DeepSeek نى چەكلەش بويىچە قانۇن لايىھەسىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىغان
2025.02.14
deepseek-qanun-cheklesh-1920 ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى ئەزاسى دېرىن لاخۇد (Darin LaHood) ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى جوش گوتخايمېر (Josh Gottheimer) DeepSeek نىڭ ھۆكۈمەت ئەسلىھەلىرىدە قوللىنىلىشىنى چەكلەش ئۈچۈن مەخسۇس بىر قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇرغان
Photo: RFA

مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ يېڭىدىن بازارغا سالغان «تېرەن تىنتىش» (DeepSeek) ناملىق سۈنئىي ئەقىل ئەپىنى بىخەتەرلىك ۋە پىكىر ئەركىنلىكى قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردىن زور تەھدىت دەپ قاراپ، ئاۋامنى ئۇنى ئىشلىتىشتىن ھەزەر ئەيلەشكە چاقىرماقتا. ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇ سۈنئىي ئەقىل ئەپى ھەققىدە تۈرلۈك تەنقىد ۋە غۇلغۇلا پەيدا بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى DeepSeek نى ھۆكۈمەت ئەسلىھەلىرىدىن چەكلەش ئۈچۈن قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇرغان.

 «NBC خەۋەرلەر» تورىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى ئەزاسى دېرىن لاخۇد (Darin LaHood) ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى جوش گوتخايمېر (Josh Gottheimer) DeepSeek نىڭ ھۆكۈمەت ئەسلىھەلىرىدە قوللىنىلىشىنى چەكلەش ئۈچۈن مەخسۇس بىر قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇرغان. دېرىن لاخۇد دۆلەت مەجلىسى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، DeepSeek شىركىتىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە چېتىشلىق شىركەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «ئۇنىڭ ئامېرىكاغا ئېلىپ كېلىدىغان دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەھدىتىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ» دېگەن. بۇ توغرۇلۇق ئاۋام پالاتا ئەزاسى گوتتېيمېر سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ DeepSeek ئارقىلىق ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ سەزگۈر سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئوغرىلىغانلىقىغا ئائىت كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان پاكىتلارغا ئىگە بولدۇق».

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ھېنرىك شاجىۋىسكى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى:

«مېنىڭچە، كىشىنى ئەندىشىلەندۈرىدىغىنى شۇكى، DeepSeek سۈنئىي ئەقىل ئەپى قوللانغۇچىلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئىگىلەپ، ئاندىن ئۇنى خىتاي كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ. ئۇ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەت بولۇپ، ئامېرىكادا چەكلەنگەن. ناھايىتى روشەنكى، بۇ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسىلىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىر باشقا دۆلەتلەر Deep Seek نى چەكلىدى ۋە چەكلەۋاتىدۇ. بولۇپمۇ كورېيە، ئىتالىيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۇنى ھۆكۈمەت ئۈسكۈنىلىرىدە ئىشلىتىشنى چەكلىدى. شۇڭا مېنىڭچە، بۇ يەردە نەزەردە تۇتۇلغان مۇھىم مەسىلە، دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسىلىسىدۇر».

چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋە ئانالىزچى تېڭ بياۋ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ خىتاينىڭ بۇ سۈنئىي ئەقىل ئەپىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرۇشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى:

«ئۇنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتە نۇرغۇن يوچۇقلىرى بار، چۈنكى ئۇنىڭ لايىھەلىنىشىدىن قارىغاندا، بۇ ئەپ قوللانغۇچىلارغا ئالاھىدە ئېغىر بىخەتەرلىك خەۋپى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ ئەپ يەنە ئابونتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى، شەخسىي مەخپىيەتلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە تېخنىكا بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇ بىر قىسىم ئابونتلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى خىتايغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئۇنى خىتايدىكى بەلگىلىك شىركەتلەر ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى كونترول قىلىدۇ. ئۇنىڭدا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم بىئو-تېخنىكا، ھەتتا بىئولوگىيەلىك قورال ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىش خەۋپى يۈز بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل سىياسىي تەشۋىقاتلار ئارقىلىق، مېڭە يۇيۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا بۇ ئەپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئابونتلار ئۈچۈنمۇ خەتەرلىك.»

دەرۋەقە، بۇ ھەقتىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سانلىق مەلۇمات قوغداش ۋە تور بىخەتەرلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان Feroot ناملىق تور بىخەتەرلىك شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئىۋان تسارىننىين، DeepSeek سۈنئىي ئەقىل پاراڭلىشىش دېتالىدا غەرەزلىك يوشۇرۇن كود بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭدەك، بۇ سۈنئىي ئەقىل ئەپىنى تەكشۈرگەندە ئۇنىڭ ئابونتلارغا دائىر ئۇچۇرلارنى ئامېرىكادا چەكلەنگەن ۋە خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى خىتاي كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىگە يوللىيالايدىغانلىقىنىڭ مەلۇم بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شىۋېيتسارىيە دۆلەتلىك تېلېكوم شىركىتىنىڭ بۇلۇت تېخنىكا مەسلىھەتچىسى دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت، DeepSeek سۈنئىي ئەقىل ئەپىنىڭ بىخەتەرلىكى ھەققىدە سۆز بولغاندا، ئۇنىڭ تېخنىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى، قوللىنىلىش شەكلى ۋە خەۋپلىرى توغرۇلۇق تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، DeepSeek سۈنئىي ئەقىل ئەپىدە قوللىنىلىدىغان مەزمۇنلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانداق شەكىلدە كونترول قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت يەنە، ھازىر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۈچلۈك دىققەت قوزغاۋاتقان DeepSeek سۈنئىي ئەقىل ئەپىنى قوللانغاندا، كىشىلەر دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ ئۆتتى.

مۇتەخەسسىسلەر نۆۋەتتە، DeepSeek سۈنئىي ئەقىل ئەپىنى قوللانغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سەزگۈر شەخسىي سانلىق مەلۇماتلىرى، مالىيە ئۇچۇرلىرى، سودا مەخپىيەتلىكى ۋە ساقلىقنى ساقلاشقا ئائىت ئۇچۇرلىرىنى ئۇنىڭغا كىرگۈزۈشتىن ئېھتىيات قىلىشنى جىددىي ئاگاھلاندۇرماقتا. ۋاھالەنكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر، بۇ ئەپنىڭ يەنە پىكىر ئەركىنلىكىگىمۇ زور تەھدىت ئىكەنلىكى تەكىتلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنىڭ DeepSeek نى ھۆكۈمەت ئەسلىھەلىرىدىن چەكلەش ئۈچۈن قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرۇشى، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە مەلۇم تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ، دەپ قارىماقتا.

ھېنرىك شاجىۋىسكى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەلۇم بولغىنىدەك، ھازىر ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا سودا ئۇرۇشى بولۇۋاتىدۇ. بۇ سودا ئۇرۇشىنىڭ بىر تەرىپى ئەلۋەتتە تېخنىكا. بىز TikTok نىڭ سانلىق مەلۇماتنى قانداق باشقۇرىدىغانلىقىغا بولغان ئەندىشىدىن ئۇنىڭ قانداق نىشانلانغانلىقىنى كۆردۇق. شۇڭا مېنىڭچە تېخنىكا ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن رىقابەتلىشىدىغان بىر ساھەسى بولۇشى ئېنىق. خىتاي ھەر ۋاقىتتىكىدەك بۇ مەسىلىدە تېخنىكىنى سىياسىيلاشتۇرماسلىق كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا، ئەمما ئۇلار بۇ يولدىن ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ بولدى، دەپ قارايمەن.»

تېڭ بياۋنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنىڭ DeepSeek نى ھۆكۈمەت ئەسلىھەلىرىدىن چەكلەش ئۈچۈن قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇرۇشى، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى ناچارلاشتۇرىدىغان يېڭى بىر ئۆرنەك بولىدىكەن:

«ئومۇمىي مۇھىت ۋە ۋەزىيەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە سىياسىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر بولدى. بۇ ئۆزگىرىشلەرنى ئۆزگەرتىش تەس. باشقىچە ئېيتقاندا، مەيلى DeepSeek نى چەكلەش توغرىسىدا قانۇن لايىھەسىنىڭ بار-يوقلۇقىدىن قەتئىينەزەر، گەرچە كىرىزىسلارنى كونترول قىلىش ئۈچۈن بەزى تىرىشچانلىقلار بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى پەسكويغا يۈزلىنىپ، بارا-بارا ناچارلاشماقتا. مەيلى ئىقتىساد، سودا، تېخنىكا، ۋە دىپلوماتىيە قاتارلىق تەرەپلەردە بولسۇن، قارشىلىشىش ۋە توقۇنۇشلار كۈنسېرى كۆپەيمەكتە. شۇڭلاشقا، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى، خەلقئارا چوڭ مۇھىتتا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر يېڭى مىسالىدۇر.»

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «مۇستەقىللىق» گېزىتىنىڭ 12-فېۋرال ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىگە قارىغاندا، DeepSeek قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا 3 مىليون قېتىمدىن ئارتۇق چۈشۈرۈلگەن. ھالبۇكى، بۇ سۈنئىي ئەقىل ئەپى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان زوراۋانلىق سىياسىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا تامامەن خىتاينىڭ تەشۋىقات يۆنىلىشىگە ئاساسەن جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئىنكار قىلغان، يوشۇرغان ياكى بۇرمىلىغان. نۆۋەتتە مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك تەشۋىقات قورالىغا ئايلانغان DeepSeek نىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرىدىغان قورالغا ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.