چاغان بايرىمى _ئۇيغۇر ئېلىدە خىتايغا «غەنىيمەت»، ئۇيغۇرلارغا «غەپلەت» مۇ؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2025.01.31
chaghan-shir-oynitish-seriq-ussul-1920 خىتاينىڭ ھەر يىللىق چاغان بايرىمى ئۇيغۇر ئېلىدە «خىتاي مەدەنىيىتىنى جانلاندۇرۇش» بايرىمىغا ئايلىنىپ كەتكەن
Photo: RFA

خىتاينىڭ ھەر يىللىق چاغان بايرىمى ئۇيغۇر ئېلىدە «خىتاي مەدەنىيىتىنى جانلاندۇرۇش» بايرىمىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ يىللىق چاغاندا ئۇنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەۋجىگە چىقىشى، ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى»، «خەلق تورى» قاتارلىقلارنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدىكى چاغانلىق مەخسۇس خەۋەرلىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىدىكى ساياھەت مەركىزى، ئاساسلىق كوچىلار ۋە يېزا-كەنتلەرنىڭ ھەممە جايلىرىنى تىپىك خىتايچە مىللىي كىملىك ئالاھىدىلىك روشەن گەۋدىلەندۈرۈلگەن چاغانلىق پائالىيەتلەر قاپلاپ كەتكەن. بۇ پائالىيەتلەردە، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ئاھالىلەر ئومۇميۈزلۈك خىتاي ئەنئەنىسى بويىچە كىيىنىپ، ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى، ياغاچ پۇتقا دەسسەپ پاراتتىن ئۆتۈش، چاڭچىلە تىياتىر ناخشىلىرىنى ئورۇنلاش ۋە تۈگرە تۈگۈشنى ئۆگىنىش قاتارلىق پائالىيەتلىرىگە تەشكىللەنگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ تارىخىي رىۋايەتلىرىدىكى «ئەپسانىۋى شەخسلەر» نىڭ «قايتا جانلاندۇرۇلغان» سىيمالىرىنىڭ ھەممە جايدا كۆزگە چېلىقىشى، ئالاھىدە دىققەت قوزغايدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى بولماقتا.

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان خىتاي ئانالىزچى، يازغۇچى خې ئەنچۈەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شاڭخەي شەھىرىدە ئىلگىرىمۇ، ھازىرمۇ چاغان بايرىمى بۇنداق تەبرىكلىنىپ باققان ئەمەس ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«مەن شاڭخەيدە تۇغۇلغان، شاڭخەي كونسېرتى (上海租界) يۈز يىل داۋاملاشقان مۇستەملىكىچىلىك ئېڭىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى ئۈچۈن، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان شەھەردۇر. شۇڭا، مەيلى يېڭى يىل ياكى چاغان بايرىمى بولسۇن، شاڭخەيدە خىتايچە مەدەنىيەت ئۆرپ-ئادىتى بىر قەدەر ئاجىز. شۇڭا، ئۇ يەردە پانۇس ئېسىش، شىر ئۇسۇلى ئويناش قاتارلىقلار ئاساسەن يوق، مەسنەۋى چاپلاشمۇ كۆپ ئەمەس. ھازىرمۇ تور-ئىنتېرنېت ئارقىلىق كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىزكى، شاڭخەي ھەم زامانىۋىلاشقان ھەم غەربلەشكەن شەھەر بولغانلىقتىن بۇ يەردىكى كىشىلەر، بولۇپمۇ ياشلار خىتاينىڭ باشقا ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە قارىغاندا چاغاندىن بەكرەك روژدېستۋا بايرىمى قاتارلىق غەرب بايراملىرىنى تەبرىكلەشكە تېخىمۇ قىزىقىدۇ. ئېسىمدە قېلىشىچە بىز كىچىك چاغلىرىمىزدا، چاغان مەزگىلىدە يېزا-قىشلاقلاردىكى پانۇسلۇق چىراغلار ۋە شىر ئۇسسۇلىنى سەھرالىقلارنىڭ ئىشى دەپ قاراپ، ئۇنى بەك مەدەنىي ۋە مودا ئەمەس دەپ ئويلايتتۇق. چۈنكى غەرب ئۇسلۇبى قانچە كۆپ بولسا، يەرلىك پۇراق شۇنچە ئاز بولىدۇ.»

ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى چاغاننى تەبرىكلەشكە تەشكىللىشىنىڭ ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئۇلار يەنە ئۇيغۇر خەلقنى خىتايچە كىيىنىشكە مەجبۇرلىغان. بىز خەۋەرلەردىكى رەسىم ۋە سىنلىق كۆرۈنۈشلەردە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئەپسانە-رىۋايەتلىرىدىكى شەخسلەرنى دوراپ كىيدۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۇق. بۇنىڭ ئۆزى بىر خىل مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقىدۇر. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يوقىتىلىشى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي مەدەنىيىتىنى دەسسىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئۇيغۇرلارنى خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش ۋە سۆيۈشكە زورلاۋاتىدۇ، چۈنكى ياشلار كىچىكىدىن باشلاپلا خىتاي ناخشىلىرى ۋە ئۇسسۇللىرىنى ئۆگەنسە، خىتاي ھېكايىلىرى بىلەن تونۇشۇپ، خىتاي تارىخىنى چۈشەنسە، ئۇلار ئاڭسىز ۋە تەبىئىي يوسۇندا بۇ مەدەنىيەتنى ياخشى كۆرىدىغان بولىدۇ. دېمەككى، بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.»

ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكادىكى روس-خۇلمان تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى تىمۇسىي گروس بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قايتۇرغان يازما جاۋابىدا مۇنداق دەيدۇ: «بەلكىم ئۇيغۇر رايونىدا بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەر يېقىنقى ئون يىلدا، بۇ يىلقى چاغان مەزگىلىدە بىر قەدەر ئومۇملاشقان بولۇشى مۇمكىن. بىلگىنىمىزدەك، بۇلار ئاساسەن پاراتتىن ئۆتۈش، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئەپسانىۋى پالۋانلىرىدەك ياسىنىپ، شىر ئۇسسۇلى ئويناپ، دۇمباق چېلىشقا قاتنىشىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئائىلە قاتلىمىغا كەلسەك، يېزا كەنت كادىرلىرى، توپلىشىپ چاغان ئۆتكۈزۈش ئەترىتىدىكىلەر ئادەتتە باھار بايرىمى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارغا مەسنەۋى ياساش ۋە ئائىلىلەر بىلەن بىرلىكتە تۈگۈر تۈگۈشكە تەشكىللەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.»

ئۇ ئىنكاسىدا يەنە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ چاغان بايرىمى مەزگىلىدە «خىتاي كىملىكى» نى نامايەن قىلىش ۋە خىتاي ئۆرپ-ئادىتى بويىچە چاغاننى ئومۇملاشتۇرۇش ھەققىدىكى قارىشىنى ئىزاھلاپ مۇنداق دەيدۇ؛ «مېنىڭچە نەزەرىيەۋى جەھەتتىن تېخىمۇ چوڭقۇر ھالدا تەھلىل قىلغاندا بۇ يەردىكى مەسىلە شۇكى، ئۇيغۇرلار بۇ بايراملارنى قانداق تەبرىكلەشنى ‹ئۆگىنىشى› كېرەك، ئەمما ئۇلار بۇ ئادەتلەرنى ھەرگىزمۇ مۇكەممەل شەكىلدە ئۆزلەشتۈرەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار ئېيتقان ‹فۇ› (福)، يەنى «بەخت، ئامەت» دېگەن سۆز ھەرگىزمۇ خىتايلارنىڭكىگە ئوخشاش ئېنىق بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ (过年好) (guo nian hao) يەنى، ‹يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن› دېگەن سالاملىرى ھەرگىزمۇ خىتايلاردەك راۋان بولمايدۇ. دېمەك، بۇ مىللىي قاتلاملارنىڭ مەڭگۈلۈك پەرقىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ ۋە كۈچەيتىدۇ.»

لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا ئىنستىتۇتى (SOAS) نىڭ پىروفېسسورى، دوكتور رەيچىل ھاررىس (Rachel Harris) خانىمنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كىشىلەرنىڭ چاغان بايرىمىنى خىتايلار بىلەن بىرلىكتە تەنتەنىلىك، خۇشال كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلار خەلقئارا جەمئىيەتتە «ئۇيغۇرلارمۇ خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى تەبرىكلەيدىكەن» دەيدىغان خاتا ئۇقۇمنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 25-يانۋار كۈنى ئەنگلىيە BBC مۇخبىرى ئۇنىڭ ئۇيغۇر يولدىشىغا ئۇچۇر قىلىپ، ‹ئائىلە بويىچە چاغان بايرىمىنى تەبرىكلەش› ھەققىدە پىروگرامما ئىشلىمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ، بۇ خىلدىكى ئەھۋاللارغا جىددىي قاراپ، تەدبىر قوللىنىشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇ مۇخبىرغا: بىزنىڭ ئائىلە مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيدۇ، خىتاي بايراملىرىنى تەبرىكلىمەيدۇ دەپ جاۋاب قايتۇردۇق. مېنىڭ BBC نى تەنقىد قىلىش نىيىتىم يوق. ئەلۋەتتە، BBC نىڭ نۇرغۇن مۇخبىرلىرى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن ئىشلار توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن جاپالىق ئىشلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئەمما تۈنۈگۈن بىزگە ئۇچۇر قالدۇرغان BBC نىڭ مۇخبىرى، ئەنگلىيەنىڭ ئاساسىي ئېقىمىدىكى كۈندىلىك سۆھبەت پىروگراممىسىنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسىدۇر. بۇنداق پىروگراممىلار ئادەتتە بۇ دۆلەتتىكى زور تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلىدۇ. مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى تەشۋىقات-بايانلىرىنىڭ كۈچى ھەممە يەرگە سىڭىپ كىرىپ، ئۇيغۇرلارغا ئائىت ھېكايىلەرنى بۇرمىلاپ سۆزلەۋاتىدۇ. بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك. شۇڭا، بۇ مەسىلىگە ئىزچىل دىققەت قىلىش كېرەك؛ شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە بۇنداق ئۆزگىرىشنىڭ يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى دۇنياغا تېخىمۇ كەڭ نامايان قىلىش ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلىش كېرەك».

دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى 10 يىل مابەينىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان دىنى ۋە مىللىي بايراملىرىنى چەكلەپ، خىتاينىڭ بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىشى خەتەرلىك يۈزلىنىشكە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا. بۇ ھەقتە پىكىر قاتناشتۇرغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۈگۈنكى كۈندە چاغان بايرىمى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىشنىڭ بىر پۇرسىتىگە ئايلانغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.