د ئۇ ق مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.01.26
diniy-zad-zamaniwiy-usul.jpg ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي زاتلارنى «زامانىۋى ئۇسۇل» ئويناشقا مەجبۇرلاپ، مۇسابىقىگە سالغان كۆرۈنۈش. 2015-يىلى، ئۇچتۇرپان.
Socila Media

ئاتاقلىق دىنىي ئۆلىما، «قۇرئان كەرىم» نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسى بىلەن تونۇلغان ئالىم مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى.

26-يانۋار كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇنىڭدىن بىر يېرىم ئايلار ئىلگىرى تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئاتاقلىق دىنىي ئۆلىما مۇھەممەد سالىھ ھاجىم ۋە ئۇنىڭ سالامەتلىكى ھەققىدە ئەندىشىلىرىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر باياناتتا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان، 1980-يىللىرى «قۇرئان كەرىم» نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسىنى ئىشلەپ نەشر قىلدۇرغان، بۇ يىل 82 ياشقا كىرگەن بۇ مويسىپىتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا نىسبەتەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭقۇر ئەندىشىلىرى ئورۇن ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ساھەدىكى سەرخىللىرىغا بولغان دۈشمەنلىكى ۋە يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسەتلىرى قاتتىق ئەيىبلەندى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرقى يىللاردا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە دىنىي زاتلىرىنى يوقىتىش ھەرىكىتىنىڭ ئەۋجىگە چىققانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆز سەركەردىلىرىدىن ئايرىپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. 

د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئۇيغۇر ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئەزاسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ھاجىممۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، مۇھەممەد سالىھ ھاجىم بىلەن 1990-يىلى مىسىردا تونۇشقانلىقىنى، مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ شۇ دەۋردىكى مىسىرنىڭ دۆلەت رەئىسى مۇبارەك ئۆز قولى بىلەن تارقاتقان مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىق تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ، بۇ زاتنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى قوغداش، ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى «قۇرئان كەرىم» نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش شۇنىڭدەك «ھەدىس» ۋە باشقا ئىسلام دىنىغا دائىر مۇھىم ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇش جەھەتلەردە زور ھەسسىلەرنى قوشقانلىقىنى تەكىتلىدى.

24-يانۋار كۈنى ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» مۇ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت 25-يانۋار كۈنى بۇ ھەقتە خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بايانات بېرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇھەممەد سالىھ ھاجىم ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆپلىگەن سەرخىللارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا قارىتا خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى، مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ 1980-يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام تارىخىغا بولغان بىلىمىنى كۈچەيتىش، ئۆز ئانا تىلى بىلەن ئىسلام ئەھكاملىرىنى چۈشىنىشىدە ئوينىغان مۇھىم روللىرىغا يۇقىرى باھا بەردى.

تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ھاجىم ئۆز سۆزىدە، مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى «خىتاينىڭ ئىسلام دىنىغا ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا بولغان دۈشمەنلىكىنىڭ يەنە بىر تىپىك مىسالى،» دەپ كۆرسەتتى. 

د ئۇ ق ۋە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» ئېلان قىلغان باياناتلاردا مۇھەممەد سالىھ ھاجىمدىن باشقا ئۇيغۇر دىيارىدا يەنە ئابدۇكېرەم ئابدۇۋەلى، ئابدۇسەمەت قارىھاجى، ھۆرىگۈل ناسىر، ھەبىبۇللاھ توختى قاتارلىق دىنىي ساھەدىكى بىرمۇنچە زاتلارنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. باياناتتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا كۈندىن-كۈنگە يامانلىشىۋاتقان ۋەزىيەتكە، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ يوقىتىشتەك ئېتنىك قىرغىنچىلىقىغا يەنە سۈكۈت قىلماسلىقى چاقىرىق قىلىندى.

پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى، 1989-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «19-ماي ھەرىكىتى» دىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنى ئىچكى جەھەتتە كۈرەشكە تارتقانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ھاجىم ئاخىرىدا ئەرەب-ئىسلام ئەللىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىسلام دىنىغا ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا بولغان دۈشمەنلىكىگە داۋاملىق سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.