چاغان بايرىمى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى خاراب قىلىشتىكى بىر ۋاسىتىسى بولماقتا
2025.01.29

ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي مەدەنىيەت بۆشۈكى بولغان قەشقەر شەھىرى ۋە مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان شەھەر، ناھىيە، يېزىلاردا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خىتاينىڭ 2025-يىللىق چاغان بايرىمى ھارپىسىدا ئاۋۋالقى يىللاردىكىدەك خىتايچە مەسنەۋى چاپلاش، پانۇس ئېسىش ئارقىلىق «يىلان يىلى» نى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى، ھەمدە ھەر خىل ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىپ، بىردەك «خۇشال-خۇراملىق» بىلەن چاغان بايرىمىنىڭ زور تەنتەنە بىلەن كۈتۈۋېلىنغانلىقى تەشۋىق قىلىنماقتا.
«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ «چاغان تەزكىرىسى» سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان ئۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋىرىدە، يېقىندىن بۇيان قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ چوڭ كوچىلىرىغا قىزىل مەسنەۋى ۋە ‹فۇ› يەنى ‹بەرىكەت، ئامەت› مەنىسىدىكى خەتلەر چاپلانغان زىننەت پانۇسلىرى ۋە بېزەك چىراغلىرىنىڭ ئېسىلىپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ كېچە-كۈندۈز چاغان بايراملىق كەيپىياتنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكى، چاغان ھارپىسىدىكى بۇ قاينام-تاشقىنلىق مەنزىرىنىڭ ساياھەتچىلەرنى كۈچلۈك جەلپ قىلغانلىقى ماختالغان.
دەرۋەقە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسىرلەر بويى تەبرىكلەپ كېلىۋاتقان مىللىي ۋە ئەنئەنىۋى دىنىي بايراملىرىغا ھەر خىل ئۇسسۇللار بىلەن چەكلىمە قويۇۋاتقان، مەسىلەن، روزا تۇتۇش، كوللېكتىپ ھېيتلاش، ناماز ئوقۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك بايرام ئادەتلىرىنى چەكلەۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە، خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولغان چاغاننى ئۇيغۇرلارغا «تەنتەنە» قىلدۇرۇشى، بۇ بايرامدا ئۇيغۇرلارغا خىتايچە ئەنئەنىۋى كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ، شىر ئۇسسۇلى، ياڭگىر، ئەجدىھا ئۇسسۇلى قاتارلىقلارنى ئوينىتىپ ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادىتى ۋە مەدەنىيەت-سەنئىتىنى ئەبجەشلەشتۈرۈشى دىققەت قوزغىماقتا.
نۆۋەتتە گېرمانىيەدە تۇرۇۋاتقان مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى پەنلىرىنىڭ دوكتورى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى رۇنې سىتېنبېرگ (Rune Stenberg) خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى تەبرىكلەش ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرگەندىن كېيىنكى قاراشلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئۇ، خىتاينىڭ چاغانلىق پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى سۈرەتلىك ۋە سىنلىق خەۋەرلىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە خىتايلارنىڭ «ئەبجەش» ئۇسۇلۇپتىكى ياسىنىش ۋە كىيىنىشلىرى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى توختىلىپ ئۆتتى.
«شىنخۇا خەۋەرلەر تورى» نىڭ 23-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە چاغان ھارپىسىدىكى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى «دۇمباق چېلىپ، ئەجدىھا ئۇسسۇل ئويناش» نامىدا «تەنتەنە» قىلىنغان. خەۋەردە ھەتتا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيىپ پائالىيەتكە قاتنىشىشى، ئۇيغۇر قاتارلىق رايوندىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ خىتايچە ئەنئەنىۋى ئۇسۇلۇپتا كىيىنىپ، خىتاينىڭ دۇمباق ئۇسۇلى، ئەجدىھا ئوينىتىش ئۇسۇللىرىنى ئوينىشى دىققەت تارتسا، خىتاي ئەپسانە-رىۋايەتلىرىدىكى بىر يۈرۈش پېرسوناژلارنىڭ «قايتا جانلىنىپ» بۇ پائالىيەتلەردە كەڭ ئورۇن ئېلىشىمۇ ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ.
ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكادىكى روس-خۇلمان تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى تىمۇسىي گروس بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قايتۇرغان يازما جاۋابىدا مۇنداق دەيدۇ؛ «ئادەتتە، بايراملارنى ئورتاق تەبرىكلەش ئۇسۇلى كۆپىنچە دۆلەتلەردە ئورتاق تەۋەلىك تۇيغۇسى بەرپا قىلىش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق كۈنى، روژدېستۋو بايرىمى، مىننەتدارلىق بايرىمى قاتارلىق بۇ بايراملارنىڭ ھەممىسى ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلار ئارىسىدا ئورتاق مەدەنىيەت ئورنىتىشقا تىرىشىش خاھىشىنى كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇندىن بۇرۇنقى بىر قانچە يىللار بۇرۇن ئۇيغۇرلار قەمەرىيە يېڭى يىلىنى ئېتىبارغا ئالمايتتى. چۈنكى، ئۇلار قەمەرىيە يېڭى يىلىنى ئىسلامغا تەۋە ئەمەس دەپ قارايتتى. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ بايرامنى تەبرىكلىشى كۈچىيىشكە باشلىدى؟ نېمە سەۋەب ئۇلارنىڭ بۇ چاغان بايراملىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولدى دېگەن سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.»
ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنۇلارنى يازغان: «بۇ خىلدىكى چاغانلىق تەبرىكلەش پائالىيىتىدىن باشقا يەنە تاۋۇز چاغىنى، ئايتوقاچ بايرىمى قاتارلىقلارنىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەبرىكلىشى ماسلاشتۇرۇلدى. گەرچە قۇربان ھېيت ۋە روزا ھېيت ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار خىتاي بايراملىرىدەك دۆلەت تەرىپىدىن بىردەك تەبرىكلىنىش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمەيدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ خىلدىكى بىر يىل ئىچىدىكى ‹چوڭ› تەبرىكلەش بايرام پائالىيەتلىرىدە روشەن ھالدا ‹خىتايچە ئالاھىدىلىك› گەۋدىلىنىدۇ دەپ قارايمەن.»
2025-يىللىق خىتاينىڭ چاغان بايرىمى ھارپىسى مەزگىلىدە، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ قەشقەر، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى چاغاننى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى كۆپلەپ تارقىتىلىۋاتقان سۈرەتلىك ۋە سىنلىق خەۋەرلىرى ھەققىدە 25-يانۋار كۈنى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا ئىنستىتۇتى (SOAS) نىڭ پىروفېسسورى، دوكتور رەيچىل خاررىس (Rachel Harris) خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ كۈنى ئۇلارنىڭ ئائىلىسى BBC نىڭ بىر مۇخبىرىدىن چاغان بايرىمى توغرۇلۇق فىلىم ئىشلەش ھەققىدىكى ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالغان. ئۇ، بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىپ مۇنداق دېدى؛
«بۈگۈن ئەتىگەندە ئائىلەمدىكىلەر ھەيرانلىق ئىچىدە قالدۇق. BBC نىڭ بىر مۇخبىرىنىڭ يولدىشىمغا قالدۇرغان ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالدۇق. مېنىڭ يولدىشىم ئۇيغۇر، ئۇچۇردا، ‹قەمەرىيە يېڭى يىلى چاغان بايرىمى پات ئارىدا يېتىپ كېلىدۇ، مەن ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ بۇ بايرامنى تەبرىكلەۋاتقانلىقىنى سۈرەتكە ئالالايمىزمۇ؟› دېگەن شەكىلدە ئىدى. بۇ ئۇچۇردىن بىز بەكمۇ بىئارام بولدۇق. چۈنكى، ناھايىتى ئېنىقكى، ئائىلىمىز كۆپىنچە ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش چاغان بايرىمىنى تەبرىكلىمەيدۇ. بىز قۇربان ھېيت ۋە روزا ھېيتنى تەبرىكلەيمىز. چاغان بايرىمىغا كەلسەك، ئۇ بايرام ئەزەلدىن ئائىلە ئەنئەنىمىزنىڭ بىر قىسمى بولۇپ باقمىغان.»
دوكتور رەيچىل خاررىس خانىم يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئىزاھلاپ مۇنداق دېدى؛
«ئەلۋەتتە، BBC نىڭ مۇخبىرىنىڭ تەلىپى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى ساختىلىق بىلەن تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىدىن كېلىپ چىققان. چۈنكى، بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بىز مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سىنلارنى كۆردۇق، كىشىلەرنىڭ قەمەرىيە يېڭى يىلىنى تەبرىكلەۋاتقانلىقى كۆرسىتىلدى. بۇ ئەلۋەتتە توقۇلما. بۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ رىغبەتلەندۈرۈلۈشى ۋە مەجبۇرلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى رىۋايەتكە ماسلىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەردۇر.»
ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولغان چاغاننى كۈتۈۋېلىشقا تېڭىشىدىكى غەرەزلىرى ھەققىدە ئۆز پىكرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى؛
«مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ لايىھەنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنىڭ ئىككى تەرىپى بار دەپ قارايمەن. بىر تەرەپتىن، ئۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي ھالىتىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشتۇر. مەن ئۇ يەرگە ئەمدى بارالمىغاچقا، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە ياكى كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى ھەقىقىي چۈشەنمەيمەن. مەن ئۇنداق بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەمما ئۇنىڭ يەنە بىر تەرىپى تاشقى دۇنيادىكى كىشىلەرگە بېرىدىغان تەسىرىدۇر. ئەمما يەنە بىر جەھەتتىن، ئۇ تاشقى دۇنياغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە مىللىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە خىتاي ئىكەنلىكىدەك تەسىرنى قالدۇرىدۇ. شۇڭا، مەن لوندوندىكى BBC مۇخبىرىنىڭ بىزنى چاغانلىق تەشۋىقاتقا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغاندا ھەيران قالدىم.»
نۆۋەتتە خىتاي تاراتقۇلىرىدا كۆرسىتىلگىنىدەك، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى خىتايلارغا ئوخشاش داغدۇغىلىق ۋە تەنتەنە بىلەن تەبرىكلەشكە تەشكىللىنىشى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلاردا نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ئۆرپ-ئادىتى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ چەتكە قېقىلىشى ۋە ئەبجەشلەشتۈرۈلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا دەيدىغان قاراشنى كۈچەيتمەكتە.