دەريابويىدىكى ئۇيغۇرلار قۇملۇقتىن ھۇزۇر ۋە بەخت تېپىپ ياشاپ كەلگەن

0:00 / 0:00

تۆت ئەتراپى قۇملۇق، قاتناش قولايسىز بولۇشتەك شەرت-شارائىتلارنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلى ھازىرقى زامان تەرەققىياتىدىن يىراق قالغان، ئەمما قەدىمدىن تارتىپ قۇملۇققا ماس ياشاش ئۇسۇلىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن دەريابويى يېزىسىدىكى 1000دىن ئارتۇق ئاھالە ئەسلى يۇرتىدىن 100 كىلومېتىرچە يىراققا قۇرۇلغان ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يېڭى مەھەللىسى» گە كۆچۈرۈلگەن. ئۇلارنىڭ ئەسلى يۇرتى بولغان دەريابويى قەدىمىي ۋە ئۆزگىچە قۇرۇلۇش توپلىرى ۋە توغراقلىق مەنزىرىسى بىلەن خىتاي ئىچى ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈنلا ساقلاپ قېلىنغان.

قەيەرنىنى كولىسا شۇ يەردىن سۇ چىقىدۇ

دەريابويىدىكى قەدىمىي تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ساقلاپ كەلگەن خەلقنىڭ ئىلگىرىكى ھاياتى ھەققىدىكى سۈرەتلىك ماتېرىياللاردا بۇ يەر مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ: تۆت ئەتراپتا زۇمچەك-زۇمچەك قۇم بارخانلىرى؛ دەريا ئېقىننى بويلاپ ئورۇنلاشقان يېرى كەڭ قەدىمىي مەھەللە؛ ئۇ يەر، بۇ يەردە يۇلغۇن شاخلىرى ياكى قومۇشنى ئاددىيلا باغلاپ، نېپىز سۇۋاپ سېلىنغان قومۇشلۇق ئۆيلەر؛ ئېلېكتىر بولمىغان، ئەمما ھېچقاچان ئوتى ئۆچمەيدىغان كىچىك ئوچاقلار. ئۆيلەر ئالدىدا ئەركىن يۈرۈيدىغان قوي، ئۆچكە، ئىشەك ۋە باشقا ئۆي ھايۋانلىرى، يەر ئاستى سۈيىنى تارتىدىغان قۇدۇق، تەبىئىي ئوتلاق، تەبىئىي توغراقلىق ئورمىنى. يىل بويى يامغۇر ياغمايدىغان قۇرغاق، ئەمما ساپ ھاۋا، ئۆزگىچە مۇھىت ۋە باشقىلار. . .

مەخسۇس ئۇيغۇر ئۈرپ-ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئىلگىرى كۆپ قېتىم دەريابويىغا بارغان، ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان دوكتور مەتتۇرسۇن بەيدۇللانىڭ ئەسلى يۇرتى كېرىيە. ئۇ خىتاينىڭ دەريابويىدىكى يەرلىك خەلقنى كۆچۈرۈشتە «بۇ جاي قۇرغاق، سۇ يوق» دېگەندەك كۆرسەتكەن باھانىلىرىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «دەريا بويىنىڭ يەر ئاستى بايلىقى ئىنتايىن مول، قەيەرنى كولىسىلا شۇ جايدىن سۇ چىقىدۇ،» دېدى.

دەريا بويىلىقلار خاتىرجەم بەختلىك ياشاپ كەلگەن

دوكتور مەتتۇرسۇن بەيدۇللا ئەمەلىيەتتە دەريابويى ئاھالىسى خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا ئېيتىلغاندەك يوچۇن بىر خەلق بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ كېرىيەلىكلەرنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئاساسىي ئېقىمدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ قويمىغانلىقىنى، بۇ يەردىكى يەرلىك خەلقنىڭ مەنىۋىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ كېرىيە بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىلگىرى كۆپ قېتىم دەريابويىغا بارغان ۋە ئۇلار بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولغان، ھازىر تۈركىيەگە يەرلەشكەن مەتقاسىممۇ ئوخشاشلا دەريابويىدىكى ئىجادچان، ھاياتى كۈچكە باي خەلقنىڭ ھېچقاچان سىرتقى دۇنيا بىلەن ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ قويمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەتقاسىمنىڭ تەسۋىرلىشىگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ تەبىئىي ياشاش مۇھىتى بىر ئاز ئۆزگىچە بولسىمۇ، ئەمما يەر ئاستى سۇ بايلىقى مول ئىكەن. خەلق چارۋىچىلىقتىن باشقا يەنە قۇملۇقنىڭ ئۇلارغا ھەدىيە قىلغان توشقان زەدىكىگە ئوخشاش قىممەتلىك يەرلىك دورا ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىپ، ئۇنى كېرىيە بازىرىدا سېتىپ كىرىم قىلىدىكەن. ئۇلار تاپقان كىرىمىگە يىللىق ئوزۇق-تۈلۈك سېتىۋېلىپ، تاپقىنىدىن تەڭ مەنپەئەتلىنىپ، غەم-غۇسسىدىن خالى، ئىمان-ئېتىقادى بىلەن خاتىرجەم ياشاپ كەلكەن ئىكەن. ئۇلار ئاساسەن ناھايىتى ساغلام ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرۈدىكەن. شۇڭا دەريابويى خەلقى كۈندە كۈمەچ كۈمۈپ يەيدىغان ئاددىيغىنا ھاياتىدىن ئىنتايىن مەمنۇن ئىكەن. ئۆزلىرىنى ھېچقاچان نامرات ھېس قىلمايدىكەن. ئۇلار ھەتتا كېرىيە ۋە باشقا جايلارغا كۈچۈش ئىمكانىيىتى بولغان تەقدىردىمۇ، كۆچۈشنى ئويلىمايدىكەن.

مەتقاسىمنىىڭ «دەريا بويىدىكىلەر ئەڭ خاتىرجەم، بەختلىك كىشىلەر ئىدى» دەپ تەسۋىرلىشىگە قارىغاندا، ئەسىرلەردىن بۇيان دەريابويى ئاھالىسىنىڭ يۇرتىنى تەرك ئەتمەسلىكىنىڭ سىرى دەل ئۇلارنىڭ ئەنە شۇ ئالاھىدە مۇھىتتىن تاپقان خاتىرجەم ۋە ھۆر ھاياتقا بولغان چوڭقۇر سۆيگۈسى بولسا كېرەك.

دەريابويىنىڭ جۇغراپىيىلىك ۋە ئېكولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدىكى «ئىزدە» قانىلىدا مۇنداق مەلۇماتلار ئۇچرايدۇ: «دەريا بويىنىڭ ئومۇمىي يايلاق كۆلىمىنىڭ 600 مىڭ مودىن ئاشىدۇ، ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن توشقان زەدىكى، چۈچۈكبۇيا قاتارلىق دورا ماتېرىياللىرى بار، يەنە ياۋا توڭگۇز، جەرەن قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار بار. يېزا بويىچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ئاساس قىلىنىدۇ، ھازىر بىر كەنت ئاھالە كومىتېتى، ئالتە كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار.»

دەريابويى شۇ جاينى ماكان تۇتقان ئاددىي ئىنسانلار بىلەن گۈزەل

دەريابويى خەلقىنىڭ دەريا، قوملۇق، يايلاق، قومۇشلۇق، يۇلغۇن ۋە توغراققا باغلانغان مۇھىتقا ماس ھالدا يېتىلدۈرگەن ياشاش ئىقتىدارى ھەمدە تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن باشقا يەنە قانداق مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەت ئالاھىدىلىكلىرى بار؟ ئۇلار ھازىرقى زامان كىشىلىرى بىلەن راستىنلا زور پەرقلەرگە ئىگىمۇ؟

مەتقاسىمنىڭ تەسۋىرلىشىچە، دەريابويىدىكى ئۆيلەر تارقاق بولسىمۇ، ئەمما توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراقلار بولۇپ قالسا، بەزىلىرى ئىشەك بىلەن ئىككى ئۈچ كۈندە كېلىدىغان ئارىلىقتا بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈن ئاھالە بىر يەرگە جەم بولالايدىكەن. ئۇلار شۇ توي سورۇنىدا كېيىنكى قېتىملىق توي ياكى ئوپچە مۇراسىملارغا ئاغزاكى تەكلىپ قىلىنىدىكەن. ئاددى، ئەمما مەرت، مېھماندوست دەريابويى خەلقى تاپقىنىنى تەڭ يەپ، خوشاللىقى ۋە قايغۇسىنى تەڭ تارتىپ، ئىناق-ئىتتىپاق ياشايدىكەن. ئۇلارنىڭ تىلى، كۆڭۈل ئېچىش مۇراسىملىرى ۋە ناخشا-ئۇسسۇللىرىمۇ ئاساسىي ئېقىمدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىردەك ئىكەن.

كىرىيەلىك مەتقاسىم دەريابويىدا بىر قانچە ئايلاپ شۇ جايدىكى باغرى كەڭ، مېھماندوست خەلق بىلەن بىللە ياشاش جەريانىدا، بۇ جايدىكى خەلقنىڭ ساددا، ئەمما زېرەك، يېڭىلىققا ۋە سىرتقىي دۇنيادا نېمىلەر بولۇۋاتقانلىقىغا ئىنتايىن قىزىقىدىغان خەلق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە دەريابويىلىقلارنىڭ يېڭى ئۇچرلارغا ئاندا-مۇندا كېلىپ كېتىدىغانلاردىن باشقا، رادىيو ئاڭلاش ئارقىلىق ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

دوكتور مەتتۇرسۇن بەيدۇللا خىتاينىڭ دەريابويى خەلقىنى مەجبۇرىي كۈچۈرۈشىنىڭ ئارقىسىدا ئۇلار ساقلاپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مول قەدىمىي مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى يوقىتىش غەرىزىنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە گەرچە دەريابويىنىڭ تۆت ئەتراپى قۇم بىلەن ئورالغان بولسىمۇ، ئەمما يەر ئاستى بايلىقى مول، سۇ مەنبەسى ۋە نېفىت زاپىسى باي بىر ماكان ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ كەڭرى زېمىنغا مەڭگۈلۈك ئىگە بولۇشتەك سۈيقەستىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ: «دەريابويى شۇ يەردە ياشىغان ئادەملەر بىلەن گۈزەل. خەلقنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا ئۇلارنى كۈچۈرۈش تەرەققىيات ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ نورمال ھاياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتۇر،» دېدى.