خىتاي دىنىي ئىشلار رەھبىرى دىنىي رادىكاللىققا قارشى كۈرەش قىلىشنى تەكىتلىدى

0:00 / 0:00

خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ 10-قېتىملىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 26-نويابىر كۈنى بېيجىڭدا باشلىنىپ، 28-نويابىر كۈنى ئاخىرلاشقان. يىغىندا ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ يېڭى رەھبەرلىكى تۈزۈلگەن بولۇپ، 20 كىشى مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلانغان.
خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ تورىدىكى تەپسىلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا يەنە «خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى نىزامنامىسى(تۈزىتىش لايىھىسى)» قاتارلىق ھۆججەتلەر ۋە قارارلار قوبۇل قىلىنغان، خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىس ۋە باش كاتىپلىق ئورنىغا تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى سايلانغان.

خەلقئارا ۋە خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا سۆزلەنگەن نۇتۇقلاردا دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش ۋە ئىسلام دىنىنى «جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆلىنىشىدە تۇرۇش» تەكىتلەنگەن. بۇ ھەقتە چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئىنكاس قايتۇردى.

خىتاينىڭ 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئىسلام دىنى ۋەكىللەر ئومۇمىي يىغىنىدا دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش تەشەببۇسى قايتا تەكىتلەندى.

ب ب س ۋە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ 28-نويابىردىكى خەۋەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 26-نويابىر باشلانغان خىتاي ئىسلام دىنى مەملىكەتلىك 10-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا دۆلەت دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن سۆز قىلىپ، ئىسلام رادىكال ئىدىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە باشقا خىتاي ئۆلكىلىرىگە سىڭىپ كىرىشىدىن ھوشيار بولۇشىنى تەكىتلىگەن.

ۋاڭ زوئەن مۇنداق دېگەن: «دىنىي رادىكاللىقنىڭ شىنجاڭ رايونى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە سىڭىپ كىرىش يۆنىلىشىگە يۈكسەك دەرىجىدە دىققەت قىلىش كېرەك».

ۋاڭ زوئەن سۆزىدە يەنە: «دىنىي رادىكاللىق ئىدىيىسى بولسا زوراۋان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىدىيىۋى ئاساسىدۇر. ئۇ جۇڭگونىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا زىيانكەشلىك قىلدى» دېگەنلەرنى تىلغا ئالغان. بىراق، ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرى، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ئاساسىي ئامىلنىڭ رادىكال ئىسلامىزم ئەمەس، بەلكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دىنىي بېسىملىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. خەلقئارا مەتبۇئاتلارمۇ ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي-ئۇيغۇر ئارىسىدىكى زىددىيەتلەر ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى رادىكال قارشىلىقلارغا خىتاينىڭ دىنىي جەھەتتىكى چەكلىمە سىياسەتلىرىنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن. گېرمانىيەدىكى دىنىي زاتلاردىن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇنھاجىم بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرى ۋە زىيالىيلىرى ئىسلام دۇنياسى بىلەن قويۇق ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ھەمكارلىقلارنى قانات يايدۇرۇۋاتقان خىتاينىڭ ئۆز دۆلىتىدە ئىسلام دىنىنىڭ نورمال تەرەققىياتىغا ئېغىر توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ خۇسۇستا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاينىڭ دىنىي بېسىملىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇنھاجىم، خىتاينىڭ ئىسلام ئەللىرىدە سىياسىي، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلار ئېھتىياجىدىن ئۆزىنى ئىسلامنىڭ دوستى شەكلىدە كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىسلام ئۈممىتى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ب ب س خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، ۋاڭ ئەپەندى ئۆز نۇتقىدا يەنە «ئىسلام دىنىدا جەمئىيەتتىكى زور ئۆزگىرىشلەرگە ئەگىشىپ يېڭى ئەھۋال ۋە زىددىيەتلەر كېلىپ چىقتى. ئىسلام دىنىي زاتلىرىنىڭ مەيدانى قەتئىي ھالدا دىنىي رادىكاللىق ئىدىيىسىگە، بۆلگۈنچىلىككە، رادىكاللىق ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا بولسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىنى تىزگىنلەشنىڭ بىر قورالى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرى، ئەركىنلىكى يولىدا كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى رادىكاللىق، تېررورلۇق بىلەن قارىلاپ باستۇرۇۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ ھادىسىلەردىن خەۋەرسىز ئەمەسلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋاڭ ئەپەندى 10-نۆۋەتلىك ئىسلام دىنى يىغىنىدا يەنە «جۇڭگو ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچە قىلىش نىشانىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە ئىسلام دىنىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى ساقلاش، ئىسلام دىنىنىڭ تۈرلۈك ئېقىملىرىنى توغرا تونۇش، چەتئەلنىڭ قىممەت قارىشىنى مىزان قىلىپ نىشاننى يوقىتىپ قويماسلىق» نى تەكىتلىگەن.

دىنىي زاتلاردىن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇنھاجىم بولسا، ئىسلامنىڭ غەربچە، شەرقچە، خىتايچە، دەيدىغان ۋارىيانتلىرى يوقلۇقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ۋاڭ ئەپەندى 10-نۆۋەتلىك ئىسلام دىنى يىغىنىدا ھەج ئىشلىرى توغرىسىدا قىلغان سۆزىدە، خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج نىسبىتىنىڭ كۆپلۈكىنى ۋە خەلقئارا ئۆلچەمگە يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى تەكىتلەپ، بەسلىشىپ، قەرز ئېلىپ، كېسەلمەن ھالەتتە ھەج قىلىشتەك ئەقىلسىزلىكلەردىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلغان. ھالبۇكى، ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەج ئىشلىرىنىڭ ئىزچىل ھالدا ئېغىر توسالغۇلارغا يولۇقۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.