CECC دوكلاتى: «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى نۆۋەتتىكى خىزمىتىمىزنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىدىن بىرى»
2024.12.27

خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئەۋجىگە چىقىرىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش ئالدىنقى يىللاردىكىگە ئوخشاشلا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» (CECC) نىڭ 2024-يىللىق دوكلاتىدا ئالاھىدە ئورۇن ئالدى. 315 بەتلىك زور ھەجىملىك بۇ دوكلاتتا خىتايدىكى پۇقراۋى ئەركىنلىك مەسىلىسى، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، خىتاي بولمىغان خەلقلەر دۇچ كېلىۋاتقان كەمسىتىش ۋە دەپسەندىچىلىكلەر قاتارلىق چوڭ تېمىلار قاتارىدا ئۇيغۇر ئېلىگە مەخسۇس بىر باب ئاجرىتىلغان.
«دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئىزچىل يوقىلىش باسقۇچىدا»
دوكلاتنىڭ بېشىدا مەزكۇر كومىتېتنىڭ قوشما رەئىسلىرىدىن ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىس (Chris Smith) ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركېلىي (Jeffrey A. Merkley) بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ، «2024-يىللىق دوكلات خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى (خ خ ج) ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىغا، جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك بەدىلىگە مېڭىۋاتقان تەمىنلەش زەنجىرىگە مەركەزلەشتى. ھازىر ئامېرىكا خەلقى ۋە غەرب ئىستېمالچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى جىنايەتلىرىگە شېرىك بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇلار نۆۋەتتىكى خىزمەتلىرىمىزنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىدىن بولۇپ قالماقتا» دېيىلگەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دەپسەندە قىلىۋاتقان ئەڭ زور ھەقلەردىن بىرى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بولۇپ، بۇ ھال ئۇلارنىڭ نەچچە ئون يىللىق دىن ۋە مىللەتلەر سىياسىتى بىلەن پاراللېل چىقىدىكەن. بۇنىڭدا «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» شوئارى ئاستىدا دىنىي ئېتىقادتىكى پىرىنسىپاللىق مەزمۇنلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىگە ماسلاشتۇرۇلغان. جۈملىدىن ئىسلام دىنىنىڭ تۈپ ئەقىدىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاھىشلىرىغا ماس ھالدا قايتىدىن قۇراشتۇرۇپ چىقىلغان، شۇنىڭدەك ئىسلام دۇنياسى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان دىنىي ئېتىقاد مەزمۇنلىرىنىڭ ئورنىغا خىتاي مەدەنىيىتىگە خاس مەزمۇنلار دەسسىتىلگەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي كىملىكىنى ئىپادىلەش ئىمكانىيەتلىرى بىراقلا كېسىپ تاشلانغان. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق كىملىكى» چۈشەنچىسى ئەنە شۇ يوسۇندا خىتاي مەدەنىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش شەكلىدە ھەممىلا ساھەگە سىڭىپ كىرىشكە باشلىغان. بۇ ھال خىتاي دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى پەن يۆ باش مۇھەررىرلىكىدە 2024-يىلى فېۋرالدا تۈزۈپ چىقىلغان «مىللەتلەر خىزمىتى» ئوقۇشلۇقىدا ئەڭ روشەن ئەكس ئەتكەن. مەزكۇر قوللانما خىتاي تەۋەسىدىكى بارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا «مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت پەرقىنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئورتاق بولغان جۇڭخۇا مىللىتى چۈشەنچىسىنى تۇرغۇزۇش» مەركىزىي تېما قىلىنغان. بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە نىشانى ئاشكارا ھالدا «مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتى» دەپ سۈپەتلەنگەن.
«نوپۇس كونتروللۇقى ۋە باستۇرۇش داۋام قىلماقتا»
خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن «نوپۇسنى كونترول قىلىش سىياسىتى» ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېڭى قاباھەتلەرگە يول ئاچقان بولۇپ، بۇ ھالمۇ 2024-يىللىق دوكلاتتا مەخسۇس بايان قىلىندى. خىتاي ھۆكۈمىتى 1980-يىللاردىن باشلاپ ئىجرا قىلىشقا كىرىشكەن «بىر پەرزەنتلىك بولۇش» تەك «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى» 2015-يىلىغا كەلگەندە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا يول قويۇلغان. 2021-يىلىغا كەلگەندە بۇ ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇشقا يۈكسەلدۈرۈلگەن. ئەمما 2016-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىغا تۇغۇتنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان «تاقىسىمان ئۈزۈك» نىڭ مەجبۇرىي يوسۇندا ئومۇميۈزلۈك سېلىنىشقا باشلىغانلىقى، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ بىر قاتار تۇغالماس قىلىۋېتىش چارىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى بولسا ئۇيغۇر نوپۇسىنى كۆپىيەلمەس قىلىۋېتىش ئارقىلىق ئۇلارنى يوقىتىش بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان. نەتىجىدە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى 50 پىرسەنتتىن كۆپرەك تۆۋەنلەپ كەتكەن. يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇر ئېلىدە ھۆكۈمەتنىڭ ئارقا تىرەك بولۇشىدا مەجبۇرىي يوسۇندا ئىجرا بولۇۋاتقان «ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي كۆچمەنلىرىگە ياتلىق بولۇشقا مەجبۇرلاش» قىلمىشلىرىمۇ بۇنىڭدا مۇھىم رول ئوينىغان. بۇ خىل قىلمىشلار دەل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى تەبىرلىرىگە تولۇقى بىلەن ماس كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنى «قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ مۇقىملاشتۇرغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش 2024-يىلىمۇ ئوخشاش كۆلەمدە داۋام قىلغان. جۈملىدىن شۇ يىلى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدىكى تۈرمىگە قامالغان مەھبۇسلار نىسبىتىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكىلەر 34 پىرسەنتنى تەشكىل قىلغان. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇسى پۈتكۈل خىتاي نوپۇسىنىڭ بىر پىرسەنتىگىمۇ يەتمەيدۇ. بۇ نىسبەت بويىچە بويىچە بولغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ قاماققا ئېلىنىشى خىتايلارغا سېلىشتۇرغاندا 47 ھەسسە يۇقىرى. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن 2023-يىلى ئۆكتەبىردە ب د ت غا ئەزا 51 دۆلەت قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە 2022-يىلى ئاۋغۇستتا ئېلان قىلغان دوكلات ۋە باشقا سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە قارىتىلغان باستۇرۇشقا خاتىمە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق ئۆزلىرىنىڭ «مۇقىملىقنى ساقلاش»، «ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدىكى باستۇرۇشلىرىنى ئىجرا قىلىپ كەلگەن. دوكلاتتا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى دەلىللىگەن بىر قاتار خەۋەرلەر ئاساسىدا تېخىچە قاماقتىن چىقالمىغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىدىن پىروفېسسور راھىلە داۋۇت، ئەركىن تەۋەككۈل، ئابدۇسەمەت روزى، گۈلشەن ئابباس قاتارلىق بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئىسىملىكى تىلغا ئېلىنىدۇ. شۇنىڭدەك مۇختەر نەسرىدىن، مەمەتتۇرسۇن ئىمىن، ھاشىم قۇربان قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
«مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كۆلىمى تېخىمۇ كېڭىيىشى مۇمكىن»
مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى بۇ يىلقى دوكلاتنىڭ مەركىزىي تېمىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، 2024-يىلىدا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشى ئىزچىل داۋام قىلغان. بۇنىڭدا ئۇيغۇر ياشلىرى «ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» شوئارى ئاستىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقايسى جايلارغا ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن. بۇ مەسىلىدىكى نوپۇزلۇق ئالىملاردىن دوكتور ئادرىيان زېنز بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىپ «بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ 2025-يىلى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە داۋام قىلىشىنى تەخمىن قىلىشقا بولىدۇ» دەپ خۇلاسە چىقارغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھادىسىسى ئەڭ گەۋدىلىك بولغان ساھەلەر ئالتۇن قېزىش، ئاليۇمىن كانلىرى ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ ئاليۇمىن زاپچاسلىرى، كۈنتاختا ئىشلەپچىقىرىشقا كېرەكلىك بولغان «كۆكتاش» پىششىقلاپ ئىشلەش، كېۋەزلىكتە پاختا يىغىش، ۋە شوخلا (پەمىدۇر) مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار بولغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئاللىقاچان ئۇيغۇر ئېلىدىن ھالقىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە كېڭىيىپ بولغان بولۇپ، بۇنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىلىرى ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ خىتاي بېلىقچىلىق ساھەسىدىكى ئەمگەكلىرىدە ئەكس ئەتكەن. خىتايلارنىڭ نەزەرىدە بىردەك «جاپالىق ۋە پاسكىنا» دەپ قارىلىدىغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ساھەسىگە ئۇيغۇر ئىشچىلار نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يۇرتلىرىدىن مەجبۇرىي يوسۇندا يۆتكەپ كېلىنگەن. «قانۇنسىز ئوكيان قۇرۇلۇشى»، «نيۇ-يوركلۇقلار»، «مۇھىت ئادالىتى فوند جەمئىيىتى» قاتارلىقلارنىڭ دوكلاتلىرى ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ بۇ ساھەدىكى «زامانىۋى قۇللۇق ئەمگىكى» نى خېلى تەپسىلىي بايان قىلىپ بەرگەن. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھادىسىسىنى «نامراتلىقنى تۈگىتىش چارىلىرى» دەپ پەردازلاپ كەلگەن.
دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ تاشقى سودىسىدىكى كىيىم-كېچەك، كۈنتاختا، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، كان مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن تۈرلەر دەل مۇشۇ خىل ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن باغلىنىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن غەرب دۇنياسىدىكى، جۈملىدىن ئامېرىكا تەۋەسىدىكى مىليونلىغان ئىستېمالچىلار ئۆزلىرىمۇ سەزمىگەن ھالدا خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايەتلىرىگە ۋاسىتىلىك ھالدا شېرىك بولۇپ قېلىشقا يۈزلەنگەن. يەنە كېلىپ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بازىرى خىتاينى مەنبە قىلغان تەمىنلەش زەنجىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن نۇرغۇن چەتئەل شىركەتلىرى «بىر كۆزىنى قىسىۋالغان» ھالدا بۇ سودىنى داۋام قىلىۋەرمەكتە. تېخىمۇ مۇھىمى، ئامېرىكا تەۋەسىدىكى كۆپلىگەن يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە باستۇرۇشقا بىۋاسىتە خىزمەت قىلىۋاتقان پەن-تېخنىكىلارنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىشقا تېخى ئۈزۈل-كېسىل چەك قويغىنى يوق.
«ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان پەيت كەلدى!»
«خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» نىڭ رەئىسلىرىدىن كرىستوفېر سىمىس دەل مۇشۇ دوكلاتنىڭ ئاخىرقى نۇسخىسى تەييارلىنىۋاتقاندا، يەنى 4-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر سەنئەت كۆرگەزمىسى» دە دەل مۇشۇ مەسىلىلەر ھەققىدە سۆز قىلغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا ئۇ بۇ ئاچچىق رېئاللىقنى كەسكىن تەنقىدلەپ مۇنداق دېگەن ئىدى:
«خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلارغا خاس مەدەنىيەت كىملىكىنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە قىرغىنچىلىقنىڭ يەنە بىر خىل ئىپادىلىنىش شەكلى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلارنى تۇغماسلىق ۋە ھامىلە چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلاپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنى غايەت زور دەرىجىدە كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ناتسىستلار گېرمانىيەسى پولەكلەر ۋە باشقا مىللەتلەرگە مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللانغانلىقى ئۈچۈن نيۇرېنبۇرگ سوتىدا بۇ قىلمىش ‹قىرغىنچىلىق› دەپ جاكارلانغان. ھازىر بولسا خىتاي كومپارتىيەسى بۇ ئىشنى ئەينەن تەكرارلاۋاتىدۇ. ب د ت نىڭ قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى تەبىرىگە قارايدىغان بولساق شى جىنپىڭنىڭ ئۇنىڭدىكى بەش چوڭ تۈرگە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. ھالبۇكى ستالىن ياكى ئادولف ھىتلېرغا ئوخشاش مۇشۇنداق بىر دىكتاتور APEC يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەندە كۆپلىگەن زەردارلىرىمىز ئۇنىڭغا باش ئۇرۇپ، سودا كېلىشىمى تۈزۈش ئۈچۈن قۇيرۇق شىپپاڭشىتىپ كېتىشتى. شۇلاردىن بىرەرسى شى جىنپىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىن قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتىمۇ؟ ياق! بۇ دىكتاتور ئىزچىل ئېكسپورت ۋاسىتىسىدە بېيىپ كەتكەن ئىدى. ئەمدى ئۇنىڭ ئېكسپورت يولىنى كېسىپ تاشلايدىغان ۋاقتىمىز كەلدى. شۇ ۋاقىتتا ئىقتىسادتىن لىڭشىپ قالغان شى جىنپىڭ ئاندىن ھوشىنى يىغىشى مۇمكىن. قىسقىسى، قۇرۇق گەپنىڭ جىق پايدىسى يوق، ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك. »
«خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» نىڭ دوكلاتى ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى رىچارد كاللېن (Richard Cullen) 26-دېكابىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن «كۈندىلىك خىتاي» گېزىتىنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسىدا ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلدى. زاكاز ئارقىلىق يېزىلغانلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتقان ئوبزور ماقالىسىدە ئۇ زورمۇزور «بۇ دوكلات پۈتۈنلەي ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى قىسماققا ئېلىشىغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن. ئۇنىڭدا دەلىل-ئىسپاتلار يېتەرلىك ئەمەس» دېگەننى تەرغىب قىلغان ھەمدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا دائىر تاغدەك ئىسپاتلارنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان.