روبېرت مەككاۋ: «چاغانلىق ‹شىنجاڭ ياخشى جاي› ساياھەت ھەپتىلىكى خىتاينىڭ پەردازلانغان تەشۋىقات ھەرىكىتىدۇر»

0:00 / 0:00

يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك غەرب دۆلەتلىرىگە قارىتا تەشۋىقات ھۇجۇمىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەن بولسا؛ ئۆزىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن باغلىنىپ قالغان قوشنا مەملىكەتلەر ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىغا قارىتا ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» تەشۋىقاتىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە، ئەرەب ۋە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن تۈركۈم-تۈركۈمدە «ساياھەت» ۋە «ئېكسكۇرسىيە» ئۆمەكلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەركىن ۋە بەختلىك ياشاۋاتقانلىقى» توغرىلىق يالغان ئۇچۇر تارقاتماقتا.

دەرۋەقە، قاتار ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىدە 1-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە خىتاينىڭ «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدىكى مەدەنىيەت-ساياھەت تەشۋىقات ھەپتىلىكىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى بۇنىڭ بىر تىپىك مىسالىدۇر. خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 27-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىملىق ساياھەت ھەپتىلىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان. ئىگىلىشىمىزچە، قاتار ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق مەدەنىيەت-ساياھەت ھەپتىلىكى دەل خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنىڭ ھارپىسىغا توغرا كەلگەن. «شىنجاڭنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» مەقسەت قىلىنغان ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان قېتىملىق مەدەنىيەت ھەپتىلىكى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەملىك ئېلىپ بېرىلىدىغان 2000 دىن ئارتۇق مۇشۇ تۈردىكى مەدەنىيەت-سەنئەت، تەنتەبىيە ۋە ساياھەت پائالىيەتلىرى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا باشلانغان ئىكەن.

«ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى» (CAIR) تور بېتىنىڭ 2023-يىلى 30-ئاۋغۇستتا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆز قارمىقىدىكى ساياھەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىتاينىڭ «تەشۋىقاتى» غا ئىشىنىپ ئۇيغۇر رايونىغا ساياھەتكە بارماسلىقىنى ۋە خىتاينىڭ تەشۋىقات تورىغا ئىلىنىپ قالماسلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. «ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى» نىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى دىرېكتورى روبېرت مەككاۋ (Robert McCaw) رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى «چاغان» بايرىمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتى ئارقىلىق يوشۇرماقچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

«خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ چاغان بايرىمىلىق بۇ مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتى، ئۇيغۇر رايوننىڭ ھەقىقىي خاراكتېرى ۋە ھەقىقىي رېئاللىقىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ، بەلكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.»

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بىلەن ئاتالمىش «مەدەنىيەت زىيارىتى» ياكى «ساياھەت ۋە ئېكسكۇرسىيە» دېگەن ناملاردا ئۆزئارا ئۆمەكلەر ئالماشتۇرماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ خىلدىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، «شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەش»، «شىنجاڭ ياخشى جاي» تەشۋىقات دولقۇنىنى بارغانسېرى كۈچەيتمەكتە. ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ مۇشۇ خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلماقتا.

روبېرت مەككاۋ ئەپەندى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمانلاردەك ھەقىقىي ئىسلامىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە باشقا ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولالمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى:

«مېنىڭ ھازىرغىچە زادى قانچىلىك مۇسۇلمان ساياھەتچىلەر ئۆمەكلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بارغانلىقىنى جەزملەشتۈرگۈم بار. مۇسۇلمان ساياھەتچىلەر ئۇيغۇر رايونىغا ساياھەتكە بارغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار ئەركىن ئىبادەت قىلالمايدۇ ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە ئاممىۋى پائالىيەتكە قاتنىشالمايدۇ. چۈنكى دىنىي يىغىلىشلار، رامىزاننى تەبرىكلەش، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان كىملىكىنى ئىپادىلەش، ساقال قويۇش، رومال ئارتىش ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق ئىسلامىي ئادەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر رايونىدا چەكلەنگەن. بۇ ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقان بىر رېئاللىقتۇر. »

ۋاھالەنكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاقلاش پائالىيەتلىرىنى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ «بەختىيار» ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان تۈرلۈك تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىشى، خەلقئارادا جىددىي ئىنكاسلارنى قوزغىماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋىدىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «ئەركىن ساياھەت»، «ئەركىن كىرىپ-چىقىش» نىڭ نورماللاشقانلىقىنى كەڭ تەشۋىق قىلىشى، ئۆزىنىڭ 2016-يىلىدىن بۇيان رايوندا يۈرگۈزۈپ كەلگەن يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتىنى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پەردازلاپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىكەن.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇلتۇر 8-ئاينىڭ 30-كۈنى مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى» نى يوشۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان بۇ خىل ساياھەتچىلىكنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى» دەپ ئاتىغان ئىدى. ئامېرىكادىكى تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈ خىتاينىڭ نۆۋەتتە كەڭ قانات يايدۇرۇۋاتقان بۇ خىلدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى» توغرىلىق پىكىر بايان قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ماھىيەتتە خىتاي خەلقىنى ئالدايدىغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىگە قارىتىلغان سىياسىي تەشۋىقاتى ئىكەن. ما جۈ ئەپەندى ئۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ، مۇنداق دېدى.

«ئۇلار ھەر خىل ئاماللار بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ دۆلەتلەردە ئۇچۇر قامال قىلىنمايدۇ. پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدىكى ھېچقانداق بىر دۆلەتتە تور ئالاقە خىتايدىكىدەك كۈچلۈك دەرىجىدە توسۇۋېلىنغىنى يوق. گەرچە خىتاي كومپارتىيەسى نۆۋەتتە بىر قىسىم گۇرۇپپىلار، دىنىي زاتلار ۋە شەخسلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇم سىياسەتلىرى ھەم جىنايەتلىرىنى يوشۇرىدىغان تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماھىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سۆز ئويۇنىدۇر، خالاس. بىز شۇنى ئېنىق كۆرۈشىمىز كېرەككى، خىتايغا قارىغاندا ئۇچۇر بىر قەدەر ئوچۇقراق بولغان ئەرەب دۇنياسىدىكى كۆپىنچە كىشىلەر ئۇيغۇر دىيارىدا زادى قانداق قورقۇنچلۇق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ھامان بىلىدۇ. شۇڭا بىز زور كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئويغاق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشىمىز كېرەك.»