1-ئىيۇل كۈنى فىرانسىيەنىڭ داڭلىق خەلقارالىق قانىلى «فىرانسىيە 24» خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100-يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن بىر مەيدان تېلېۋىزىيە مۇنازىرە پىروگراممىسى ئورۇنلاشتۇرغان.
مەزكۇر پىروگرامما نەق مەيداندىن تارقىتىلغان بولۇپ، پروگراممىغا ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنسىتىتۇتىنىڭ مەسئۇلى دوكتۇر دىلنۇر رەيھان خانىم بىلەن خىتاي-فىرانسىيە سودا كابىنېتىنىڭ مۇدىرى چۈن يەنلى تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.
مەزكۇر پروگراممىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتلىرىنى تەكرارلىغان چۈن يەنلى بىلەن دوكتۇر دىلنۇر رەيھان ئوتتۇرسىدا بىر مەيدان كەسكىن مۇنازىرە بولغان.
دوكتۇر دىلنۇر رەيھان خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر پىروگرامما ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
مەزكۇر پىروگراممىنىڭ مۇنازىرە تېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، خىتاي-فىرانسىيە سودا كابىنېتىنىڭ مۇدىرى چۈن يەنلى دوكتۇر دىلنۇر رەيھاننىڭ بايانلىرىغا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي تەشۋىقات مېتۇدى بىلەن رەدىيە بىرىشكە ئۇرۇنغان. چۈن يەنلى پروگرامما جەريانىدا «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى ئامىرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى ئويدۇرۇپ چىققان» دەپ جار سالغان.
دوكتۇر دىلنۇر رەيھان خانىمنىڭ كۈچلۈك رەدىيەلىرىگە چىدىمىغان چۈن يەنلى رىياسەتچىنىڭ توسقۇنلىقىغا قارىماي پروگراممىغا قاتناشقان مۇتەخەسىسلەرنىڭ سۆزىنى ئۇششۇقلۇق بىلەن قايتا-قايتا تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان.
مەزكۇر پىروگراممىنى نەق مەيداندىن كۆرگەن كۆرۈرمەنلەر خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتلىرىنى تەكرارلىغان ۋە تېلېرۋىزىيەدىكى نەق مەيدان مۇنازىرە ئەخلاقىغا پىسەنت قىلمىغان چۈن يەنلىدىن بەكمۇ بىزار بولغان. بولۇپمۇ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» مەسىلىسى دېموكراتىك دۆلەتلەر تەرىپىدىن تۇشمۇ-تۇشتىن ئېتىراپ قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە، فىرانسىيەنىڭ داڭلىق ئاخباراتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن قويۇق ئالاقىسى بار كىشىلەرنى تېلېۋىزىيەگە تەكلىپ قىلىپ خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاقلىشىغا يول قويۇلۇشى نۇرغۇن بەس-مۇنازىرىلەرگە سەۋەپ بولغان.
دىلنۇر رەيھان خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىگە ئوخشاش مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان بىر مەسىلىدە «فىرانسىيە 24» قانىلىنىڭ خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىنى تەكرارلايدىغان چۈن يەلىدەك كىشىلەرگە سۆز قىلىش پۇرسىتى بېرىشىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.
فىرانسىيە تۇرۇشلۇق ئابدۇۋەلى ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، بۇ قېتىملىق مۇنازىرە پىروگراممىسىنىڭ قوزغىغان تەسىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتى كۆپلىگەن دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشمەكتە. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل سىياسىي ۋەزىيەتتە خىتاينىڭ غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتلىرىنى ئېلىپ بېرىشى بۇرۇنقىدەك ئوڭايغا توختىمايدىكەن، خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاقلىماقچى بولغانلار تېخىمۇ قاتتىق ئەيىبلىنىدىكەن.