كىرىستوفېر سىمىس: «كورونا ۋىرۇسى مەسىلىسى خىتاينىڭ ‹ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتى› نى يوشۇرالمايدۇ»

0:00 / 0:00

ئامېرىكا توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى «ئىنسان تۇغۇلۇشىدىنلا باراۋەر، ئۇلار ئىززەت-ھۆرمەتتە ۋە ھوقۇقتا ئەركىن ۋە باراۋەردۇر» دېگەن شوئار بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر ئورگاندۇر. مەزكۇر ئورگان 30-ئىيۇل مەخسۇس خىتايدىكى دىنىي-ئىتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىسى بويىچە گۇۋاھلىق بېرىش يېغىنى ئاچتى.

مەزكۇر يىغىننىڭ تېمىسى «خىتايدىكى دىنى ئەركىنلىك: ئېپىسكوپ جېيمىس سۇ جىمىن دېلوسى» بولۇپ، توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جەيمىس سۇ جىمىن ئىسىملىك كاتولىك دىنى ئېپىسكوپ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 17 يىلدىن بىرى تۇتقۇندا ئىكەن.

يىغىن رىياسەتچىسى، پارلامىنېت ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىس ئەپەندى يىغىننى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن باشلىدى: «رەئىس شى جىنپىڭ: ئېپىسكوپ سۇ قەيەردە؟ بىز بۈگۈن مەخسۇس ئېپىسكوپ جەيمىس سۇ جىمىن دېلوسى ئۈستىدە توختىلىمىز. ئۇنى بىز ‹ۋىجدان مەھبۇسى› دەپ قارايمىز.»

كىرىستوفېر سىمىس خىتايدا خىرىسيتىيان، تىبەت بۇدىستلىرى ۋە ھازىر ئەڭ ئېغىر بولغىنى مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىي كىملىكى تۈپەيلىدىن زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. بۇ ھەقتە يىغىنغا نەق مەيداندىن قاتناشقان ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندى گۇۋاھلىق بەردى.

ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «خىتاي ھاكىمىيىتى ‹دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى› نى ئىشقا سېلىپ، بارلىق دىنلارنى نىشان قىلىۋاتىدۇ. ‹ئۈچ خىل كۈچ› كە قارشى تۇرۇش شوئارى ئاستىدا مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى يىغىۋېلىش لاگېلىرىغا قامىدى. ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر ئۇلارنىڭ دىنى-ئېتىقادى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. مەسىلەن، ساقال قويغان، ياغلىق ياكى رومال ئارتقانلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. ئەڭ دىققەت تارتىدىغىنى، خىتاي بۇ لاگېرلاردىكى كىشىلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتىدۇ. يەنى خىتاي قۇللۇق تۈزۈمىنى قايتىدىن تىرىلدۈرۈۋاتىدۇ. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ئىنستىتۇتى بۇ يىلنىڭ بېشىدا 80 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ پاختا-توقۇمچىلىق، ئېلېكترون ۋە باشقا ساھەلەردىكى كارخانىلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.»

كومىسسار نۇرى تۈركەل بۇ خىل سىياسەتنىڭ خىتايدا دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئېغىر توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقىنى، خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ خىتاينىڭ بۇ قوش بىسلىق سىياسەتنى توختىتىشىنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقى تەكىتلىدى.

پارلامىنېت ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىس كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن دۇنيانىڭ دىققىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدىن يۆتكىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، لېكىن خىتاينىڭ قىلمىشلىرىغا قايتىدىن قاراپ چىقىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «بىز قايتىدىن خىتاينىڭ نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. توغرا، ئەلۋەتتە كورونا ۋىرۇسى ئاپىتى بىلەن ئېلىشىۋاتىمىز. لېكىن شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا ‹ئىرقى قىرغىنچىلىق› ئېلىپ بېرىشىغا، مۇسۇلمانلارغا ۋە باشقا دىندىكىلەرگە زوراۋانلىق قېلىشىغا قاراپ تۇرساق بولمايدۇ.»

نۇرى تۈركەل ئەپەندى شى جىنپىڭنىڭ ھەتتا «قۇرئان» قاتارلىق مۇقەددەس دىنىي دەستۇرلارنى كوممۇنىستىك ئىدىيە بويىچە قايتىدىن تەرجىمە قىلدۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ بۇ قارارلىرىنى ئېلىشىغا سەۋەب بولغان مۇنداق ئىككى مەسىلە بار؛ بىرى، ئىسلام ۋە خرىستىئان دىنىنى كومپارتىيە غەربنىڭ دىنى دەپ قارايدۇ. ئۇ دىنلاردىكى ئەركىنلىك ۋە ئىنسان قىممىتى تەكىتلەنگەن ئىدېئولوگىيەلەردىن قورقىدۇ. ‹قۇرئان› نىڭ تېكىستىنى ئۆزگەرتىپ تەرجىمە قىلىش يېقىنقى بۇ ئېچېىنىشلىق رېئاللىقتىن خىلى بۇرۇنلا باشلانغان. ‹11-سېنتەبىر ۋەقەسى› دىن كېيىنكى دۇنيانىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان مۇئامىلىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىسىتراتىگىيلىك باستۇرۇشنى باشلىغان. يەنە بىر نۇقتا بولسا كومپاررتىيە ھازىرقى دۇنيانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە ئىسلام ۋە خرىستىئان دىنىنى شى جىنپىڭنىڭ دۇنياۋى لىدېر بولۇش ئىدىيەسىگە تەھدىت دەپ قارىغان. يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا دىنىدىن ۋاز كېچىشكە ۋە ‹قۇرئان› نىڭ ئورنىغا شى جىنپىڭنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلانغان.»

كىرىستوفېر سىمس نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ ‹11-سېنتەبىر ۋەقەسى› ھەققىدىكى تەھلىلىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «‹11-سېنتەبىر ۋەقەسى› يۈز بەرگەندە خىتاينىڭ سابىق پرېزىدېنت بۇش بىلەن تېرورىزىمغا قارشى بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئۇرۇشتىن قانداق پايدىلانغانلىقىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمىدىم. تىنچ، ئۆز ھالىدكى ئۇيغۇرلارنى قورقۇنچلىق قىلىپ كۆرسىتىشكە باشلىغان. مەن ئاشۇ ۋاقىتتا ئاقسارايغا تېلېفون قىلىپ، پرېزىدېنتنىڭ يېنىدىكى كىشىلەر ئارقىلىق خىتاينىڭ ‹بۇ ئۇرۇشتا بىز سىلەر بىلەن بىللە› دېگەن يالغىنىغا ئىشەنمەسلىكنى، ئۇلار بۇنى باھانە قىلىپ، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدىم.»

ئاخىرىدا نۇرى تۈركەل ئەپەندى مۇنۇ بىر قانچە تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: «بىرىنچىدىن، مەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن داۋاملىق دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدە خىتايغا بىسىم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلىمەن. ئىككىنچىدىن، بىزنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ، بولۇپمۇ ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ بىزگە قېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مېنىڭچە، ئۇلار تېخىچە خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان دىنىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچلىكىنى تونۇپ يەتمەيۋاتىدۇ. ئۈچىنچىدىن، مەن دۆلەت مەجلىسىنى ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئىلىش قانۇن لايىھەسى› نى تېزرەك ماقۇللاشقا چاقىرىمەن. قانۇن بولغاندىلا بىز زامانىۋى قۇللۇقنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز.»