىسىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. بۇ بەكلا خەتەرلىك. مەن دۇنيا بۇ توغرىسىدا سۆزلىشى كېرەك دەپ ھېس قىلىمەن. يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن «ھەرگىزمۇ بولماس» دېگەن شوئار ئوتتۇرىغا چىققانىدى. ئەمما ھازىر شۇنىڭغا ئوخشاش ئىش يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇ بىر جىسمانىي قىرغىنچىلىق بولمىسىمۇ، نۇرغۇن ئادەملەر ئۆلۈۋاتىدۇ. بىز بۇنى بىلىمىز. بۇ بىر خەلقنى جىسمانىي جەھەتتىن قىرىش بولمىسىمۇ، ئۇ بىر خەلقنى يوقىتىشتىن ئىبارەت. دۇنيا مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭغا قارشى جاراڭلىق سادا چىقىرىشى كېرەك.

ئالىم سېيتوف: ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىدىن باشقا دۆلەتلەر، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بۇ مەسىلىگە كەلگەندە ناھايىتى سۈكۈتتە بولدى. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋەلىئەھد شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سالمان بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسىتىنى قوللىدى. پاكىستاننىڭ باش مىنىستىرى ئىمران خان ئوخشاش بولمىغان ئىككى مەتبۇئات ئۇنىڭدىن لاگېر مەسىلىسىنى سورىغىنىدا ئۇ بىلمەسكە سېلىۋالدى. مالايسىيا ۋە ھىندونېزىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا دۆلەتلەر رەسمىي شەكىلدە بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمىدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى مارت ئېيىدا بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى خىتايغا بىلدۈردى. ئەمما ئەردوغان شى جىنپىڭ بىلەن 2-ئىيۇل كۈنى بېيجىڭدا كۆرۈشكىنىدە ئۇ خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە خىتاي بىلەن ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار سېتىلغاندەك ھېس قىلدى. شۇڭا سىز بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟

كارىل گېرىشمەن: مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ سۈكۈتى بىر شەرەپسىزلىك. بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەر خىل. سەئۇدى ئەرەبىستاننى مىسالغا ئالساق. ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن ئورتاق مەنپەئەتى بار. يەنى، ئۇلار ئۆزىگە قارشى تۇرغان ياكى ئۆزىنىڭ كونتروللۇقىدا بولمىغان ھەر قانداق بىر ئادەمنى ئاپتوماتىك ھالدا تېررورچى دەپ ئاتايدۇ، شۇڭا خىتاينى قوللايدۇ. پاكىستان بولسا بىر بەلۋاغ بىر يولغا تايىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستانغا مىلياردلىغان دوللار قىممىتىدىكى مەبلەغ سالدى. نۇرغۇن ئادەملەر ھەتتا خىتاي پاكىستاننى كونترول قىلىدۇ دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇلار جىم تۇرۇۋالىدۇ. نۇرغۇن دۆلەتلەرمۇ مۇشۇنداق. تۈركىيەنى مىسالغا ئالساق ئۇ يەردە فېۋرال ياكى مارت ئېيىدا ئازراق سادا چىقتى. ئۇلار تۈركىيەدە تونۇلغان ئۇيغۇر سەنئەتكار ئابدۇرېھىم ھېيتنى ئۆلدى دەپ قاراپ نارازىلىق بىلدۈردى. شۇڭا ئۇلارنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خالىمىسىمۇ بۇ توغرىسىدا بىرنېمە دېدى. ئەمدى ئەردوغان كەينىگە يېنىۋالدى. ئۇ ئىلگىرى «قىرغىنچىلىق» دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتكەنىدى. ئەمما ھازىر يېنىۋالدى. مېنىڭچە مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ سۈكۈتى بولسا بىر نومۇسسىز كرىزىستۇر. مېنىڭچە بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. بۇ ئاساسىي قاتلامدىن كېلىشى كېرەك. ھازىر بۇ ھۆكۈمەتلەردىن سادا چىقمايدۇ. ئۇلارنىڭمۇ قولى قانغا بويالغان، چۈنكى ئۇلار دىكتاتور دۆلەتلەردۇر. ئۇلار ئۆزىمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى دەپسەندە قىلغانلىقى ئۈچۈن يەنە بىر دىكتاتورغا بىرنېمە دېيەلمەيدۇ. مېنىڭ ئۈمىدىم بولسا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بولغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى قاتارلىق ھۆكۈمەت سىرتىدىكى تەشكىلاتلار، شۇنداقلا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىنى كۆتۈرۈپ چىقىشى ۋە قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. چۈنكى، ھازىر بولۇۋاتقان ئىشلار ناھايىتى قاباھەتلىك. مېنىڭ يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا مۇھىم كىتاب يازغان، ئەمما يېقىندا ۋاپات بولغان بىر دوستۇم بار. بۇ كىتابنىڭ ئىسمى «قاباھەتلىك مەخپىيەتلىك» تۇر، چۈنكى يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەندە ئۇنىڭ توغرىسىدا كۆپ مەلۇمات يوق ئىدى. ئۇلار يوشۇرالىغان. ئەمما ئۇچۇرلار ئاشكارا بولۇشقا باشلىغان. شۇنداق بولسىمۇ ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمەتلىرى پۈتۈن زېھنىنى ئۇرۇشقا بەرگەن. ئۇلار بۇنداق ۋەھشىي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە سەل قاراپ، ھېچ ھەرىكەت ئېلىپ بارمىغان. ئەمما بۈگۈن بىز نېمە بولۇۋاتقىنىنى بىلىمىز. دۇنيا بۇنى بىلىدۇ. ئىنسانلار ئاۋازىنى چىقىرىشى كېرەك. مېنىڭچە يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن بېرىلگەن «ھەرگىزمۇ بولماس» دېگەن ۋەدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوللايدىغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەھدىت ئاستىدىكى مەۋجۇدىيىتىنى قولغا كەلتۈرىدىغان بىر جاراڭلىق سادا بولۇشى كېرەك.

ئالىم سېيتوف: ئۇيغۇرلارنىڭ قاباھەتلىك ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈنۈپ نۇرغۇن باياناتلار ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما يا ب د ت يا غەرب ئەللىرى بۇنىڭغا قارشى بىر ئەمەلىي ھەرىكەت ئېلىپ بارمىدى. نۇرغۇن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە تەتقىقاتچىلار، بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا تېخىمۇ كۆپ رىغبەت بېرىدۇ دەپ قارىماقتا .

كارىل گېرىشمەن: مېنىڭچە بۇنداق قاراش توغرا. ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھالى بوش. خىتاي بولسا ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ بىر ئەزاسى. شۇڭا ب د ت نىڭ خىتايغا قارشى سۆز قىلىشى ۋە تەسىر كۆرسىتىشى تەسرەك. بۇنى كۆتۈرۈپ چىقىشنىڭ بىردىن-بىر ئۇسۇلى بولسا ۋىجدانى بار، كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىنسانلاردۇر. بۇ، ئۇيغۇرلار دېگىنىم ئەمەس. بۇنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىنسانلار كۈچلۈك شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. بۇ ناھايىتى مۈشكۈل بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى قەتئىي نىيەتكە كەلگەن. ئامېرىكا پرېزىدېنتى رونالد رېگان ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنى قۇرغان نۇتقىدا ئىستىبدات ھاكىمىيەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنىڭ يوقلۇقى ۋە ئۇلارنى ھېچكىم سايلىمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار تەبىئىتىدىن مۇقىم ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. بىز بېيجىڭدىكى بۇ ھاكىمىيەتنى شۇ يەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ دەپ پەرەز قىلماسلىقىمىز كېرەك. بىز ئۈمىدىمىزنى ئۈزمەي كۈرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

ئالىم سېيتوف: خىتاي ھۆكۈمىتى دولقۇن ئەيسانى «تېررورىست» دەپ قارىلاپ، ئۇنى خەلقئارالىق ساقچىنىڭ قىزىل تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى «تېررورىست تەشكىلاتلار» بىلەن باغلىنىشى بار دەپ قارىلاپ كەلدى. سىزنىڭچە بۇ قارىلاشلار توغرىمۇ؟

كارىل گېرىشمەن: قاراڭ! خىتاينىڭ نەزىرىدە كىم بىر مۇسۇلمان بولسا شۇ تېررورىست دەپ قارىلىدۇ. سىز ئۇيغۇر بولسىڭىز سىز تېررورىست. ئۇلار بۇ ئاتىلىشنى ئۆزى كونترول قىلالمىغان ياكى باشقىچە سالاھىيىتى بولغان ھەر قانداق ئادەمگە قارىتا ئىشلىتىدۇ. ئۇلار ئىندىۋىدۇئال ھوقۇققا ۋە ئەركىنلىككە ئىشەنمەيدۇ. ئېنىقكى، ئۇلار تېررورىزمنى باھانە قىلىپ ئۆزىنىڭ قىلمىشىنى قانۇنلاشتۇرۇش ۋە ھەقلىق قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئەلۋەتتە، سەئۇدى ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش ھۆكۈمەتلەر ئۇنى قوللايدۇ، چۈنكى ئۇلار تېررورىزمنى باھانە قىلىپ باشقىلارنى قارىلاپ ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنى يۇيىدۇ. بىز بۇ مەسىلىدە خىتايغا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. 1970-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن سولژېنىتسېن نۇتقىدا «زوراۋانلىق يالغانچىلىققا تايىنىدۇ. زوراۋانلىقنىڭ يالغانچىلىق بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بار» دېگەنىدى.

شۇڭا يالغانچىلىق زوراۋانلىققا يول ئېچىپ بېرىدۇ. سىز چوقۇم يالغانچىلىق ئۈستىدىن غالىپ چىقىشىڭىز كېرەك.

مانا ئەمدى بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ رەزىل قىلمىشىنى يالغانچىلىققا تايىنىپ يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بۇ يەردىكى ئەڭ چوڭ يالغانچىلىق بولسا كىمكى ئۇيغۇر بولسا ۋە ئۇيغۇر بولۇشنى خالاپ ئۆزىنىڭ تىلىدا سۆزلەشنى، دىنىغا ئېتىقاد قىلىشنى، شۇنداقلا ئىستىبدات ھۆكۈمەت مەجبۇرلىغان سالاھىيەتتىن باشقا سالاھىيەتنى ساقلاپ قالىمەن دېسە شۇ ئادەمنى تېررورىست دەپ قاراشتىن ئىبارەت. مېنىڭ دېگىنىم، مېنىڭ كۆز-قارىشىم ئوخشاش بولمىسىلا مەن تېررورىست بولۇپ قالمايمەن. بىز ئامېرىكىدا ئەركىنلىككە ۋە كۆپ-تەرەپلىمىلىككە ئىشىنىمىز. بىز ئادەملەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان سالاھىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. سىز باشقىلارغا ئوخشاش بولمىسىڭىزلا تېررورىست بولۇپ قالمايسىز. شۇڭا بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنياغا مۇناسىۋەتلىك. خىتاي دېگەن بىر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت. ئۆزىنىڭ تەسىرىنى دۇنيادا كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئۇ نازارەت دۆلىتى پروگراممىسىنى شەرقىي تۈركىستاندىلا يۈرگۈزۈپ قالماي، يەنە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرى ۋە باشقا دۆلەتلەردە يۈرگۈزۈشى مۇمكىن. دۇنيا بۇنى چۈشىنىشى كېرەك ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشى كېرەك. چۈنكى خىتاي ھەممىمىزنىڭ ئەركىنلىكىگە دەخلى قىلىۋاتىدۇ.

ئالىم سېيتوف: سىزنىڭ ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىغا ھۆرمىتى چوڭقۇر بولغان ۋە سىلەرگە تەشەككۈر بىلدۈرىدىغان ئۇيغۇر خەلقىگە دەيدىغان قانداق سۆزىڭىز بار؟

كارىل گېرىشمەن: مېنىڭ ئۇلارغا دەيدىغان سۆزۈم بولسا مېنىڭ 6-ئىيۇن كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىدا دېگەن سۆزۈم بىلەن ئوخشاش. يەنى، ئۈمىدىڭلارنى ئۈزمەڭلار! بۈگۈنكى ۋەزىيەت قانچىلىك مۈشكۈل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر! ، يەنى مەن ئۇنىڭ قانچىلىك مۈشكۈل ۋە قاباھەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، ئەمما ئۇلار يالغۇز ئەمەس. ئۇلار يەنە كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. رونالد رېگان بارلىق ئىستىبدات ھاكىمىيەتلەرگە ئوخشاش ماركسىزم ۋە لېنىنىزمنىڭمۇ تارىخنىڭ ئەخلەتخانىسىغا ھامان كىرىپ كېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. چۈنكى، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ئورنى يوق، خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلمىگەن ۋە سايلانغان ئەمەس. بۇ بىر جاپالىق كۈرەش. ھازىرقى خىتاي ھۆكۈمىتى بىر ھاكىممۇتلەق ھاكىمىيەت. شۇڭا ئۇنىمۇ تارىخنىڭ ئەخلەتخانىسىغا كىرمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ. ھازىر مۇھىمى ئۇيغۇرلار ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك، چۈنكى خىتاي ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت قىلىۋاتىدۇ. بۇ ناھايىتى مۈشكۈل كۈرەش. بىز ھەرگىزمۇ خام-خىيالدا بولماسلىقىمىز كېرەك. ئەمما بىز ھەرگىزمۇ ئۈمىدنى ئۈزمەسلىكىمىز كېرەك.