سابىتجان باباجان: «چىڭگىز ئايتماتوف ئەسەرلىرىدىكى ئوبرازلار مېنىڭ رەسىملىرىم ئارقىلىق قايتا جانلاندى! »
2024.07.04
83 يېشىدىمۇ رەسىم ئىجادىيىتىنى داۋام قىلىۋاتقان قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇر رەسسام سابىتجان باباجان ئەپەندى، مەشھۇر قىرغىز يازغۇچىسى چىڭگىز ئايتماتوف بىلەنمۇ زامانداش بولۇپ، ئۇنىڭ چىڭگىز ئايتماتوف ئەسەرلىرىدىكى ئوبرازلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملىرى كۆپ قېتىم كۆرگەزمە قىلىنغان. كېيىنكى چاغلاردا ئۇ يەنە بۇ رەسىملەرنى مەخسۇس بىر ئالبوم قىلىپ نەشر قىلدۇرغان. سابىتجان باباجان ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، چىڭگىز ئايتماتوف ئۇنىڭ ئۆز ئەسىرىدىكى ئوبرازلار ھەققىدە سىزىلغان رەسىملىرىنى كۆرگىنىدە ئۇلارغا باھا بېرىپ، «مەن ئەسەرلىرىمنى كېچىلەپ، ئايلاپ يىللاپ يازسام، سابىتجان ئۆزىنىڭ بىر رەسىمى ئارقىلىقلا مېنىڭ ئوي پىكىرلىرىمنى ئىپادىلەپتۇ» دېگەن.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سابىتجان باباجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1955-يىلى ئۇ 14 يېشىدا ئائىلىسى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىققىنىدا، ئۇلار چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى شېكەر ئاۋۇلىغا 5 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر كولخوزغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ چىڭگىز ئايتماتوفنى 1958-يىلى نەشر قىلىنغان «جەمىلە» پوۋېستىنى ئوقۇغۇنىدا بىلگەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ «جەمىلە» پوۋېستىدا دەل ئۇلار ياشىغان كولخوزچىلار ھاياتى ۋە ئۇنىڭغا تونۇش جايلار تەرىپلەنگىنى ئۈچۈن، بۇ ئەسەر ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.
چىڭگىز ئايتماتوف 1928-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى قىرغىزىستاننىڭ تالاس ئوبلاستىدىكى شېكەر ئاۋۇلىدا تۇغۇلغان؛ 2008-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋاپات بولغان. ئۇ، يازغۇچى، تەرجىمان، ژۇرنالىست ۋە دىپلومات بولۇپ، قىرغىزىستان ۋە رۇسىيە ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم شەخس. ئايتماتوف 1952-يىلىدىن باشلاپ ئەسەر ئېلان قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئۇيغۇرلارغا تونۇشتۇرۇلغان.
رەسسام سابىتجان باباجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېيىنكى يىللاردا ئۇ چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ نەشر قىلىنغان ھەر بىر ئەسىرىنى ئوقۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان بولۇپ، ئۇ چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئوبرازلارنى خىيالەن تەسەۋۋۇر قىلىپ، ئۇلارنى رەسىم قىلىپ سىزىشقا باشلىغان.
سابىتجان باباجاننىڭ ئەسلىمە قىلىشىچە، ئۇ 1988-يىلى چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن كېيىن بولسا، چىڭگىز ئايتماتوف ئەسەرلىرى ھەققىدىكى يىغىن ۋە كۆرگەزمىلەردە، سابىتجان باباجاننىڭ سىزغان رەسىملىرىمۇ ئورۇن ئېلىشقا باشلىغان. سابىتجان باباجان سىزغان چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئوبرازلارنى كۆرگەن چىڭگىز ئايتماتوف ئۇ سىزغان رەسىملەرگە بولغان قايىللىقىنى بىلدۈرگەن.
2008-يىلى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ تۆھپىلىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، 2008-يىلىنى ئايتماتوف يىلى قىلىپ بېكىتكەن.
سابىتجان باباجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ شۇ يىلى قىرغىزىستاندا چىڭگىز ئايتماتوف ئەسەرلىرى يىغىنىدا رەسىملىرىنى كۆرگەزمىگە قويغان ۋە چىڭگىز ئايتماتوفنىمۇ شۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە تەكلىپ قىلغان. لېكىن چىڭگىز ئايتماتوف ئۇ سىزغان رەسىملەرنى ئىنتايىن ياقتۇرغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ چەت ئەلگە چىقىش سەپىرىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، شۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قاتنىشالمىغان. ئەپسۇس چىڭگىز ئايتماتوف شۇ قېتىمقى سەپىرىدىن قىرغىزىستانغا قايتىپ كېلەلمىگەن. ئۇ، 2008-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى گېرمانىيەنىڭ نۇرېمبېرگ شەھىرىدە تۇيۇقسىز ۋاپات بولغان.
سابىتجان باباجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چىڭگىز ئايتماتوف ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇ، قىرغىزىستاندا چىڭگىز ئايتماتوف ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش كۈنلىرىدە، ئۇ ھەر يىلى دېگۈدەك قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە چىڭگىز ئايتماتوف ئەسەرلىرى ھەققىدە سىزغان رەسىملىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ تۇرغان. بىر قېتىملىق كۆرگەزمىدە، چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ سىڭلىسى روزا ئايتىماتوۋا سابىتجان باباجاننىڭ رەسىملىرىگە ئاكىسى چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ يۇقىرى باھا بەرگەنلىكىنى، «مەن ئەسەرلىرىمنى كېچىلەپ، ئايلاپ يىللاپ يازسام، سابىتجان ئۆزىنىڭ بىر رەسىمى ئارقىلىقلا مېنىڭ ئوي پىكىرلىرىمنى ئىپادىلەپتۇ» دېگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىكەن.
2011 يىلى 12-ئايدا چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ ئەسەرلىرى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 8 توم قىلىپ ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان. رەسسام سابىتجان باباجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، چىڭگىز ئايتماتوف ئەسەرلىرىدىكى ئوبرازلار ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ رەسىملەرنى سىزغان بولۇپ، ئۇ نەشر قىلدۇرغان بەش توملۇق رەسىم ئالبومىنىڭ بىرىگە مەخسۇس چىڭگىز ئايتماتوف ئەسەرلىرى ئۈچۈن سىزىلغان رەسىملىرى كىرگۈزۈلگەن.
چىڭگىز ئايتماتوف ئەسەرلىرىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى مۇھەببەت، دوستلۇق، ئۇرۇش دەۋرىدىكى سىناق ۋە قەھرىمانلىق، ھەمدە قىرغىزىستان ياشلىرى ئۇچراۋاتقان چەكلىمىلەر ۋە قەدىمكى ئۆرپ-ئادەتلەرگە بېغىشلانغان. ئۇنىڭ «جەمىلە» (1958)، «سەۋرى قامەتلىك دىلبىرىم»، «يەر ئانا» (1963)، «ئەلۋىدا گۈلسارە» (1966)، «ئاق پاراخوت» (1970)، «بالدۇر كەلگەن تۇرنىلار» (1975)، «ئەسىردىن ئۇزاق بىر كۈن» (1980)، «چىڭگىزخاننىڭ ئاق بۇلۇتى» (1990)، «كاساندىرا تامغىسى» (1995)، «تاغلار غۇلىغاندا» (2006) قاتارلىق پوۋېست، رومانلاردىن تەركىب تاپقان بىر قاتار ئەسەرلىرى 150 تىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغان.
سابىتجان باباجان ئەنە شۇ ئەسەرلەرنىڭ خېلى كۆپىدىكى پېرسوناژلارنى ئۆز رەسىملىرى ئارقىلىق بەدىئىي جەھەتتىن تەسۋىرلىگەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.