چېن چۈەنگو خەلقئارا تاراتقۇلاردا «ساقچى نازارەت سىستېمىسىنى قۇرغۇچى دىكتاتور» دەپ ئاتالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020.07.28
chen-chuengo-chen-quanguo.jpg ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو(ئوڭدا) باشقا ئەمەلدارلار بىلەن بىرلىكتە كوممۇنىست خىتاي دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا. 2019-يىلى 1-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.
AP

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يىل 9-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو قاتارلىق 4 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنى جازالىغاندىن كېيىن، چېن چۈەنگونىڭ سېسىق نامىنىڭ خەلقئاراغا تېخىمۇ كەڭ تارقالغانلىقى، تاراتقۇلارنىڭمۇ بۇ ھەقتە خەۋەر ۋە مۇلاھىزە ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە.

ئەنگلىيەنىڭ يېڭى ۋە ئۆزگىچە تاراتقۇلىرىدىن بىرى بولغان Tortoise Media (تاشپاقا مېدىياسى) 23-ئىيۇل «خىتاي دىكتاتورى چېن چۈەنگو» ناملىق بىلەن بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا «چېن چۈەنگو كىم؟ ئۇ زور كۆلەملىك نازارەت سىستېمىسىنىڭ قۇرغۇچىسىمۇ؟» دېگەن كىچىك ماۋزۇ بېرىلگەن.

بۇ ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، چېن چۈەنگو 2011-يىلدىن 2016-يىلغىچە تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولغان مەزگىلدە يېڭى تىپتىكى تورلاشقان ساقچى سىستېمىسىنى تەشەببۇس قىلىپ، تىبەتنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە يۈزلىگەن ئاتالمىش «قۇلايلىق ساقچى پونكىتى» قۇرۇپ تىبەتلەرنى نازارەت قىلغان، ئۇلارنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋالغان، تىبەت مەكتەپلىرىدە خىتايچە ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇپ، تىبەت تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى چەكلىگەن. بۇنىڭغا بويسۇنمىغانلارنى «قايتا تەربىيىلەش كۇرس» لىرىغا ئەۋەتكەن ياكى تۈرمىگە سولىغان.

چېن چۈەنگو 2016-يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن تىبەتتە قوللانغان سىياسىتىنى بۇ رايونغا كۆچۈرۈپ كەلگەن بولۇپ، خىتايدا نەچچە ئون يىل داۋاملاشقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سىياسىتىنى توختىتىپ، ئۇيغۇر ئېلىنى غايەت زور ساقچىخانىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى باستۇرغان. ئۇ تۆت ئايدا ئۇيغۇر دىيارىدا 4900 يەرگە «قۇلايلىق ساقچى پونكىتى» قۇرۇپ، 100 مىڭ دانە كامېرا ئورناتقان. 2017-يىل ساقچىخانىلارغا كەتكەن چىقىم بىر ھەسسە ئاشقان، بەزى ناھىيەلەرگە كەتكەن «بىخەتەرلىك» چىقىمى خامچوتنىڭ 10 پىرسەنتىدىن ئېشىپ كەتكەن.

مەزكۇر ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ چېن چۈەنگونى «قۇلايلىق ساقچى پونكىتى» نىڭ ئىجادچىسى دەپ تەرىپلىگەنلىكى، ئاتالمىش «قۇلايلىق ساقچى پونكىتى» نىڭ ئەمەلىيەتتە تورلاشقان نازارەت سىستېمىسى بولۇپ، نەچچە ئون مىڭلىغان كامېرالارنىڭ ئورنىتىلغانلىقى، ساقچىلارنىڭ ھەممىنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغانلىقى، كىمنىڭ تېلېفونىغا نېمىلەر قاچىلانغانلىقىدىن تارتىپ، بىر ئۆيدە قانچە بالا بارلىقى ۋە بىر ئادەمنىڭ ماشىنىسىغا قانچىلىك گاز قاچىلانغانلىقىغىچە بولغان ھەممىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدىغانلىقى ئېيتىلغان.

ئۇنداقتا چېن چۈەنگو كىم؟ مەزكۇر ماقالىدە چېن چۈەنگونىڭ سىياسىي ھاياتىغا ئائىت بەزى مەلۇماتلار بېرىلگەن. ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى چېن چۈەنگونىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى توغرىلىق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «چېن چۈەنگو خېنەندىن ئۆسۈپ چىققان كاتتىۋاش. ئۇ 1998-يىلغا كەلگەندە خېنەننىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، 2010-يىل خېبېينىڭ ئۆلكە باشلىقى بولغان. 2011-يىل تىبەت ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن، تىبەتلەرگە زۇلۇم قىلىپ، كۆپلىگەن راھىبلارنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش شەكلى بىلەن قارشىلىق بىلدۈرۈشىنى پەيدا قىلغان. ئەمما ئۇنىڭ قەبىھ سىياسىتى شى جىنپىڭنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.»

بۇ ماقالىدە يەنە چېن چۈەنگونىڭ شەخسىي ھاياتىغا بەزى مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، بۇرۇنقى خىزمەتداشلىرى ۋە قول ئاستىدىكىلىرىنىڭ ئۇنى «خىزمەت سارىڭى»، «قۇسۇرچى ئەمەلدار» دەپ ئاتايدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك بانكا نازارەت ئورگىنىدا خىزمەت قىلىدىغانلىقى، قىزىنىڭ بىر مەزگىل ئەنگلىيەدە ئوقۇغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

بۇ ماقالىدە شى جىنپىڭنىڭ مەخپىي يىغىن ئېچىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى «دىكتاتورىلىق تۈزۈمى بىلەن قاتتىق باستۇرۇش، قىلچە رەھىم قىلماسلىق» قا بۇيرۇغان بولسا، چېن چۈەنگونىڭمۇ قول ئاستىدىكىلەرگە «تۇتۇشقا تېگىشلىك ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇش» قا بۇيرۇق بەرگەنلىكى قەيت قىلىنغان. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «يېقىندا خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇر ئېلىدە مۇسۇلمانلارنى ئېچىنىشلىق تۈردە باستۇرغان ئەمەلدارلارنى جازالاش ئۈچۈن كونكرېت ھەرىكەت قوللىنىشقا باشلىدى. ئالدى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چېن چۈەنگو قاتارلىق تۆت ئەمەلدارغا جازا يۈرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى توڭلاتتى ۋە ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ ئامېرىكا كىرىشىنى چەكلىدى. ئەمما خىتاي بۇ جازانىڭ ئاساسەن سىمۋوللۇق خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.»

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى چېن چۈەنگوغا بېرىلگەن بۇ جازانىڭ پەقەت سىمۋوللۇق خاراكتېرگە ئىگە جازا ئەمەسلىكىنى، مەيلى خەلقئارادا بولسۇن، مەيلى خىتايدا بولسۇن، ئۇنىڭ تەسىرىنىڭ چوڭ بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ ماقالىدە تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ چېن چۈەنگو ھەققىدە ئېيتقان: «ئۇ ھەر قانداق ئىش قىلسا بارلىق مەنبەدىن پايدىلىنىپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن تېزلىك، جىددىيلىك ۋە كەڭ-كۆلەم بىلەن قىلىدۇ،» دېگەن سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، چېن چۈەنگونىڭ 2017-يىل خىتاي سىياسىي بيۇروسىنىڭ 25 ئەزاسى ئىچىگە كىرگەنلىكى، كەلگۈسى ئىككى يىلدا سىياسىي بيرونىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولۇش ئېھتىمالى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى چېن چۈەنگونىڭ ھازىر دىكتاتور شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئورنىنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى، ئەمما شى جىنپىڭ تەختتىن چۈشسە، ئۇنىڭ ئىستىقبالىنىڭمۇ تۈگەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى چېن چۈەنگونىڭ كەلگۈسىدە سىياسىي بيورو دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولۇش ئېھتىمالىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «خىتاي مەيلى ئېتىراپ قىلسۇن-قىلمىسۇن، چېن چۈەنگوغا دۇنيا ئەھلى تەرىپىدىن لەنەت تامغىسى ئۇرۇلۇپ بولدى، خىتايمۇ بۇنى بىلىدۇ،» دېدى.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى چېن چۈەنگونىڭ ھەممە يەرنى قاپلىغان كامېرا سىستېمىسى ۋە چىراي تونۇيالايدىغان نازارەت تېخنىكىسىنى ئىشلىتىشى پۈتۈن خىتايغا ئۈلگە بولالايدۇ دەپ داۋراڭ سالدى. باشقا ئۆلكىلەردىن ساقچى ئۆمەكلىرى ئۈرۈمچىگە بېرىپ بۇ نازارەت سىستېمىسىنى ئۆگىنىپ كەلدى. ئەڭ دەسلەپ ئۇيغۇر ئېلىدە قوللىنىلغان كۆزىتىش تېخنىكىسى ھازىر خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ قوللىنىلىشقا باشلىدى.»

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى چېن چۈەنگو باشلاپ بەرگەن ساقچى نازارەت سىستېمىسىنىڭ كېيىنچە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگىمۇ كېڭەيتىلىشى مۇمكىنلىكىنى، بۇنىڭ شى جىنپىڭنىڭ مۇستەبىت، سولچىل سىياسىتىگە ئۇيغۇنلۇقىنى، ئەمما بۇنداق ئىپتىدائىي، قالاق سىياسەتنىڭ ئۇزاققا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، Tortoise Media (تاشپاقا مېدىياسى) ئەنگلىيە «تايمىس گېزىتى» نىڭ سابىق مۇھەررىرى، BBC ئاگېنتلىقى خەۋەر قانىلىنىڭ دىرېكتورى جەيمېس ھاردىڭ (جامەس ھاردىڭ ) تەرىپىدىن بۇ يىلنىڭ بېشىدا قۇرۇلغان يېڭى تاراتقۇ بولۇپ، «تاشپاقىدەك ئاستا، ئەمما كىشىنىڭ ئەقلىنى ئاچىدىغان خەۋەر، ماقالىلەرنى تارقىتىش» نى نىشان قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.