چىشەن گۇرۇھى: شەندۇڭ سىياھ بېلىقچىلىقىنى تەكشۈرۈشنىڭ باش-ئاخىرى

شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئارىلىشىپ قالغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بازىرىغا ئېكسپورت قىلىنىشى چەكلەنگەن

شىركەتلەر ۋە كەسىپداش مۇخبىرلار خىتايدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە باشقا كۆپلىگەن جىنايەتلەرنىڭ خىتاي بېلىقچىلىق پاراخوتلىرىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى قانداق پاش قىلغانلىقىمىزنى جىق سۈرۈشتە قىلغان ئىدى. بىز مۇشۇ تەلەپكە بىنائەن بۇ پاكىتلارنى ھەم ئۇلارنى قانداق توپلىغانلىقىمىزنى چۈشەندۈرىدىغان مەزكۇر سىن فىلىمىنى ئىشلەپ چىقتۇق.

بۇ سىن فىلىمى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل سەۋەب تۈپەيلىدىن «چىشەن گۇرۇھى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر شىركەتكە مەركەزلەشتى.

بىرىنچى، چىشەن گۇرۇھى دۇنيا دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدۇ. ئۇ خىتاينىڭ سىياھ بېلىقچىلىق ساھەسىدە تەنھا ھالدا ئەڭ مۇھىم رول ئويناۋاتقان خۇسۇسى شىركەتتۇر. بۇ شىركەتكە قاراشلىق «روڭچېڭ خەيبو دېڭىز مەھسۇلاتلىرى» ۋە «شەندۇڭ خەيدۇ ئوكيان مەھسۇلاتلىرى» ناملىق ئىككى تارماق زاۋۇت خىتايدىكى ئومۇمىي سىياھ بېلىقنىڭ 30 پىرسەنتىنى پىششىقلاپ ئىشلەيدۇ. چىشەن گۇرۇھى يەنە ئامېرىكىنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان بېلىقلىرىنىڭ 17 پىرسەنتىنى پىششىقلاپ ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ شىركەت ئاۋسترالىيە، بېلگىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، گىرېتسىيە، گوللاندىيە ۋە ئىسپانىيەگە ھەمدە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇھىم تارقاتقۇچىلىرىدىن بولغان «رۇگگىرىيو دېڭىز مەھسۇلاتلىرى» ھەم «دېڭىز مۇناسىۋەتلىرى شىركىتى» قاتارلىقلارغا ئۆزلىرىنىڭ سىياھ بېلىقلىرىنى ئېكسپورت قىلىدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە بۇ شىركەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى «پېرفورمانس يېمەكلىك گۇرۇھى» قاتارلىق ئاساسلىق يېمەكلىك تارقاتقۇچى شىركەتلەرنى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. مۇشۇ شىركەتنىڭ ئۆزىلا 300 مىڭدىن ئارتۇق سودا نۇقتىسىنى يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئىككىنچى، چىشەن گۇرۇھى كۆپ خىل دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ساھەسىگە چېتىلىدۇ: ئۇ ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ خىتايدىكى بەزى ئەڭ چوڭ پىششىقلاپ ئىشلەش ئەسلىھەلىرىگە مەنسۇپ بولغان 40 دانە بېلىقچىلىق پاراخوتىنىڭ ھەمدە تۇتۇلغان بېلىقلارنى توڭلىتىپ قىرغاققا توشۇيدىغان ئۈچ تىرانسپورت كېمىسىنىڭ ئىگىلىرىدۇر.

ئۈچىنچى، چىشەن گۇرۇھىنى ھەقىقەتەنمۇ يېقىندىن كۆزىتىپ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ. چۈنكى ئۇنىڭغا قاراشلىق زاۋۇتلارنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بولغان زىچ باغلىنىشى بارلىقىغا ئائىت دەلىل-ئىسپاتلار ئېشىپ-تېشىپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئارىلىشىپ قالغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بازىرىغا ئېكسپورت قىلىنىشى چەكلەنگەن.

ۋىي (Wee! ) ، پافكو (PAFCO) ۋە لاند (Lund’s) نىڭ بېلىقلىرى ناملىق بىرنەچچە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ماركىلىرىنىڭ چىشەن گۇرۇھىغا تەۋە بەزى زاۋۇتلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئاللىبۇرۇن ئۈزگەنلىكى دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. ئۆتكەن يىلدىن بۇيان خەيبو ۋە خەيدۇ شىركەتلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىشلەتكەنلىكىنى تەكرار ئىنكار قىلىپ كەلدى. سوئالىمىزغا قارىتا چىشەن گۇرۇھى سۈكۈتنى تاللىۋالدى. ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىشكە دائىر ئۇرۇنۇشلىرىمىز تور بېتىمىزنىڭ «مۇنازىرە» سەھىپىسىگە تولۇق قويۇلدى.

ھالبۇكى، مەسىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى چىشەن گۇرۇھىدىكى مەسىلىنىڭ يېگانە ئەھۋال بولماسلىقىدۇر. چۈنكى بىز تەكشۈرۈش جەريانىدا نۇرغۇن دېڭىز مەھسۇلاتلىرى شىركەتلىرىنىڭ ئوخشاش خاراكتېردىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە قانۇنسىز بېلىق تۇتۇشتەك كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەرگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق. راستىنى ئېيتقاندا، بۇ مەسىلىنىڭ بۇ قەدەر يامراپ كېتىشى دۇنيا دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ساھەسىنىڭ ئۆز تەمىنلەش زەنجىرىنى، بولۇپمۇ خىتايدىن ئۆتىدىغان تەمىنلەش زەنجىرىنى قانداق كۆزىتىش ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىپ كۆرۈشىنىڭ بەكمۇ زۆرۈر بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇنداقتا ئىجتىمائىي مۇپەتتىشلىك ۋە دېڭىز-ئوكيان مۇپەتتىشلىكى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلامدۇ؟ زامان بۇنىڭ جاۋابىنى بىزگە ئېيتىپ بېرىدۇ. ئەپسۇسكى چىشەن گۇرۇھىغا مەنسۇپ شىركەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن شىركەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەمىنلەش ھالقىلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ، شۇنىڭدەك قانۇنسىز بېلىق تۇتۇشتەك باشقا جىنايەتلەرنىڭ سادىر بولمىغانلىقىنى ئىسپاتلاشتا ئاشۇ خىلدىكى مۇپەتتىشلىككە تايانغان بولسىمۇ تەكشۈرۈشىمىز ئۇلارنىڭ بىردەك ئاشۇ خىل جىنايى قىلمىشلار بىلەن بۇلغانغانلىقىنى ئاشكارىلاش بىلەن خۇلاسىلەندى.

كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار بۇ خىلدىكى مۇپەتتىشلىكىنىڭ ئەڭ ياخشى شارائىتتا تاماملانغانلىقىدىن قەتئىينەزەر چوڭقۇر نۇقسانلارغا تولغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە (يەنى بۇ خىل مۇپەتتىشلىك خىتايدىن باشقا دۆلەتلەردىكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان زاۋۇتلاردا ۋۇجۇدقا چىققان تەقدىردىمۇ) . نۆۋەتتىكى تەكشۈرۈشىمىز بۇ خىلدىكى مۇپەتتىشلىك خىزمىتىنىڭ بېلىقچىلىق پاراخوتلىرىدا ياكى خىتايدىكى زاۋۇتلاردا ئېلىپ بېرىلغاندا تېخىمۇ كۆپ ساختىلىققا توشۇپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى خىتايدا ئۇچۇر ۋە ئۇچۇر مەنبەسى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش قاتتىق كونترول قىلىنىدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ياكى خىتاي شىركەتلىرىگە تەنقىدىي پىكىر بەرگەن مۇخبىرلار، ئەمگەك نازارەتچىلىرى ياكى غەيرىي ئاممىۋى شەكىلدىكى ئوكيان قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرقاندىقى خىتايدىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org