خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىنىڭ گېرمانىيەدىكى بەزى مىساللىرى

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2023.08.04
Annalena Baerbock_AP گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاننالىنا بايېربوك بېرلىن فېدېراتسىيە تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭنى قارشى ئالدى. 2023-يىلى 9-ماي، بېرلىن
AP

گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» 1-ئاۋغۇست كۈنى «گېرمانىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدا-بىز سىلەرنى تاپالايمىز: خىتايلار گېرمانىيەدە قانداق زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىدۇ؟» ناملىق چوڭ ھەجىملىك بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدە خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان زومىگەرلىكى ۋە باستۇرۇشلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بىرقانچە خىتاينىڭ كەچمىشلىرى بايان قىلىنغان ھەمدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىسمەتلەر مەلۇم ساھەدە يورۇتۇپ بېرىلگەن.

ماقالە 2010-يىلى خىتايدىن گېرمانىيە پايتەختى بېرلىنغا قېچىپ كەلگەن سۇ يۈتوڭ ئىسىملىك بىر خىتاي قىزنىڭ خىتاي تەھدىتىگە يولۇقۇش ۋەقەسىدىن باشلانغان. ئاندىن 2017-يىلى گېرمانىيەدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن سەنئەتكار ياڭ ۋېيدوڭ، گېرمانىيەدە دوكتورلۇق ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان خۇ جياڭچياۋ، گوللاندىيەدە ياشايدىغان سىياسىي پائالىيەتچى ۋاڭ جىڭيۈ قاتارلىق خىتايلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ چېگرا ھالقىغان زوراۋانلىقلىرىغا ئۇچراش ئەھۋاللىرى كونكرېت مىساللار ئارقىلىق بايان قىلىنغان.

ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، نۆۋەتتىكى خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنى ياخشى كۆرمەيدىغان يۇقىرىقىدەك مۇھاجىر خىتايلارنىڭ قىلمىشلىرى خىتاي ياقتۇرمايدىغان ئىشلارنى قىلىش بولغان. مەسىلەن: سۇ يۈتوڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا ماقالىلەر يازغان ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى پىكىرلەرنى بايان قىلغان، خۇ جياڭچياۋ خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئالدىدا خوڭكوڭلۇقلارغا قوشۇلۇپ خىتايغا قارشى نامايىشقا قاتناشقان، ئانىسى تەنتەربىيە دوختۇرى بولغان ياڭ ۋېيدوڭ خىتاي تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىدە روھلاندۇرۇش دورىسى ئىشلەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان، ۋاڭ جىڭيۈ بولسا خىتايغا قارشى سىياسىي پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغان. شۇ سەۋەبتىن، بۇلار ئوخشىمىغان ئۇسۇللاردا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ چەت´ئەللەرگە ئۇزارغان قارا قولىنىڭ تەھدىتلىرىگە يولۇققان. بۇ خىل تەھدىت، بولۇپمۇ گېرمانىيەدە بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلىغان.

دەرۋەقە، خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ گېرمانىيەدە بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى گېرمانىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى بولغان «فېدېراتسىيە ئاساسىي قانۇننى قوغداش ئىدارىسى» ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان دوكلاتىدىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان. دوكلاتتا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ گېرمانىيەدىكى پېنسىيەگە چىققان دۆلەت ئەربابلىرىنى، تەسىرى كۈچلۈك پارلامېنت ئەزالىرىنى، داڭلىق سىياسەتچىلەرنى ھە دەپ خىتايغا ساياھەتكە تەكلىپ قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ گېرمانىيەدىكى ئوخشاش بولمىغان پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە يېقىنلىشىپ، ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە گېرمانىيە جەمئىيىتى خىتاينىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىغا قارىتا سەزگۈرلۈكنى كۈچەيتمىسە بولمايدىغان ھالغا كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، خىتاينىڭ چەت´ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىنىڭ مۇھىم نىشانى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە قارىتىلغان. ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ چەتئەللەرگە ئۇزارغان قارا قولىنىڭ نۆۋەتتە خەلقئارادا جىددىي دىققەتنى تارتىۋاتقان مۇھىم بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي جاسۇسلىرى بەزى خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن خىتايدىكى تورلاردا «ۋەتەن خائىنى»، «مىللىي مۇناپىق» دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان بۇ خىلدىكى ئۆكتىچى خىتايلارغا قارىتا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك شەكىللەردە تەھدىت سېلىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىدىكەن:

  1. خىتاي ئىچىدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ياكى ساقچىلار قارشى تەرەپكە بىۋاسىتە تېلېفون ئۇرۇپ، خىتايغا قايتىپ كېلىشنى تەلەپ قىلىدىكەن، بۇنىڭغا كۆنمىسە، قارشى تەرەپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى تېلېفون قىلدۇرۇپ «قايتىپ كەلمىسەڭ، بىزنىڭ ھالىمىز چاتاق بولىدۇ» دېگۈزۈپ، ئۇلارنى بىئارام قىلىدىكەن ۋە قورقۇتىدىكەن.
  2. چەتئەلدىكى خىتاي جاسۇسلىرى ئۆزلىرى بىۋاسىتە تېلېفون ئۇرۇپ «خىتايغا قارشى سۆز قىلمايسەن، ماقالە يازمايسەن، ياكى نامايىشلارغا چىقمايسەن، ئەگەر دېگىنىمىزنى قىلمىساڭ ئائىلەڭدىكىلەر تۈرمىگە قامىلىدۇ، ھەتتا سېنىڭ جېنىڭنى ئائىلىمىز» دەپ تەھدىت سالىدىكەن، كېسىلگەن كاللىغا ئوخشاش قورقۇنچلۇق كۆرۈنۈشلەرنى تېلېفون ئارقىلىق يوللاپ، ئۇلارنى چۆچۈتىدىكەن.
  3. چەتئەلدىكى خىتاي جاسۇسلىرى ھەتتا قارشى تەرەپنىڭ ئۆيىگە قەدەر كېلىپ سودىلىشىپ ياكى ئىشىك ئالدىلىرىدا تۇرۇۋېلىپ ۋەھىمە سالىدىكەن، ۋەياكى قارشى تەرەپ نەگە بارسا شۇ يەرگە ئارقىدىن سايىدەك ئەگىشىپ بېرىپ، ساراسىمىگە سالىدىكەن.
  4. خىتاي جاسۇسلىرى ئۆزلىرىگە زادى باش ئەگدۈرەلمىگەن بەزى خىتايلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئۇلار ساياھەتكە بارىدىغان بەزى دۆلەتلەردىكى مېھمانخانىلارغا ئەۋەتىپ بېرىپ: «بۇ كىشى تېررورچى، بومبا پارتلىتىدۇ» دەپ قىلتاق قۇرىدىكەن ۋە قارشى تەرەپنى پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىتىشقا ئۇرۇنىدىكەن.
  5. خىتاي جاسۇسلىرى ئەگەر قارشى تەرەپ ئايال كىشى بولسا ۋە ئۇنى ئۈندەككە كەلتۈرەلمىگەن بولسا، ئۇنىڭ رەسىمىنى، ئادرېسىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا ئاشكارىلىۋېتىپ، ئۇنىڭ نامىدا ئۆيىگە «جىنسىي خېرىدار» چاقىرىدىكەن. سۇ يۈتوڭ ئىسىملىك مۇخبىر قىز بۇ قىسمەتلەرنى ياشىغان. ئۇنىڭ ئۆيىگە توساتتىن شەھۋانىي ئىستەك بىلەن كېلىدىغان ناتونۇش ئەرلەر پەيدا بولۇشقا باشلىغان. ئاقىۋەتتە، بۇنىڭ خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ قىلمىشى ئىكەنلىكى ئايان بولغان.

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى روشەن ئابباس خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان تەھدىتلىرىنىڭ بېسىملىرىغا ئەڭ قاتتىق ئۇچراۋاتقان مىللەت ئۇيغۇرلار ئىكەن. ئۇ چەتئەلدىكى خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئۇزۇندىن بۇيان ھەر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى كەڭ دائىرىدە تەتبىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

«جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» مەزكۇر ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرى ئارقىلىق ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، مۇنداق ئىبارىلەرنى تىلغا ئالغان: «بېيجىڭنىڭ ئۇزارغان قولىغا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلار كەبى يەنە بىر توپلۇق يوق. خىتاينىڭ غەربىي رايونىدىكى تۈرك قان سىستېمىسىغا تەۋە بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى شىنجاڭدا 2017-يىلىدىن ئېتىبارەن زور كۆلەمدىكى قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى سىستېمىسى بەرپا قىلىندى، 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار ئۇ يەردە غايىب بولۇپ كەتتى، مۇھاجىرەتتىكى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار ئۆز قېرىنداشلىرى ياكى قوشنىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىدىن ئايرىلىپ قالدى. چەت´ئەلدىن ئۇرۇلغان، نەدىن كەلگەنلىكى ئېنىق بولمىغان تېلېفونلار، ئۆيدىكى دادىسىدىن، ھاممىسىدىن، سىڭلىسىدىن كەلگەن تېلېفونلارمۇ بەلكىم جازا لاگېرلىرىدىن بېشارەت بېرىشى مۇمكىن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سۈرگۈن ھاياتىنى ياشاۋاتقان ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارغا توساتتىن ئۆز يۇرتىدىن كېلىدىغان تېلېفونلارنىڭ سانى كۆپىيىپ كەتتى. دائىما سافادا ياكى كۆرۈنۈشلەر ئالدىدا ئولتۇرۇشقان ساقچىلار ئۇلار بىلەن مۇرەسسەلىشىدۇ.»

ماقالىدە د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى، قۇرۇلتاي ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت´ئاي ئەركىننىڭ بايانلىرىغىمۇ ئورۇن بەرگەن. زۇمرەت´ئاي ئەركىن سۆزىدە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يۇقىرىقىدەك تەدبىرلەرنى ئۇيغۇرلارغا كەڭ دائىرىدە تەتبىقلاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ئۇلار بىزنىڭ تۇغقانلىرىمىزنى گۆرۈگە ئېلىۋالدى. د ئۇ ق نىڭ مەركىزى جايلاشقان ميۇنخېندا ئىلگىرى خىتايغا قارشى نامايىشلارغا 200-300 كىشى چىقاتتى، ھازىر بولسا بۇ سان تۆۋەنلەپ كەتتى، ئەركىن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارمۇ خىتاي تەھدىتىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ياشىماقتا» دېگەنلەرنى تىلغا ئالغان. ئۇمۇ بۈگۈن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.