دىنىي پائالىيەتلەرنى يەرلىك مەخسۇس كومىتېتلارغا مەلۇم قىلىش تۈزۈمى پۈتۈن ئۇيغۇر يېزىلىرىغا كېڭەيتىلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.12.05
qaramay-diniy-zat.jpg دىننى زاتلار ۋە دىننى خىزمەتكە مەسئۇل خادىملار قاتناشقان دوكلات يىگىنىدىن كۆرۈنۈش. 2007-يىلى قاراماي.
RFA/Éhsan

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئۇيغۇر ئىلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى ئاھالىلەر رايونى ۋە يېزا كەنتلەردە مەھەللىۋىي دىنىي كومىتېتلارنى تەسىس قىلىپ، نەزىر-چىراغ، نىكاھ، خەتمە قۇرئان، سۈننەت توي، مەۋلۈت قاتارلىق دىنىي تۈس ئالغان بارلىق پائالىيەتلەرنى ئالدىنئالا دىن كومىتېتلارغا مەلۇم قىلىش ۋە شۇلارنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشنى يولغا قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە، نەزىر-چىراغ، سۈننەت توي ياكى نىكاھ ۋە خەتمە- قۇرئان ئوقۇتىدىغانلار يەرلىك دىنىي ئىشلار كومىتېتلىرىنى دىنىي پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى، مەقسىتى، چاقىرىلىدىغان مېھمانلارنى سانى قاتارلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» بۇ يىل 22‏-نويابىر بەرگەن خەۋىرىدە، بۇ بەلگىلىمىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر رايونىغا كېڭەيتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۇ يىل قېينى-ئاتىسى ۋاپات بولغان ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم بىر بازاردا ئولتۇرۇشلۇق بىر خانىم، خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆز ئىدارىسىگە مەلۇم قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇيغۇر ئايال: رۇخسەت ئېلىپ قىلارمىز ھەققىچان ئۇنى. مېنىڭ بالام 14 ياشقا كىردى، خەتمە تويىنى قىلىپ بولغىنى نېۋاق. لېكىن قېينى-ئاتام ئۆلۈپ كېتىپ نەزىر قىلغان، مەكتەپنىڭ خەۋىرى بار. نەزىرنى 4‏-ئايدا قىلدىققۇ، دەيمەن.

مۇخبىر: ئاھالىلەر ئىش باشقارمىسى ياكى مەھەللە ھۆكۈمەتكە خەۋەر قىلدىڭلارما، مۇنداق نەزىرىمىز بار، دەپ؟

ئۇيغۇر ئايال: ھە، مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ خەۋىرى بار، باغاق تارقاتتۇققۇ. لېكىن (مەكتەپكە خەۋەر قىلدىمۇ ياكى ئىش باشقارمىسىغىمۇ) ئۇ ھەقتىكى گەپلەرنى مەن بەك ئۇقمايدىكەنمەن. مەن خوتۇن كىشى بولغاندىن كېيىن، ئۆيدە قازان بېشىنىڭ ئىشلىرى بىلەن بولدۇم. ئۇنى يولدىشىم قىلغان ئىدى.

مۇخبىر: ئەمما رۇخسەت ئېلىشىڭلار كېرەك دەڭا، قىسقىسى؟

ئۇيغۇر ئايال: ھەئە، مېنىڭچە چوقۇم رۇخسەت ئالساق توغرا بولىدۇ. بىز ئىشلەيدىغان ئادەم بولغاندىن كېيىن شۇ ئۆزىمىزنىڭ ھۆكۈمەت رەھبەرلىكىمىز بار، شۇلارغا خەۋەر قىلىپ، شۇلاردىن رۇخسەت ئېلىپ قىلىمىز قانداق بولسا.

جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدا تۇرۇشلۇق ساقچى پونكىتىنىڭ بىر خادىمى بولسا، ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ نەزىر-چىراغ رۇخسىتىنى شۇ يەرلىك ئاھالىلەر كومىتېتلىرىنىڭ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ساقچى: 1 قانداق رۇخسەتنى دېمەكچى سىز.

مۇخبىر: ھازى نەزىرگە ساقچىخانىدىن رۇخسەت ئالىدۇ، كېلىدىغان ئادەم سانى ۋە باشقا رەسمىيەتلەرنى بېجىرىدۇ، دەيدۇ. شۇڭا، تېلېفون قىلىپ سوراۋاتىمەن، قانداق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىدۇ، دەپ؟

ساقچى: 1 ھە، ئۇ رەسمىيەتلەرنى شۇ ماۋۇ نىمىدىكى بالىلار ئۇقىدۇ، بەنسىچۇدىكى (ئىش باشقارمىسى) دىكى بالىلار. ئۇنى بىز ئۇقمايمىز. ھە، (بولمىسا رەسمىيەت ئېلىش كېرەك)، لېكىن بۇنى بىز تولۇق ئۇقمايمىز. ئاشۇ بالىلار بېجىرىدۇ بۇنى.

شەرقىي ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەلۇم بىر بازىرىدىكى بىر ساقچىخانىنىڭ ئۇيغۇر خادىمى، ئۇلارنىڭ تەۋەلىكىدىكى رايونلاردا نەزىر-چىراغ ۋە باشقا دىنىي پائالىيەتلەر ئۈچۈن كەنت دائىلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، «رۇخسەت ئالماي قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى.

ساقچى: 2 سىز شۇ تەۋەلىكتىكى دادۈيگە بارىسەن، پەيسىور (ساقچىخانا)غا ئەمەس. ھە، دادۈيدىن ئالىدۇ. ئالماي قىلسا بولمايدۇ. نېمە؟ ئاۋۋال شۇ يەردىن خەت ئالىسەن، ئېنىق بولدىما. دۇرۇس، دادۈيدىن. ئۇنى ئالماي قىلغىلى بولمايدۇ. ھە، بۇ سىياسەت. باشقا گەپ بارمۇ؟

مۇخبىر: باشقا گەپ يوق، شۇنى سوراپ باقاي، دېگەن ئىدىم. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سۈننەت توي قىلسىمۇ رۇخسەت ئالامدۇ، نەزىردىن باشقا؟

ساقچى: 2 ئۇنى بىز ئۇقمايدىكەنمىز. شۇ دادۈي بىلەن ئالاقىلىشىلى. بۇ ئىشلار شۇ دادۈينىڭ ئىشى، بىزنىڭكى ئەمەس.

خىتاي «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ پروفېسسورى لا دىشىڭ، بۇ سىياسەت يەرلىك ھۆكۈمەتلەربنىڭ «دىنىي پائالىيەتلەرگە تېخىمۇ ئوبدان خىزمەت قىلىشى» ئۈچۈن چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەما ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ سىياسەتنىڭ مەقسىتى بىر ئۇيغۇرنىڭ ئالاقە دائىرىىسىنى كونترول قىلىشتۇر. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن بۇ سىياسەت ئۇيغۇرلاردا ھېچقانداق شەخسى ئەركىنلىك قويمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بۇ كىشىلەرنىڭ شەخسىيىتى، كىشىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان دەپسەندىچىلىك. مەسىلەن، مېنىڭ كىملەر بىلەن ئالاقە قىلىشىم، كىملەر بىلەن دوست بولۇپ، كىملەرنى ئۆيگە چاقىرىپ مېھمان قىلىشىم، بۇ مېنىڭ شەخسى ئىشىم. بۇنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. بۇ نېمە دېگەندە خىتاي بۇ ئارقىلىق ھەر بىر ئادەمنىڭ بېرىش-كېلىش دائىرىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن تارتىپ، بېرىش كېلىش قىلىدىغان ھەر بىر ئادەمنىڭ شەخسىيىتىگىچە ھەممىنى بىلمەكچى. بۇ دېمەكلىك، بۇ يەردە ھېچقانداق شەخسى مەخپىيەتلىك، ھېچقانداق ئەركىنلىك يوق (دېگەنلىك). ئەركىنلىكى بار ئادەم ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كىمنى قىچقىرىدۇ! باشقىلارنىڭ رۇخسەت ئېلىپ، باشقا ئادەمنىڭ تەستىقى بىلەن قىچقارمايدۇ.

مەزكۇر سىياسەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېڭى سېكرېتارى چېن چۈەنگو ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكىلىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يولغا قويۇلغان. چېن چۈەنگو بۇ يىل 8‏-ئايدا سابىق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ ئورنىغا ئولتۇرغان ئىدى.

ئىلشات ھەسەن، چېن چۈەنگونىڭ تاكتىكىدا جاڭ چۈنشيەنگە قارىغاندا تېخىمۇ كونكرېت ۋە تېخىمۇ قېپ-يالىغاچ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىلشات ھەسەن مۇنداق دەيدۇ: خىتاينىڭ سىياسىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق، جاڭ چۈنشيەننىڭ كېتىشى، چېن چۈەنگونىڭ كېلىشىدە. ئەمما تاكتىكىدا ئۆزگىرىش بار. چېن چۈەنگو ئۇدۇل، قېپ-يالىڭاچ ھەممە نېمەڭگە ئارىلىشىمەن، ھەممە نېمەڭنى مېنىڭكى كۆز ئالدىمدا قىلىسەن، ھېچقانداق ئۇيغۇرنىڭ تۇرمۇشى، ھەتتا سېنىڭ ھۇجرا ئۆيىڭدە ھېچقانداق مەخپىيەتلىك بولماسلىقى كېرەك، مەن ھەممە نەرسىنى بىلىشىم كېرەك، دېگەن شۇ يەرگە ئەكېلىۋاتىدۇ. جاڭ چۈنشيەن بۇنى پەردازلاپ ئېلىپ ماڭغانىدى. ماۋۇنىڭغا كەلگەندە كونكرېتلاشتۇرۇپ، ئوچۇق-ئاشكارا ھەممە نەرسەڭگە ئارىلىشىمەن، دەپ، سېنىڭ كىم بىلەن تۇققان بولۇشىڭنىمۇ بېكىتىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەمما بۇنى زوراۋانلىق بىلەن ئەكەلگىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس. دۇنيادا بۇنىڭدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ھېچقانداق ھاكىمىيەت يوق.

خوتەندە ئاھالىلەر نەزىر-چىراق، سۈننەت توي، نىكاھ، خەتمە-قۇرئان قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلەرنى يەرلىك ئورگانلارغا مەلۇم قىلىش 2014‏-يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولسىىمۇ، ئەمما مەزكۇر بەلگىلىمە بۇ يىل رەسمى سىياسەت قىلىپ بېكىتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.