خىتاي ئەلچىخانىسى پائالىيەتچى دىلنۇر رەيھان ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلغان
2023.01.17
ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى، ياۋروپادا بولۇپمۇ فىرانسىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇتۇشتا ھالقىلىق رول ئويناۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى دوكتور دىلنۇر رەيھان 12- يانۋار كۈنى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇسى ئارقىلىق پارىژدىكى خىتاي ئەلچىخانىىسنىڭ ئۆزىنى سوتقا ئەرز قىلغانلىقنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن يىلى ئۆتكۈزۈلگەن بىر بايرامدا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەشۋىقات لوزۇنكىلىرىغا قىزىل بوياق چېچىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى سوتقا ئەرز قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، 2022-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە فىرانىسىيەنىڭ برىتىگني (Brétigny) شەھىرىدە «ئىنسانپەرۋەرلىك بايرىمى» ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر فېستىۋالغا خىتاي ئەلچىخانىسىمۇ تەكلىپ قېلىنغان. فىرانسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى تۋىتتېردا، مەزكۇر فېستىۋالدا ئۈچ كۈنلۈك كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، فىرانسىيە يېشىللار پارتىيەسى ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ چېدىرى ئالدىغا كېلىپ، ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نامايىش قىلغان.
نامايىشقا قاتناشقان دىلنۇر رەيھان خانىم ۋە لاگېر شاھىتى گۈلباھار جەلىلوۋا خانىم خىتاي ئەلچىخانىسى قۇرغان چېدىر ئالدىدىكى تەشۋىقات لوزۇنكىسى ۋە ئۈستەللەرگە قىزىل رەڭلىك بوياق چىچىۋەتكەن. دىلنۇر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە ئەينى ۋاقىتتا ئۇ تەشۋىقات لوزۇنكىلىرىغا رەڭ چىچىۋاتقاندا چېدىر ئالدىدىكى خىتاينىڭ ئامانلىق قوغداش خادىمى تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. تارتىشىىش جەريانىدا دىلنۇرنىڭ قولىدىكى رەڭ ئۆزىنىڭ كىيىمىگە چاچراش بىلەن بىرگە خىتاي خادىمنىڭمۇ ئۈستى- بېىشىغا چېچىلغان.
دىلنۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە خىتاي ئەلچىخانىسى مەزكۇر ۋەقەدىن كېيىن، يەنى ئۆتكەن يىلى 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى دىلنۇرنى سوتقا ئەرز قىلغان. لېكىن «ئىنسانپەرۋەرلىك بايرىمى» ئۆتكۈزۈلگەن رايوننىڭ ساقچىسى 12-ئاينىڭ ئاخىرلىرى دىلنۇر بىلەن ئالاقىلاشقان ۋە ساقچىخانىغا كېلىشى كېرەكلىكنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن تۈنۈگۈن، يەنى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى دىلنۇر ئۆزى بىلەن ئالاقىلاشقان ساقچىخانىغا بېرىپ ساقچىلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋاللار ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.
بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقساڭلار، دىققىتىڭلار دىلنۇر بىلەن ئۆتكۈزگەن تۆۋەندىكى سۆھبىتىمىزدە بولسۇن.