ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچ قېتىم كوللېكتىپ ئىپتارلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
2017.06.19

ئۇيغۇر خەلقى 2017-يىللىق رامىزاننى خىتاينىڭ ئەڭ قاتتىق دىنىي چەكلىمىسى ئاستىدا كۈتۈۋالدى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى، شۇ جۈملىدىن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى رامىزان كىرگەندىن بۇيان 3 قېتىم كوللېكتىپ ئىپتارلىق ئۆتكۈزۈپ، ھۆر دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان جامائەتچىلىك روھىنى، دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى نامايان قىلدى.
ئۆتكەن جۈمە، يەنى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن پايتەخت ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى يەنە بىر قېتىملىق كوللېكتىپ ئىپتارلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
ئىپتارلىق باشلىنىپ، ئېغىز ئېچىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە «ئۇيغۇر خەلقى خىتاينىڭ قاتتىق دىنىي چەكلىمىسى ئاستىدا بۇ يىللىق رامىزاننى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر شارائىتتا، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر جايغا جەم بولۇپ كوللېكتىپ ئىپتارلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى.
ئىلشات ئەپەندى، بىر يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان رامىزان ئېيىدا جامائەتنىڭ بىر جايغا جەم بولۇپ كوللېكتىپ ئىپتارلىق ئۆتكۈزۈشىنىڭ دىنىي جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئەنئەنىلىرىنى ئۆگىتىشتە ۋە ئۇلارنىڭ جامائەتچىلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈشتە سەل قاراشقا بولمايدىغان رولى بارلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىلشات ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا رامىزان ئاخىرلىشىشى بىلەن جامائەتنىڭ يەنە بىر قېتىم جەم بولۇپ، بۇ يىللىق روزا ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئىپتارنىڭ ئاخىرىدا جامائەت دىنىي بىلىم ئادەملىرىدىن ئابلىكىم ئىدرىسنىڭ رىياسەتچىلىكىدە دۇئاغا قول كۆتۈردى. ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ بۈگۈنى ھەم كېلەچىكى شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن ئوقۇلغان تەسىرلىك دۇئا جامائەتنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى.
ئىپتارلىق پائالىيىتىگە قاتناشقان كىشىلەردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق باش كاتىپى نۇرمۇھەممەت مۇساباي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، «ھازىرقى پەۋقۇلئاددە شارائىتتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۆپرەك جەم بولۇپ، ئىپتارلىق ۋە كولېكتىپ ئىبادەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشى مەيلى مىللىي ئىتتىپاقلىق، دىنىي ئەقىدە ياكى پەرزەنتلەرگە بېرىلىدىغان تەربىيە نۇقتىسىدىن بولسۇن، ئىنتايىن زۆرۈر» دېدى.
ئاخىرىدا سۆز قىلغان ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندى «نۆۋەتتە ۋەتەندىكى قىيىن شارائىت بىلەن سېلىشتۇرما قىلغاندا، ئەركىن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كوللېكتىپ ئىپتار، كوللېكتىپ دۇئا ۋە كوللېكتىپ ئىبادەت قىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ھەم مىللىي روھىغا كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ» دېدى.