ئالىم سېيتوفنىڭ كارل گېرشمان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى
2021.12.06

ئالىم سېيتوف: دېمەك، گېرشمان ئەپەندى, سىز NED دا ئوتتۇز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىشلەپ كەلدىڭىز. سىز ئەمەلىيەتتە دۆلەتلىك دېموكراتىيە فوندىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولىسىز. سىز NED دا ئىشلەپ، مۇنەۋۋەر ھايات ۋە نەتىجە قازانغان ئوتتۇز يىلدىن كۆپرەك ۋاقتىڭىزدا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار، خىتايلار ۋە باشقىلارنىڭ دېموكراتىيەسىنى تەشۋىق قىلىشقا ياردەملەشتىڭىز. بۈگۈن تەشكىلاتىڭىز مەبلەغ سېلىپ قوللىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى پېنسىيەگە چىققىنىڭىزنى تەبرىكلىدى. ئۇنداقتا، ئەمدى، قانداق دېسەم بولار؟ شۇ ئۆزىڭىز دەسلەپتە قوللىغان تەشكىلاتلارغا قانداق قارايدىغانسىز؟ سىز نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى قوللاشنى قارار قىلغانسىز؟
كارل گېرشمان: بىلىسىزكى، بىز ئەڭ باشتا، «قىرغىنچىلىق» دەپ ھۆكۈم چىقماستا بىز ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ ئىچىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بىر مىللەت، ئاز سانلىق مىللەت ئەمەس، بەلكى بىر مىللەت، دەپ قارىدۇق. مەن ئوخشىمىغان قەتلىئام، ھەرىكەتلەر ۋە قوزغىلاڭلار توغرىلىق ئۆگىنىشكە باشلىدىم. مەن قانچە كۆپ ئۆگەنگەنسېرى ۋە ئادەملەر بىلەن تونۇشقانسېرى، كۈرەشكە شۇنچە سادىق بولۇپ قالغان ئىدىم، ھەم ۋەزىيەتنىڭ ناچارلىشىپ كەتكىنىمۇ كۆردۈم. 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى قوزغىلىڭىدىن كېيىن، مەن بىر پارچە ماقالە يازغانىدىم. ۋەزىيەتنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. ھازىر ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتكەن. ئەمما مەن بۈگۈنكى نۇتقۇمدا دېگىنىمدەك، ئۈمىد بار، دەپ قارايمەن. يەھۇدىيلارغا بولغان قىرغىنچىلىقتا يەھۇدىي خەلقىگە بولغان ئىشلارغا ئوخشىمىغان يېرى شۇكى، ئۇنى ھېچكىم بىلمەيتتى. ئەمما ھەر قانداق ئادەملەر ھازىر نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇيغۇر ۋەزىيىتى خەلقئارا قانۇن ۋە قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىگە ئاساسەن، «قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى» دىكى «باشقا بىر مىللەتكە يوقىتىش نىيىتى بىلەن قارشى ھەرىكەت قىلىش» ئېنىقلىمىسى بويىچە «قىرغىنچىلىق» دەپ قارىلىدۇ. ئۇلار شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. ھەتتا مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە تۇغۇشنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىش، بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنى يوقىتىشىنىڭ بىر ئامىلى. دۇنيا خەلقى ھېچبولمىغاندا ئۇيغۇرلارنى قوغداپ، بۇ ئىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. شۇنداق قىلىپ، ماڭا ئۇيغۇرلارنى قوللىماي ئامال يوق ئىدى. ياردەم قىلىشىم مېنىڭ بىردىنبىر قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم ئىدى.
ئالىم سېيتوف: ئەمدى، ئەلۋەتتە ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىڭىزنىڭ شۇنداقلا NED نىڭ قوللىشىغا تولىمۇ مىننەتدار. بۈگۈن ئۇلار شۇ مىننەتدارلىقنى بىلدۈردى. ئەمما بۇ دېگەن بەشىنچى يىلىغا قەدەم تەشرىپ قىلغان بىر قىرغىنچىلىق، ئېنىقكى، بۇ توختاپ قالمىدى. ئۇنداقتا، سىز ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا يېتەرلىك ئىش قىلغان، دەپ قارامسىز؟
كارل گېرىشمان؛ بۇ، كۈرەشنىڭ باشلىنىشى خالاس. يېتەرلىك ئىش قىلىنمىدى، ئەلۋەتتە. پاكىت شۇكى، ئىككى ئايدىن كېيىن قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى بۇ قىرغىنچىلىقنى سادىر قىلغۇچى بولغان ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت پايتەختى بولغان بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. ئەممە ئېتىراز بىلدۈرۈلىدۇ. بۇنى باشقۇرۇرش بېيجىڭغا ئاسان چۈشمەيدۇ. ئېتىرازلار بولىدۇ ۋە ئولىمپىك مۇسابىقىسى تۈگىگەندىن كېيىن كۈرەش داۋام قىلىدۇ. مەنچە بىزدە بەك كۆپ. بىز ئۇيغۇر دوستلىرىمىز بىلەن مۇزاكىرىلاشتۇق، بۇلارنىڭ نېمە قىلىش كېرەكلىكى توغرىلىق نۇرغۇن ئوي-پىكىرلىرى بار. بىز پەقەت غەربتىلا ئەمەس، بەلكى مۇسۇلمان دۇنياسىدىمۇ قوللاش ئورنىتىشىمىز كېرەك، دەپ قارايمەن. مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى سۈكۈتنى توختىشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن. بۇ، بۈگۈنكى دۇنيادىكى بىر مۇسۇلمان خەلقى ئۇچرىغان ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىك ھېسابلىنىدۇ. مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتە گەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلىشى كېرەك ھەمدە گەپ قىلىش غەربلىكلەردىن ئەمەس، بەلكى مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن چاقىرىلىشى كېرەك. دېمەك، مېنىڭچە دۇنياۋى خاراكتېرلىك مۇسۇلمانلار تورى قۇرۇشىمىز دۇنيادا ئۇيغۇرلارغا قوللاش ئورنىتىشتا رول ئوينايدۇ.
ئالىم سېيتوف: ئەلۋەتتە، سىزنىڭ باشچىلىقىڭىزدا NED ئۇيغۇرلار شۇنداقلا خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مىللەتلەر ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغان. ئۇيغۇر خەلقى ئۇچراۋاتقان بۇ داۋاملىشىۋاتقان قىرغىنچىلىقتىن قارايدىغان بولساق، سىزنىڭچە NED ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىنستىتۇتلار يەنە نېمىلەرنى قىلالايدىغاندۇ؟
كارل گېرىشمان: دېمەك، بۇ كۆپ، NED نىڭ تەشكىلاتلارغا مەبلەغ سېلىشتىن باشقا قىلالايدىغان ئىشى شۇكى، بىز مۇناسىۋەت ئورنىتالايمىز. بىز تەشكىلاتلارنى ئۆزئارا تونۇشتۇرالايمىز. بۇ ھەقىقەتەنمۇ بۇ ئىشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى تۈرتكىسىنىڭ بىرى. «مۇسۇلمان قىرغىنچىلىققا قارشى تورى»، ئەنە شۇ قىرغىنچىلىىققا قارشى مۇسۇلمانلارنىڭ تورىدۇر. بىز ئۇلارنى پۈتۈن دۇنيادىكى تورلار ۋە IPAC تەك پارلامېنتلار ئارا تورلارغا تونۇشتۇرالايمىز. قوللاش ئورنىتىشتا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار كۆپتۈر. بۇنداق ئىشلار ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە يەنى يەھۇدىيلارغا قارىتا چوڭ قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەن ۋاقىتتا بولمىغانىدى، ئەمما ھازىر بۇ بولىدۇ، ھەم تېخىمۇ ئىش قىلىشىمىز لازىم. بۇ پەقەت ۋە پەقەت بىر ھەرىكەت ھاسىل قىلىشتىنلا ئىبارەت، خالاس.
ئالىم سېيتوف: شۇنداق. سىز بۈگۈن پېنسىيەگە چىقىپ، پېنسىيەگە چىققىنىڭىز تەبرىكلىنىۋاتقان بىلەن، ئەمما سىز ھېرىپ كەتمىدىڭىز. سىز بىر جەڭچى، بىر كىشىلىڭ ھوقۇق پائالىيەتچىسى. سىز ئىنتايىن كۆپ ئىشلارنى قىلىپ كەلدىڭىز ۋە خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى پاش قىلىشقا ماقالىمۇ يازدىڭىز. ئەمدى، سىز تەسىر كۈچىڭىز بىلەن مۇناسىۋىتىڭىزنى ئۇيغۇر خەلقىگە ياردەم قىلىشقا داۋاملىق ئىشلىتىپ تۇرامسىز؟
كارل گېرشمان: نېمە قىلالىسام، شۇنى قىلىمەن. مەن ياردەم قىلىشقا تەييار. NED نىڭ يېڭى پرېزىدېنتى بار، بۇ ناھايىتى ياخشى بولدى. ئۆتكۈنچى مەزگىلنى ناھايىتى ياخشى ئۆتكۈزدۇق. ئەمما مەن يەنىلار بار. مېنىڭ ئوي-پىكىرلىرىم بار. مەن باشقا كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ئىشلەيمەن. ھەمدە مېنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىدا ئالاھىدە مەجبۇرىيىتىم بار. ئۇيغۇر دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى بىلەن ئىشلىشىمگە كۆزۈم تۆت. بۈگۈن كەچ ئۇلارنىڭ كۆپ بىر قىسمى بۇ يەرگە كەلدى. شۇلارنىڭ ئىچىدە سىزمۇ بار.
ئالىم سېيتوف: مەنچە بۇلار دائىم، ئەتىمۇ سىزدىن ئوي-پىكىر سورايدۇ، يېڭى ئوي-پىكىر ئېلىپ. «كارل، بىزگە ياردەم قىلىڭە»، دەپ. مەنچە بۇلار چوقۇم شۇنداق قىلىدۇ. سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت. پېنسىيەگە چىققىنىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! بۇندىن كېيىن چوقۇم ئالاقىمىز بولىدۇ.
كارل گېرشمان: سىزگە كۆپ رەھمەت ئالىم.
ئالىم سېيتوف: رەھمەت سىزگە، مىننەتدارمەن.